كۆزگە پايدىلىق يېمەكلىكلەر
12:22:37 2024-01-31 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 كالتسىي مول يېمەكلىكلەر: كالتسىي كۆز توقۇلمىلىرىنىڭ قوغدىغۇچىسى، بەدەندە كالتسىي كەملىسە كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ئاجىزلاپلا قالماي، كىرىستال تەنچىنىڭ بېسىمى ئارتىش، كۆز قارىچۇقىنىڭ ئالدى- كەينىدىكى مۇسكۇللار ئۇزىراش، مۈڭگۈز پەردە ۋە كىرپىكسىمان مۇسكۇلدا چېكىنىش مەنبەلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەيدا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، ئادەمنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ ياكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. ئادەتتە راك، خەيدەي، دادۇر، كۆكتات، سۈت ۋە خاسىڭ قاتارلىق كالتسىيلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگەندە، كۆز ساغلاملىقىغا پايدىلىق.

 سىنك مول يېمەكلىكلەر: قان تومۇرلۇق پەردە ۋە كۆرۈش تور پەردىسى سىنكنى كۆپ تەلەپ قىلىدۇ. كالا گۆشى، تۇخۇم، خاسىڭ، ياڭاق، ياڭيۇ، سەۋزە، شوخلا، ئالما قاتارلىق يېمەكلىكلەر تەركىبىدە سىنك مول، شۇڭا كۆزگە پايدىلىق يېمەكلىكلەر ھېسابلىنىدۇ.

 خىروم مول يېمەكلىكلەر: خىروم كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش ۋە يىراقنى كۆرەلمەسلىك بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا ئوزۇقلانغاندا تەركىبىدە خىروم مول يېمەكلىكلەرنىمۇ يەپ بېرىش كېرەك. كالا گۆشى، قارامۇچ، قوناق، گۈرۈچ، قارا شېكەر ۋە ئۈزۈم شەربىتىدە خىروم مول.

 سېلىن مول يېمەكلىكلەر: بەدەندىكى سېلىن مۇۋاپىق مىقداردا بولسا، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئۈنۈملۈك يۇقىرىلايدۇ. تۇخۇم، بېلىق، دادۇر، موگو، لۇخۇي ۋە سەۋزىدە سېلىن مول.

 ۋىتامىن A، ۋىتامىن C مول يېمەكلىكلەر: قىزىل، قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك كۆكتاتلار ۋە مېۋىلەردە ۋىتامىن A مول، بولۇپمۇ سەۋزە، لازا، شوخلا، جۈزە، لىمون ۋە ئاق لوبودا تېخىمۇ كۆپ. بۇ يېمەكلىكلەردە ۋىتامىن Aدىن باشقا، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئېھتىياجلىق ۋىتامىن Cمۇ بار.  

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125