ما شىڭرۇي سىياسىي كېڭەش يىغىنىنىڭ مەدەنىيەت- سەنئەت ساھەسى ۋە ئاخبارات- نەشرىيات ساھەسى بىرلەشمە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى
20:47:27 2024-01-30 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ما شىڭرۇي سىياسىي كېڭەش يىغىنىنىڭ مەدەنىيەت- سەنئەت ساھەسى ۋە ئاخبارات- نەشرىيات ساھەسى بىرلەشمە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

 جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ كۆزلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنىڭ ئىدىيە، مەدەنىيەت ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك

 نۇرلان ئەبىلمەجىن قاتناشتى

1- ئاينىڭ 29- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ مەدەنىيەت- سەنئەت ساھەسى ۋە ئاخبارات- نەشرىيات ساھەسى بىرلەشمە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 1- ئاينىڭ 29- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ مەدەنىيەت- سەنئەت ساھەسى ۋە ئاخبارات- نەشرىيات ساھەسى بىرلەشمە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭغا بولغان غەمخورلۇقى ۋە كۆيۈنۈشىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ كۆزلەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، سىستېمىلىق پىلانلاپ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەت- سەنئەت، ئاخبارات- نەشرىيات خىزمىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنىڭ ئىدىيە، مەدەنىيەت ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

 مەدەنىيەت- سەنئەت ساھەسى ۋە ئاخبارات- نەشرىيات ساھەسىدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مۇزاكىرە كەيپىياتى قىزغىن بولدى. جاڭ يى، لى زىلياڭ، جاۋ لى، ليۇ لياڭچېڭ، ئاينۇر مەۋلۇت، يۆ فېڭ، ئادىل ئابلىز، خوۋ خەنمىن، ۋېي جەنخەي، شۈ رۇيجۈن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى، ئۇلار شىنجاڭنىڭ قىزىل مەدەنىيەت بەلگىلىرىنى قېزىش، قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش، شىنجاڭدىكى تاش غار ئىبادەتخانىلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش، شىنجاڭنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى گۈللەندۈرۈش، ئەدەبىيات- سەنئەت نادىر ئەسەرلىرىنى يارىتىش، ئالاقە تورى ئاممىۋى پىكرىنى يېتەكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، مۇزېي ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇپ مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يەرلىك تەزكىرىنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ساياھەت ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتىكى تەسىراتى توغرىسىدا كەڭ- كۇشادە پىكىر بايان قىلىپ، ئىجابىي پىكىر، تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 ما شىڭرۇي كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، ئارىلاپ سۆز قىلىپ سوئال سوراپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئەدەبىي ئىجادىيەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرگە ئىلھام بېرىشنى كۈچەيتىش، تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە تارقىتىش كۈچىنى ئۆستۈرۈش، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن ئوبرازىنى نامايان قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر توغرىسىدا كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىرى ناھايىتى ياخشى، ناھايىتى ئەمەلىي بولدى، ھەم چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرى بار، ھەم ئۆز ئەمەلىيىتىدىكى تەجرىبىلەر بار، ئالاقىدار تارماقلار ياخشى رەتلەپ، ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، ئۇدا ئىككى يىل شىنجاڭغا كېلىپ، مۇھىم سۆز قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەت. بىز باش شۇجىنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چوڭقۇر پىلانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، دىققەتنى بايراقنى كۆتۈرۈش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەت بۇرچ- ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىستېمىلىق قاراشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قاتمال تەپەككۇرنى بۇزۇپ تاشلاپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ۋە پىلانلاپ، بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى توغرا تېپىپ، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، تىرىشىپ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتىكى يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشنى قۇدرەتلىك قىممەت يېتەكچى كۈچى، مەدەنىيەت ئۇيۇشۇش كۈچى، مەنىۋى تۈرتكىلىك كۈچ بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ھەم پۇختا بولغان «قاتتىق ئەمەلىي كۈچ»نىڭ تىرەك بولۇشىغا، ھەم چوڭقۇر بولغان «يۇمشاق ئەمەلىي كۈچ»نىڭ كاپالەتلەندۈرۈشىگە ئېھتىياجلىق، مەدەنىيەت- سەنئەت، ئاخبارات- نەشرىيات قاتارلىق سەپلەرنىڭ ئىستىقبالى زور. توغرا يۆنىلىشنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىش، ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكى، قىممەت يۈزلىنىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دەۋر باش تېمىسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، بۇرچ- ۋەزىپىنى ئاڭلىق زىممىگە ئېلىش كېرەك. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر، پۇختا ئىشلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تەتقىق قىلىش، بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش، تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئارخېئولوگىيە خىزمىتى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقىنىڭ كۆپ خىل قىممىتىنى تولۇق قېزىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا يۇقىرى سەۋىيەدە تۈرتكە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەش كېرەك. ئىدېئولوگىيە بازىسىنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى تەلىپىگە پائال ئۇيغۇنلىشىپ، ئاخبارات ئاممىۋى پىكرىنىڭ يېتەكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تاشقى تەشۋىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، كۆپ خىل يول، كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئىدېئولوگىيە خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. مەدەنىيەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈپ، راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىپ راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت- سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ تەسىرلەندۈرۈش كۈچى، تارقىتىش كۈچى، تەسىر كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرىگە ئىلھام بېرىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان، خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئاشۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى تۇتۇش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا بولغان سىياسەت، مەبلەغ قاتارلىق جەھەتلەردىكى سېلىنمىنى زورايتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ پۇختا قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال تۈردە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ چارە- تەدبىر كۆرسىتىپ، ئورتاق تونۇشنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن سىياسىي كېڭەش كۈچىنى قوشۇشى كېرەك.

  ۋاڭ جيەنشىن، سۈن خۇڭمېي، دوۋ ۋەنگۇي بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 拉拉·海力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125