سەككىز ئەزا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىدا سۆز قىلدى
12:32:25 2024-01-31 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 سەككىز ئەزا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىدا سۆز قىلدى

 جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەردى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار لى ياڭ، جاڭ يۈنمېي) 1- ئاينىڭ 29- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سەككىز ئەزاسى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئەزالار مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭ چارۋىچىلىقىنىڭ ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش، شىنجاڭنىڭ خاس جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، شورلۇق يەرلەرنى ئۇنىۋېرسال ئۆزگەرتىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ تەڭشەش، سۇ كۆپەيتىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەردى.

 ئەزا مۇيەسسەر توختى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت- ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى بەرپا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ساياھەت ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ زامانىۋىلىشىش، ئاقىللىشىش، رەقەملىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەكلىپىنى بەردى.

 ئەزا ليۇ ۋۇجۈن پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق چارۋا نەسىلچىلىكىدىكى تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يېڭىچە ئەلا نەسىل يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى ئورنىتىپ، زامانىۋىلاشقان نەسىل يېتىشتۈرۈش باشلامچى كارخانىلىرىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ چارۋىچىلىقىنىڭ ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقى ئەۋزەللىكىنى كەسىپ تەرەققىياتى ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 ئەزا مىرا خاۋان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدىكى خاس جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى كەسىپ سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى ئۆلچەملىك خاس جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى بويىچە ئەلا سورت يېتىشتۈرۈش بازىسى ۋە تېرىقچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىنى نۇقتىلىق بەرپا قىلىپ، سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىختىساسلىقلار تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خاس ماركا يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ خاس جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەكلىپىنى بەردى.

 ئەزا جياڭ پىڭئەن شورلۇق يەرلەرنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شورلۇق يەرنى تىزگىنلەش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ كېڭەيتىشنى كۈچەيتىپ، شورلۇق يەر خاس كەسىپلىرىنى ئېچىپ پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 ئەزا ئابدۇۋەلى ئابلىمىت دىن ساھەسىدىكىلەرنىڭ شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش تەكلىپىنى بەردى.

 ئەزا خەن جيەنگاڭ ئادىل، ھەققانىي بولغان بازار ھەرىكىتى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، «ئىش بولمىسا ئاۋارە قىلماسلىق» نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش، تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سىياسەت جەھەتتىن يۆلەشنى كۈچەيتىپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئۇرغۇتۇش تەكلىپىنى بەردى.

 ئەزا بەي يۈنگاڭ شىنجاڭ سۇ تورى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، سۇ بايلىقىنى زاپاس ساقلاش، تەقسىملەش، تەڭشەپ ساقلاش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، زامانىۋىلاشقان سۇ تېجەش، سۇنى تىزگىنلەش ئۆرنىكى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى سۇ تىرىكى، سۇ كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش تەكلىپىنى بەردى.

 ئەزا ما خۇادۇڭ جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىغا ۋاكالىتەن شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، «بىر پورت»نىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، «ئىككى رايون»نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، پورت ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش تەكلىپىنى بەردى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 拉拉·海力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125