چېن شىن
يۇرتۇمنىڭ ناھىيە بازىرىدا ئېچىلغىنىغا ناھايىتى ئۇزاق بولۇپ كەتكەن، ئەمما تىجارىتى يەنىلا گۈلدەك كېتىۋاتقان بىر ئۈگرىخانا بار. ئۇنى تۇنجى قېتىم قانچە يىل ئىلگىرى كۆرگىنىم ئېسىمدە يوق، ئۇ يەردە قانچە قېتىم تۇرغانلىقىممۇ ئېسىمدە يوق، ئېسىمدە ئەڭ ئېنىق قالغىنى، ئۇ يەردە تۇنجى قېتىم كىشىلىك ھاياتتىكى مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئېسىل تائام بىلەن باغلىنىپ قالغانلىقىم.
ئۇ 2- يىللىقتىكى يازلىق تەتىلنىڭ بىر كۈنى بولۇپ، ئاسماندا ئوتتەك قۇياش ئېسىلىپ تۇراتتى، ئىسسىق ھاۋا يۈزنى سىيپاپ ئۆتەتتى. ئەتىگەندە مەن جۇڭگوچە شاھماتنىڭ 6- دەرىجە ئۆرلەش مۇسابىقىسىگە قاتناشتىم، ئۆزۈم كىچىككىنە بولساممۇ، مۇسابىقە مەيدانىدا تەمكىن ئويناپ، خەتەر ئىچىدە تىرىشىپ غەلىبە قىلدىم، قانچىلىك خۇشال بولغانلىقىمنى دېمەيلا قوياي. چۈشتە، ئاپام مېنى مۇسابىقە مەيدانىغا يېقىنلا جايدىكى قارىماققا ئادەتتىكى بۇ ئۈگرىخانىغا باشلاپ كەلدى، ئۇ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا پېشانەمگە نوقۇپ قويۇپ: «بۈگۈن سېنى مۇكاپاتلاپ قوياي، بۇ ئۈگرىخانا يېقىندا مۇزدەك ماش شورپىسى چىقىرىپتۇ، سۇجوۋچە تەملىك ئىكەن، تېتىپ باققىن. قۇرغاق چۆچۈرە بىلەن بىللە ئىچسە، قۇرۇق- سۇيۇقى تەڭشىلىپ، بەك ياخشى بولىدىكەن!» دېدى. مەن كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تاماق تىزىملىكىگە قاراپ بىر قارارغا كېلەلمەيۋاتقاندا، بۇ تەكلىپ ھەقىقەتەن «چاڭقىغاندا سۇ بەرگەندەك» خۇش ياقتى! مەن ئاپامنىڭ تەكلىپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدىم.
ئۈگرىخانىدا ئادەم لىق ئىدى، بىللە تاماق يېگىلى كىرگەن خىزمەت كوللېكتىپىدىكىلەر، ئۇچراشقىلى چىققان ئاشىق- مەشۇق سىياقىدىكىلەر، ئەمدىلا كۇرستىن چىققان بالىنى تاماققا ئېلىپ كىرگەن ياشانغانلار بار ئىدى... شەھەردىكى ھەر خىل- ھەر ياڭزا كىشىلەر ئۈگرىخانىنىڭ بۇ چوڭ بولمىغان بوشلۇقىدا قىستىلىشىپ ئولتۇراتتى، گەرچە بىر ئاز ئىسسىق ۋە ۋاراڭ- چۇرۇڭ بولسىمۇ، لېكىن كىشىگە كىشىلىك ھاياتنىڭ تۇرمۇش پۇرىقىنى، قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن ئاددىي ئىللىقلىقنى ھېس قىلدۇراتتى.
