ئالقىش سادالىرى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ياڭرىدى
12:35:01 2024-01-31 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئالقىش سادالىرى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ياڭرىدى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

 «مەن ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل مىڭئۆي تەتقىقات ئورنىدىكى بارلىق خىزمەتچى خادىملارغا ۋاكالىتەن رەھمەت ئېيتىمەن!»

 1- ئاينىڭ 29- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ مەدەنىيەت- سەنئەت ساھەسى ۋە ئاخبارات- نەشرىيات ساھەسى بىرلەشمە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرىسىدە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى جاۋ لى شىنجاڭ تاش ئۆڭكۈر ئىبادەتخانىسىنى قوغداش ۋە قىممىتىنى قېزىشنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا تەۋسىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، مۇزاكىرىگە قاتناشقان ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى مۇنداق بىلدۈردى: مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، رېمونت قىلىش، پايدىلىنىشنى كۈچەيتىشنىڭ ئەھمىيىتى زور، ئاپتونوم رايون مەبلەغ، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردە قوللايدۇ.

 نەق مەيداندا گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى، ئەزا جاۋ لى ھاياجانلانغان ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇقىرىقى سۆزنى قىلدى.

 يەنە بىر قېتىملىق ئالقىش ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ليۇ لياڭچېڭ ئۈچۈن ياڭرىدى. ئۇ يېقىندا «بېنبا» ناملىق ئەسىرى بىلەن ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، كۆپچىلىك ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى سۆزىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەچكە بەس- بەستە چاۋاك چالدى.

 «جۇڭگو ئەدەبىيات گۈلزارلىقىدا، شىنجاڭ ئەدەبىياتى ئۆزگىچە ئورۇنغا ئىگە.» ليۇ لياڭچېڭنىڭ ئوچۇقلا قىلىپ ئېيتقان بۇ سۆزى كۆپچىلىكنىڭ قىزىقىشىنى تېخىمۇ قوزغىدى. ئۇ شىنجاڭ ئەدەبىياتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى رەتلەپ چىقىپ، شىنجاڭ ئەدەبىياتىنى رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى تەتقىق قىلىپ يولغا قويۇپ، مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى مۇكاپاتلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، گۈللەندۈرۈش تەكلىپى بەردى.

 ليۇ لياڭچېڭ بۇنى مۇنداق چۈشەندۈردى: «ئەدەبىيات ھېسسىيات ئالماشتۇرىدىغان سەنئەت، ھەر مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى نامايان قىلىشى كېرەك، بۇ بىزنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىشىمىزنىڭ ئېھتىياجى».

 بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە كەيپىيات قىزغىن بولدى، سۆز قىلغان ئەزالار كەڭ- كۇشادە پىكىر قىلدى.

 «بىزنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزنىڭ <يىلتىز>ى بار، بۇ <يىلتىز> دەل جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق جۇغلانمىسى.» ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ تەتقىقاتچىسى ئادىل ئابلىز مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ مول تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقىغا جۇڭخۇا مەدەنىيىتى گېنى چوڭقۇر ئويۇلغان، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئېلېمېنتلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، تاۋلاپ، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە تەشۋىقات ۋە چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى تىرەك بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىمەن.

 ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى تەھرىراتىنىڭ مۇھەررىرى ئاينۇر مەۋلۇت مۇنداق قارىدى: ئەدەبىيات- سەنئەت ئىجادىيىتى، رېژىسسورلۇق، ئورۇنلاش قاتارلىق تۈرلۈك كەسىپلەردىكى يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى باشلامچى ئىختىساسلىقلارنى نۇقتىلىق يېتىشتۈرۈپ، «بىر داڭلىق شەخسنى يېتىلدۈرۈپ، بىر قوشۇننى يېتەكلەش» زەنجىرسىمان ئۈنۈمنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاممىۋى ئەدەبىيات- سەنئەت ئىجادىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 «ھەرقايسى جايلارنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۇقرالارنى <كۆرەلەيدىغان، ئاڭلىيالايدىغان، قاتنىشالايدىغان> بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، زامانىۋى، مودا يېڭى تۇرمۇشقا ئۈزلۈكسىز سىڭىشىش كېرەك» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۈ رۇيجۈن.

 مەدەنىيەت گۈللەنسە، تاغ- دەريالار تېخىمۇ گۈزەللىشىدۇ. ئەزالار يەنە مەدەنىيەت تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىدېئولوگىيە بازىسىنى ياخشى ساقلاش، تەزكىرىنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا توغرا ھەم ئېنىق چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، ئەمەلىي ئىنكاس قايتۇردى، كۆپچىلىك پات- پات ئالقىش ياڭراتتى.

 «كۆپچىلىكنىڭ سىستېمىلىق تەتقىق قىلىش، پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، بىرگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان خۇلاسە سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يىغىن پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ تېخىمۇ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ئاياغلاشتى.

 ئالقىش سادالىرى كىم ئۈچۈن ياڭرىدى؟ شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ ئىشەنچى ئۈچۈن ياڭرىدى، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش ئىشەنچى ئۈچۈن ياڭرىدى، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ پارلاق ئىستىقبالى ئۈچۈن ياڭرىدى!

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 拉拉·海力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125