تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملەپ، ئېچىۋېتىش يېڭى ئوبرازىنى نامايان قىلىش
12:25:08 2024-01-31 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملەپ، ئېچىۋېتىش يېڭى ئوبرازىنى نامايان قىلىش

 − ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي

 يەنە بىر يىللىق كاتتا يىغىن پەيتى.

 1- ئاينىڭ 29- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ خەلق سارىيىنىڭ ئىچى ئىللىقلىققا تولغان بولۇپ، كەيپىيات تەنتەنىلىك ئىدى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنى بۇ يەردە ئېچىلدى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل- قىزلارنىڭ ئۈمىدى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەر مىللەت، ھەر ساھە، ھەرقايسى پارتىيە- گۇرۇھلار، تەشكىلاتلاردىن كەلگەن 492 نەپەر ئەزاسى بۇ يەرگە جەم بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن دانا تەكلىپلەرنى بەردى، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى كۆرسەتتى.

 سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، يىغىن باشلاندى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇردى، ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى يىغىن مەيدانىدا ياڭرىدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى.

 − نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، سۇ بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ۋە ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئوقۇش، داۋالىنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئولتۇراقلىشىش قاتارلىق 27 تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشىنى ئالغا سىلجىتىش چىڭ كۆزلەندى؛

 − تەكلىپ «كۆپ بولمىسىمۇ سەرخىل بولۇش»تا چىڭ تۇرۇلۇپ، 898 تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىنىپ، 624 پارچىسى ئەنگە ئېلىندى، بېجىرىپ جاۋاب قايتۇرۇش نىسبىتى %100 بولدى؛

 − ئىككى قېتىم «شىنجاڭ كارخانىلىرى . رەئىسلەر يۈزتۇرا» كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى ۋە پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا تەكلىپ بېرىلدى، رەتلەپ چىقىلغان 14 تۈردىكى 192 پىكىر- تەكلىپنى ئالاقىدار تارماقلار پۇختا ئالغا سىلجىتتى، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى؛

 ...

 دوكلاتتىكى ھەربىر سۆز ناھايىتى جاراڭلىق بولۇپ، كىشىنى روھلاندۇرىدۇ؛ خىزمەتلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە، ماختاشقا ئەرزىيدۇ، يارقىن نۇقتىلار كۆپ. ئەزالار بەزىدە پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلىسا، بەزىدە قولىغا قەلەم ئېلىپ خاتىرە قالدۇردى، پات- پات قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. بۇ ئالقىش سادالىرى ئەزالارنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق شىنجاڭنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا بولغان قەتئىي ئىشەنچى، ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

 ئارقىدىن، سەككىز نەپەر سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ يىغىندا سۆز قىلدى. ئۇلار دىققەتنى پەن- تېخنىكا كۈچى ئارقىلىق چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، پۇقراۋى ئىگىلىكنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ تەڭشەش، سۇ كۆپەيتىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش قاتارلىق قىزىق تېمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەردى.

 − يۇقىرى سۈپەتلىك مەدەنىيەت- ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش؛

 − تىجارەت- سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛

 − سىرتقا ئېچىۋېتىش سۇپىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش؛

 ...

 ھەربىر تەھلىل، ھەربىر تەكلىپتە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى قىيىن نۇقتا ۋە ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتىلار چىڭ كۆزلىنىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ پارلاق كەلگۈسى سۈرەتلەندى.

 سەھنە بىلەن سەھنە تۆۋىنىدە، ئورتاق تونۇش ھاسىل بولدى؛ يىغىن مەيدانى ئىچى- سىرتىدا قەلبلەر ھاياجانغا تولدى.

 «دوكلاتنى ئاڭلاپ بولۇپ، ناھايىتى ھاياجانلاندىم، دوكلاتتا سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى نامايان قىلىنىپتۇ.» ئەزا خانزات ئابلىكىم تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق بىلدۈردى: چىن ھېسسىيات بىلەن خەلق رايىنى يەتكۈزۈپ، خەلقنىڭ ئەقىل- پاراسىتىگە تايىنىپ خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ھېس قىلدۇرىمىز.

 دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا، ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى ھەمكارلىشىپ بەرپا قىلىش، كۈچنى مۇجەسسەملەپ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتىسىنى بەرپا قىلىش تىلغا ئېلىندى. ئەزا قۇربانقۇل كاماس مۇنداق تونۇشتۇردى: تاشقورغان قونجىراپ ئايرودۇرۇمىدا تۇنجى ئايروپىلان ئوڭۇشلۇق قاتناپ، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ھاۋا يولى كېڭەيتىلدى، شۇنداقلا يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن بوشلۇق كۆۋرۈكى سېلىندى. «يۇقىرى سۈپەتلىك يول تورى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، بۇ يىل مەن دۆلەت يولى 314- لىنىيەسىنىڭ قەشقەردىن تاشقورغان قونجىراپقىچە بولغان يول بۆلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش بويىچە ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ تاپشۇرماقچى » دېدى ئۇ.

 يىغىن مەيدانىدا ئولتۇرغان كىشىلەر ئارىسىدا، يەنە بىر قىسىم يېڭى چىرايلار بار. چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق بىر قىسىم ئەلچىلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى، مەملىكەت سىرتىدىكى بىر قىسىم چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق بىر قىسىم زاتلار قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى، كۆپلىگەن چەت ئەل تاراتقۇلىرى ھەم شياڭگاڭ، ئاۋمېن تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى يىغىننى خەۋەر قىلىشقا قاتناشتى.

 ئۇلارنىڭ كېلىشى شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسىنىڭ بارغانسېرى چوڭ ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى، ئىشەنچ ئاساسىنىڭ بارغانسېرى تولۇق بولۇۋاتقانلىقىنى، تەرەققىيات ئىستىقبالىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

 «بۇ قېتىمقى يىغىندا مەن ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە قانداق قىلىپ مەدەنىيەت كۆۋرۈكى سېلىپ، ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇپ، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت» دېدى ئۆزبېكىستاندىكى خۇاچياۋ مارىيە غوپۇر.

 ئېچىلىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كۆپچىلىك يىغىن مەيدانىدىن چىقتى. ھەربىر ئادەمنىڭ چىرايىدا قەتئىيلىك، ئىشەنچ تەبەسسۇمى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى، قىشتىكى ئىللىق قۇياش نۇرىدا يېڭى نىشانغا قاراپ، جاسارەت بىلەن يەنە يولغا چىقتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 拉拉·海力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125