ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى ئېچىلدى
22:38:03 2024-01-31 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى ئېچىلدى

ما شىڭرۇي، ئىسمائىل تىلىۋالدى قاتناشتى

ئەركىن تۇنىياز ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى   زۇمرەت ئوبۇل رىياسەتچىلىك قىلدى

نۇرلان ئەبىلمەجىن، شەۋكەت ئىمىن، ئەسقەت كەرىمباي، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى

1- ئاينىڭ 30- كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. سۈرەتتە: يىغىن نەق مەيدانى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي)  ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى 1- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدىكى ھەرقايسى سەپلەردىن كەلگەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بۇرچ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى زىممىسىگە ئېلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدۇ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ.

 شىنجاڭ خەلق سارىيىدا كەيپىيات تەنتەنىلىك، قىزغىن ئىدى، دۆلەت گېربى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئارقا پەردىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېسىلغان بولۇپ، ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە تىزىلغانىدى.

 ئىجرائىيە رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن ما شىڭرۇي، زۇمرەت ئوبۇل، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقامەت، دىلشات قىدىرخان، پىڭ شىنلەي، ۋاڭ گوخې، مەمتىمىن قادىر، جاۋ تيەنجيې، مۇتەللىپ روزى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى. ئېچىلىش يىغىنىغا زۇمرەت ئوبۇل رىياسەتچىلىك قىلدى.

 ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئەركىن تۇنىياز، نۇرلان ئەبىلمەجىن، شەۋكەت ئىمىن، ئەسقەت كەرىمباي، ياڭ چېڭ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

 يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 548 كىشى، قاتناشقان ۋەكىل 530 كىشى بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

 سائەت 10دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، يىغىن باشلاندى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى.

 قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

 ئەركىن تۇنىياز 2023- يىللىق خىزمەتلەرنى 11 جەھەتتىن خۇلاسىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ شىنجاڭغا يەنە بىر قېتىم كېلىپ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشىمىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. 2023- يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %6.8 ئاشتى، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى %6.4 ئاشتى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى %12.4 ئاشتى، ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى %45.9 ئاشتى، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم ئايرىم- ئايرىم ھالدا %5.6، %8.4 ئاشتى، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، بۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولغان بىر يىل بولدى.

 ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: 2024- يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە، بىرقانچە جەھەتنى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى يېڭى دەۋردىكى چىڭ داۋلى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت بۇ مەركىزىي خىزمەت ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ سىياسىي مەنا قوشۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىق، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشى، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇش- بولماسلىقنى باشتىن- ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ ئويلىشىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىقنى تۇتۇش بىلەن تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى خىزمەتنى بىرتۇتاش پىلانلاش، بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك.

 ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى: رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %6.5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىنى %8 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى %10 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنى %20 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %6.5، %7.5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش قاتارلىقلار. يۇقىرىقى نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئەركىن تۇنىياز مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىش تەلىپى بويىچە، 12 جەھەتتىكى نۇقتىلىق خىزمەتنى ياخشى تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى: يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش؛ دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ۋە ئەۋزەللىكىگە ئىگە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىش؛ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پەن- تېخنىكا، مائارىپ، ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش؛ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستېمال يېڭى كەسىپ ھالىتى ۋە ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈش؛ ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال كېڭەيتىپ، زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش؛ «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىچكى- تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش؛ نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتىنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىش؛ جەنۇبىي شىنجاڭنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر- يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ۋە رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش؛ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەش؛ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش؛ تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تىنچ، ئىناق بولغان جەمئىيەت مۇھىتىنى تىرىشىپ يارىتىش.

 ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى خىزمەتنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي نەتىجە قىلىپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت، پاك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك. ئۇ يەنە بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى ۋە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قوللاش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قىسىم قۇرۇلۇشىنى قوللاش توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

 يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ 2023- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجراسى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ 2024- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات، ئاپتونوم رايوننىڭ 2023- يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجراسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2024- يىللىق خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات تەكشۈرۈلدى.

 رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغانلاردىن يەنە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەندىكى رەھبىرىي يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رەھبىرىي يولداشلار، قىسمەن ھازىرقى ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر قاتارلىقلار بار.

 ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

 چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق بىر قىسىم ئەلچىلىرى، بىر قىسىم خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125