ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە تەكلىپ خىزمىتى دوكلاتىنى قاراپ چىقتى
12:27:35 2024-01-31 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە تەكلىپ خىزمىتى دوكلاتىنى قاراپ چىقتى

 داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىمىز

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

 1- ئاينىڭ 29- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەزالار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق گۇرۇپپىدا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئەستايىدىل قاراپ چىقتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ 2024- يىللىق كېڭىشىش پىلانىغا بىرلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى مۇزاكىرە قىلدى ھەم ساھەلەرنىڭ تەكلىپلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ پىكىر ئالماشتۇردى.

 قاراپ چىقىش جەريانىدا، ئەزالار يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتىكىتولۇپ تاشقان قىزغىنلىقى بىلەن بەس- بەستە سۆز قىلىپ، ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلدى، نەق مەيدان كەيپىياتى قىزغىن بولدى.

 كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: دوكلاتنىڭ مەزمۇنى مول بولۇپ، مۇھىم نۇقتىلار گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، ئۇنىڭغا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى تولۇق سىڭدۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيانقى سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىشلىگەن پۇختا خىزمەتلىرى نامايان قىلىنىپتۇ، بۇ يىللىق خىزمەت ۋەزىپىلىرى ئېنىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپتۇ، بۇ، بايراق روشەن بولغان، ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدەلگەن، ئىتتىپاقلىشىپ غەيرەتنى ئۇرغۇتىدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. كېيىنكى قەدەمدە داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.

 «دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئوبيېكتىپ، ئومۇميۈزلۈك، كىشىنى روھلاندۇرىدىغان بولۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى نامايان قىلىنىپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.» ئەزا نەبىجان ئىبراھىم مۇنداق دېدى: جەزمەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشنى خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى- سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەشنى مەركىزىي ھالقا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ قوشىمىز.

 «دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنىڭ ئالاھىدىلىكى روشەن، نەتىجىلەر كۆرۈنەرلىك بولۇپ، كىشىنى روھلاندۇرىدۇ.» ئەزا شياۋ ۋېنجياۋ مۇنداق دېدى: دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتىدىكى تەلەپلەر بويىچە، مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنىمىزغا قويۇپ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، ئەزالىق رولىمىزنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، يېڭى دەۋردە يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە يېڭى نەتىجىنى نامايان قىلىمىز.

 ئەزا لى يۈخۇڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى سىياسىي يۈكسەكلىكى يۇقىرى، ئىللىقلىققا تولغان، چوڭقۇرلۇققا ئىگە، ئاممىغا ناھايىتى يېقىن دوكلات بوپتۇ، دەپ قارىدى. ئالىي مەكتەپتە خىزمەت قىلىۋاتقان سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشتا رولۇمنى جارى قىلدۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت ۋە سانائەت مەدەنىيىتىنى يۇغۇرۇپ، ئۆزگىچىلىككە، خاسلىققا ئىگە مەكتەپ مەدەنىيىتى بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك يېتەكلەيمىز.

 ئەزا لۇ چېن مۇنداق بىلدۈردى: دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا 2023- يىللىق خىزمەتلەر بەش جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ خۇلاسىلىنىپتۇ، يېڭى بىر يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ نىشانى ئېنىق بوپتۇ. تېببىي دورا، ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ۋەزىپە- مەسئۇلىيىتىمنى ئەستايىدىل، تولۇق ئادا قىلىپ، ھازىرقى باسقۇچتىكى شىنجاڭنىڭ داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى چوڭقۇر ئىنكاس قىلىپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، پەن قۇرۇلۇشى، مائارىپ، ئوقۇتۇش قاتارلىق جەھەتلەردە، ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان پىكىر- تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ داۋالاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىمەن.

 «ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن.» ئەزا يوۋ جياڭبىن مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى بىر يىلدا، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سەۋىيەمىزنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقىنىڭ ئەقلىي كۈچ ئەۋزەللىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ۋەزىپە- مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىمىز.

 ئەزا ئايزۇلپار مەمتىمىن خوتەن ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ دىكتورى بولۇپ، ئەمەلىي دوكلات ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىغا يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، «مەن تەشۋىقات خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق رايىنى ئىگىلەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆپرەك ئىجابىي پىكىر- تەكلىپلەرنى بېرىمەن» دېدى ئۇ.

 (مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار شيې خۇيبيەن، جيا چۇنشيا، سۇ لۇپىڭ، مېھرىگۈل غوپۇر، گۇەن مېڭيىڭ)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 拉拉·海力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125