ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنى ئېچىلدى
20:31:00 2024-01-30 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنى ئېچىلدى

 ما شىڭرۇي، ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، شەۋكەت ئىمىن، ئەسقەت كەرىمباي، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ يىغىنغا كېلىپ تەبرىكلىدى

 نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى

 جارۇللا ھېسامىدىن رىياسەتچىلىك قىلدى، كۇڭ شىڭلۇڭ تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى

1- ئاينىڭ 29- كۈنى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. سۈرەتتە: يىغىن نەق مەيدانى.    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار لى ياڭ، جاڭ يۈنمېي) 1- ئاينىڭ 29- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.

 يىغىن مەيدانىنىڭ كەيپىياتى قىزغىن، تەنتەنىلىك بولۇپ، رەئىس سەھنىسىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا ئېسىلغان جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ گېربى كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى، ئوتقاشتەك ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە تىزىلغانىدى.

 ما شىڭرۇي، ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، شەۋكەت ئىمىن، ئەسقەت كەرىمباي، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جارۇللا ھېسامىدىن، كۇڭ شىڭلۇڭ، دوۋ ۋەنگۇي، ياڭ يۇڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، نۇرۇم ئىسمايىلقان، ئېزىز مۇسا، ليۇ خۇيجۈن، ليۇ جيەنمىڭ، پۇ شۆمېي، شۈ شيەنيى، ھەسەنجان ئەخمەت، جىن جىجېن، باش كاتىپ گاۋ جياڭخۇەي رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 527كىشى، ئەمەلىي قاتناشقىنى 492 كىشى بولۇپ، بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

 سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، جارۇللا ھېسامىدىن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى.

 يىغىندا ئالدى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ قارالمىسى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

 نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى.

 نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دېدى: 2023- يىلى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئابىدىلىك، بەلگە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ شىنجاڭغا يەنە بىر قېتىم كېلىپ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا جەمئىيەت تىنچ، ئىناق بولغان، ئىقتىساد مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈردى؛ پارتىيەنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيە كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغان، ھۆكۈمەت پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدىغان، سىياسىي كېڭەش ئەمەلىي ئىشلەپ نەتىجە يارىتىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەر پائال ماسلىشىدىغان يېڭى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

 نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: 2023- يىلى يەنە 13- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش قەدەم ئېلىشنى باشلىغان، ئىلگىرىلەش داۋامىدا سۈپەتنى ئۆستۈرگەن بىر يىل بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىشتە تېخىمۇ ئاڭلىق بولدى؛ باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋى- سىياسىي ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى؛ مەركىزىي ھالقىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، كۈچنى توپلاشنى تېخىمۇ نامايان قىلدى؛ كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە مۇلازىمەت قىلىشى تېخىمۇ نەتىجىلىك بولدى؛ يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ پۇختىلاشنى ئالغا سىلجىتتى. ئۆتكەن بىر يىللىق نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى، نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىدىن بولدى، بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ كۈچلۈك قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ قىزغىن كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ پائال قاتناشقانلىقىنىڭ پايدىسىدىن بولدى، ئۇنىڭغا ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئەزالارنىڭ ئەقىل- پاراسىتى، يۈرەك قېنى ۋە ئەجرى مۇجەسسەملەنگەن.

 نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: 2024- يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ سىياسىينى زىچ چۆرىدەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، كۈچ توپلاش خىزمىتىنى يۇقىرى سەۋىيەدە ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

 كۇڭ شىڭلۇڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 1- يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى. 2023- يىلى، جەمئىي 898 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىندى، 624 پارچە تەكلىپ ئەنگە ئېلىندى، تەكلىپلەرنىڭ بېجىرىلىپ جاۋاب قايتۇرۇلۇش نىسبىتى %100 بولدى.

 يىغىندا سەككىز نەپەر سىياسىي كېڭەش ئەزاسى سۆز قىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، بىڭتۇەندىكى رەھبىرىي يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رەھبىرىي يولداشلار، قىسمەن ھازىرقى ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئېچىلىش مۇراسىمىغا سىرتتىن قاتناشتى، چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق بىر قىسىم ئەلچىلىرى، بىر قىسىم خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، مەملىكەت سىرتىدىكى بىر قىسىم چىياۋمىن قېرىنداشلار ۋە بىر قىسىم شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق زاتلار تەكلىپ بىلەن ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 拉拉·海力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125