ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 1- يىغىن ئۆتكۈزدى
21:33:58 2024-01-30 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 1- يىغىن ئۆتكۈزدى

 يىغىن كۈنتەرتىپى بېكىتىلدى، بۇ قېتىمقى يىغىن 1- ئاينىڭ 30- كۈنى ئېچىلىدۇ، يىغىن ۋاقتى تۆت كۈن

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى تەييارلىق يىغىنىدا سايلاپ چىقىلغان يىغىن ھەيئەت رىياسىتى 1- ئاينىڭ 29- كۈنى چۈشتىن كېيىن 1- يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىكى 54 كىشى، ئەمەلىي قاتناشقىنى 49 كىشى، قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

 يىغىندا ئالدى بىلەن ما شىڭرۇي، زۇمرەت ئوبۇل، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقامەت، دىلشات قىدىرخان، پىڭ شىنلەي، ۋاڭ گوخې، مەمتىمىن قادىر، جاۋ تيەنجيې، مۇتەللىپ روزى ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىكىگە سايلاندى.

 ئارقىدىن، يىغىندا ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى زۇمرەت ئوبۇلنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىنىڭ كۈن تەرتىپى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. كۈنتەرتىپكە ئاساسەن، يىغىننىڭ 1- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلىپ، 2- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن كېيىن يېپىلىدىغانلىقى، يىغىن ۋاقتىنىڭ تۆت كۈن بولىدىغانلىقى بېكىتىلدى.

 يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، يىغىن ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى سايلاپ چىقىلدى، يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى قارار قىلىندى.

 يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىنىڭ سايلام چارىسى لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللىنىپ، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

 يىغىندا ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ بېرىش ۋاقتىنى 1 - ئاينىڭ 31- كۈنى سائەت 18دە ئاخىرلاشتۇرۇش قارار قىلىندى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 拉拉·海力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125