ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەيلى
20:58:41 2024-01-30 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

شىنجاڭ گېزىتى باش ماقالىسى

 تەبىئەت قانۇنىيىتى بويىچە باھار كېلىپ يېڭى بىر يىل باشلاندى، شەيئىلەر يېپيېڭى كەيپىياتقا ۋە ھاياتىي كۈچكە تولدى. بۈگۈن، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى داغدۇغىلىق ئېچىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى سەپلەردىن كەلگەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خەلقنىڭ ئۈمىدى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، تولۇپ تاشقان سىياسىي قىزغىنلىق بىلەن ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى ئۈستىدە ئورتاق پىلان تۈزىدۇ. بىز يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

 بۇ قېتىمقى يىغىن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر زور ئىش. بۇ قېتىمقى يىغىننى ياخشى ئېچىش ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنى جان- دىل بىلەن خىزمەت قىلىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەشكە سەپەرۋەر قىلىپ ۋە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

 كۈرەش قىلىش ئارقىلىق شان- شەرەپ پۈتۈلىدۇ. 2023- يىلى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ شىنجاڭغا يەنە بىر قېتىم كېلىپ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى مۇقىم بولغان، ئىقتىساد مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا يېڭى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، بۇ نەتىجىلەرگە يەنە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ھەم ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە يۈرەك قېنى مۇجەسسەملەنگەن.

 2023- يىلى ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش باشلانغان يىل. بۇ بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشتىكى باشلىنىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا، ئەمەلىي تېپىپ، ياخشى نىزام چىقىرىش، كۈچلۈك نازارەت قىلىش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشنىڭ دەۋر جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇردى، بولۇپمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك نىزام چىقىرىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلدى، جەمئىيەتنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشقا تۈرتكە بولدى، ئاممىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشىنى قوغدىدى؛ توغرا نازارەت قىلىش، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش، قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك نازارەتچىلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىككە مۇلازىمەت قىلدى؛ خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ۋەكىللەر خىزمىتى ئارقىلىق مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشنى پۇختا، كۈچلۈك دېموكراتىك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

 بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. يېڭى يىل كىرىشى بىلەن ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي يىغىنىدا، 2024- يىللىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ھەم ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى شەرەپلىك بۇرچنى ئاڭلىق زىممىگە ئېلىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھالقىلىرىنىڭ ھەممىسىدە خەلقنىڭ ساداسىنى ئاڭلىيالايدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەڭ كەڭ دائىرىدە ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك ئىشلاردا دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

 كۈچلۈك شامالدا يەلكەن چىقىرىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان پەيت يېتىپ كەلدى. يىغىنغا قاتناشقان بارلىق ۋەكىللەرنىڭ خەلق ئارىسىدىن كېلىش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا چۆكۈپ، خەلق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، خەلقنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىللىق بىلەن تولۇق ئادا قىلىپ، خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، بۇ قېتىمقى يىغىننى دېموكراتىك، ئىتتىپاق، ئەمەلىيەتچىل، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان يىغىن قىلىپ ئېچىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمىز!

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 拉拉·海力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125