ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەر جەزمەن قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىشى كېرەك. ئەمگەكچى چىقىرىپ بەرگەن سۇغۇرتىغا قاتنىشىشتىن ۋاز كېچىش باياناتى مەيلى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولسۇن ياكى بولمىسۇن، قانۇندىكى مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك بەلگىلىمىگە خىلاپ بولۇپ، قانۇن جەھەتتە كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)