باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تيەنجىندە تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنى يوقلىدى ھەم ئۇلاردىن ھال سورىدى. 2- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۇ ئالدى بىلەن شىچىڭ رايونى شىنكوۋ بازىرى دىليۇبۇ كەنتىگە كېلىپ، بۇلتۇر كەلكۈن ئاپىتىدىن كېيىن شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يوقلىدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۇ تيەنجىن قەدىمىي مەدەنىيەت كوچىسىغا كېلىپ، بايراملىق بازار تەمىناتى ۋە تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونىنى قوغداش، پايدىلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈردى. (يېزىق مۇخبىرى: جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي؛ فوتو مۇخبىرى: جۈ پېڭ، شيې خۇەنچى، يەن يەن، يىن بوگۇ، جەي جيەنلەن)
پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)