تەشۋىقات ئېلانى | ئېنىق چۈشەنچە − ئەزا ۋۇ ۋېيدۇڭ
18:56:01 2024-01-31 تىيانشان تورى


 يېزا- كەنتلەرگە رەقەملەشكەن «قانات» ئورنىتىپ، رەقەملىك تېخنىكىنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئىككى يىغىنىدا، جۇڭگو دېھقان- ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتى «رەقەملەشتۈرۈش ئارقىلىق يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ»نى سۇنۇپ، يېزىلارنىڭ رەقەملىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، رەقەملىك تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزىلارنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش تەكلىپىنى بەردى.

 بۇ تەكلىپنى چۈشىنىشلىك، سالمىقى بار قىلىش ئۈچۈن، تەكلىپ لايىھەسىنى تەييارلاشقا قاتناشقان ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو دېھقان- ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى ۋۇ ۋېيدۇڭ شىنجاڭنىڭ رەقەملىك يېزا- كەنت تەرەققىياتى تەتقىقاتىغا دائىر نۇرغۇن ھۆججەتلەرنى كۆرۈپ چىقتى ھەم پۈتۈن شىنجاڭنىڭ 5G ئاساسىي پونكىت قۇرۇلۇشى ئەھۋالى، تور بىلەن قاپلىنىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125