بىردەمدىن كېيىن، بىزنىڭ «قۇرۇق- سۇيۇق يۈرۈشلۈك تامىقىمىز» چىقتى. قۇرغاق چۆچۈرىنىڭ ئۈستىگە جاڭيۇ قۇيۇلۇپ، پىياز قىيمىسى چېچىلغان بولۇپ، گۈپۈلدەپ مەززىلىك پۇراپ تۇراتتى؛ ماش شورپىسى تېخى ئوچاقتىن چىققان ھارارەتكە ماسلىشالمىغاندەك ئىدى، قاچا دىۋارىغا ئۇششاق سۇ تامچىلىرى يېپىشقان، ئاق گاڭپەن، يېشىل رەڭلىك ماش ۋە قىزىل- يېشىل يىپچىلەر ئۇنىڭ ئىچىدە لەيلەپ تۇراتتى، قارىماققا ئىنتايىن سالقىن كۆرۈنەتتى. بىردىنلا مېنىڭ نەپسىم تاقىلداپ، بىر قوشۇق ئېلىپ ئاغزىمغا سالدىم، مۇزدەك تۇيغۇ دەرھال مېنى روھلاندۇردى. چۆچۈرىنىڭ تەمى تازا كەلگەن، ماش شورپىسى تاتلىق ئىدى، بۇ ئىككى تەم بىرلەشسە، ھەقىقەتەن قالتىس بولىدىكەن. مەن يېڭى ئېسىل تائاملارنىڭ سىرىنى تاپقاندەك بولۇپ، يېگەنسېرى ئىچ- ئىچىمدىن خۇشال بولۇپ كەتتىم.
كېيىن، ئۆگىنىپ قالدىممۇ ئۇقمىدىم، مەن دائىم ئۇ ئۈگرىخانىغا بېرىپ تاماق يەيدىغان بولدۇم، ھەر قېتىمدا بۇيرۇتىدىغىنىم «قۇرۇق- سۇيۇق يۈرۈشلۈك تامىقىم» − قۇرغاق چۆچۈرە، ماش شورپىسى ئىدى. تاكى مەن مەكتەپ ئالمىشىپ پەن- تېخنىكا شەھەرچىسىگە بارغاندىن كېيىن، قايتىپ كېلەلەيدىغان ۋاقتىم ئازايغاندىمۇ، يەنىلا جاھاندىكى ئاشۇ مەززىلىك تەمنى ئەسلەپ تۇردۇم.
ھەممەيلەن ھەر بىر ئادەمنىڭ خاتىرىسىدە يۇرتىنىڭ پۇرىقى بولىدۇ، دېيىشىدۇ. بەلكىم يۇرتىمىزنىڭ ئەسلىمىسىدە بىزنىڭ ئۆتمۈشىمىزمۇ بولۇشى مۇمكىن. ئۆتكەندە، مەن يەنە ئاپام بىلەن بۇ ئۈگرىخانىغا كەلدىم. ئويلىمىغان يەردىن، مېنى كۆرمىگىنىگە ئىككى يىل بولاي دەپ قالغان ئۈگرىخانا لوبىنى ماڭا كۆزى چۈشۈشى بىلەنلا قوشۇمىسىنى تۈردى، ئاندىن تۇيۇقسىز كونا دوستى بىلەن قايتا ئۇچراشقاندەك ئېچىلىپ: «قۇرغاق چۆچۈرە، ماش شورپىسى؟» دېدى. مەن چۆچۈپ كەتتىم، ئارقىدىنلا كۈلۈپ تۇرۇپ: «توغرا، قۇرغاق چۆچۈرە، ماش شورپىسى» دېدىم. ھەممەيلەن كۈلۈشۈپ كەتتۇق. بۇنداق مەنزىرە، خۇددى ۋاقىتنى قاتۇرۇپ قويغاندەك، مېنى بالىلىق چاغلىرىمدىكى بىر چىنىگە مۇجەسسەملەنگەن كىشىلىك ھاياتقا قايتۇرۇپ كەلدى.
ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى سۇجوۋ پەن- تېخنىكا شەھەرچىسى چەت ئەل تىلى مەكتىپى
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)