ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 1- يىغىنىدىن بۇيان 624 پارچە تەكلىپ بېجىرىلىپ جاۋاب قايتۇرۇلدى
12:39:48 2024-01-31 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 1- يىغىنىدىن بۇيان 624 پارچە تەكلىپ بېجىرىلىپ جاۋاب قايتۇرۇلدى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىرلار جاڭ يۈنمېي، لى ياڭ) ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنىدىن بۇيان، جەمئىي 898 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىندى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق 624 پارچە تەكلىپ ئەنگە ئېلىندى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ھەم بىڭتۇەندىكى 94 ئورۇن تەكلىپنى بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالدى، بېجىرىپ جاۋاب قايتۇرۇش نىسبىتى %100 بولدى.

 بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى قەيەردە بولسا، تەكلىپ- تەۋسىيەلەرنى شۇ يەرگىچە داۋاملاشتۇرۇش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، تەكلىپ خىزمىتى مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپلەرنى پىلانلىق يېتىلدۈرۈپ، تەكلىپ خىزمىتىنىڭ ساندىن سۈپەتكە قاراپ ئۆزگىرىشىنى، يىغىندىن بۇرۇن توپلاشتىن پۈتۈن يىللىق تەشكىللەشكە ئۆزگىرىشىنى، «مەن تەكلىپ بېرەي سىز بېجىرىڭ»دىن كېڭىشىپ بېجىرىشكە ئۆزگىرىشىنى ئالغا سىلجىتتى.

 كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت دىققەت قىلىۋاتقان چوڭ ئىشلارغا، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدا جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشلارغا، ھەر مىللەت ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىيىن ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەكلىپ بېرىش ئۇسۇلىدىن پائال پايدىلىنىپ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ چارە- تەدبىر كۆرسىتىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە كۈچ قوشۇش ئۈچۈن ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلدى.

 شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، شەھەر رايونىدا جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەر ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش تەشكىلىي سىستېمىسىنى كۈچۈك قىلىپ قۇرۇش، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش تۈزۈم كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاساسىي قاتلامدىكى زىددىيەت- ماجىرالارنى ھەل قىلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. سودا ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش، ئالاقىدار قانۇن- نىزاملارنى ئۆزگەرتىش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەر تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

 شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى كۈچەيتىش جەھەتتىكى تەۋسىيەلەر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى رەھبەرلەرنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشتى، خاس تۈرلەرنى يولغا قويۇش، مەخسۇس تېمىدىكى پىلانلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرگە دائىر بېجىرىش تەدبىرلىرى ئارقىلىق، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ۋاسىتىسى ۋە سۇپىسى بېيىتىلدى، كېڭەيتىلدى.

 شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە، مەدەنىيەت نادىر قۇرۇلۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقاتنى كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئېلېمېنت بەلگىلىرىنى قېزىش، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەر شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش ۋاسىتىسىنى بەرپا قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىشقا قارىتا مۇھىم تەدبىر بەلگىلەشتە پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.

 خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتىكى تەۋسىيەلەر ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، باج ئېتىبار سىياسىتىنى تۈزۈش، تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش قاتارلىق سىياسەت- تەدبىرلىرىدە قوللىنىلدى. ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونلارنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئۇچۇر كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش جەھەتتىكى تەۋسىيەلەر شىنجاڭنىڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، سانائەتنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسىنى تۈزۈشتە نامايان قىلىندى.

 شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، ھەرخىل ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەر سىياسەت مەدىتىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق سىياسىتى ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى تۇتۇپ قېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانى ۋە ئىختىساسلىقلار ئىسلاھاتى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. ئورمان- ئوتلاق ئارقىلىق كاربون يىغىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەر ئېكولوگىيە- مۇھىتنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشقا سىياسىي كېڭەش كۈچىنى قوشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 拉拉·海力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125