قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| كەچلىك تامىقىمىز ئارىلاشما شورپا
19:31:49 2024-02-04 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

جاۋ شېڭلى

 ئۆتكەندە، كەچلىك تاماق ئېتىدىغان ئادەم يوق بولۇپ قالدى، ئايالىم سەل چارچاپ قاپتۇ، مېنىڭمۇ مىدىرلىغۇم كەلمىدى. دەماللىققا كەچلىك تاماقتا نېمە يېيىشنى بىلەلمەي قېلىپ: «بولمىسا سىرتقا چىقىپ تاماق يەيلى» دېدىم. ئايالىم بېشىنى چايقاپ قوشۇلمىدى. قىزىم ئاپىسى ئىككىمىزنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاپ، ياتاق ئۆيدىن چىقىپ، كۈلۈپ تۇرۇپ: «كەچلىك تاماقنى مەن ئېتەي، سىلەر ئارام ئېلىڭلار، ھەممىڭلارنىڭ ياقتۇرۇپ يېيىشىڭلارغا كاپالەتلىك قىلىمەن!» دېدى.

 گەرچە قىزىم ئەمدىلا 13 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بويى ئاپىسىدىن ئېگىزلەپ كەتكەن بولۇپ، ئاپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مۇستەقىل تاماق ئېتەلەيدىغان بولغان ئىدى. بەزىدە، بىزنى ئويلىمىغان يەردىن خۇشال قىلىۋېتەتتى.

 قىزىم ئۇزۇن چېچىنى بوغۇپ، پەرتۇق تاقاپ، ئاشخانىدا ئالدىراش بولۇپ كەتتى. مەن قىزىقىپ ئاشخانىغا كىرىپ، ئەتىۋارلىق قىزىمنىڭ نېمە تاماق ئېتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقماقچى بولدۇم. قىزىم ئالدىراپ- تېنەپ ئاشخانىنىڭ ئىشىكىنى تاقاپ، كۆرگىلى قويمىدى، قايتا- قايتا بايانات ئېلان قىلىپ: «ئاپام ئىككىڭلار تېلېۋىزور كۆرۈڭلار، ماراشقا بولمايدۇ، سىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ يېيىشىڭلارغا كاپالەتلىك قىلىمەن...» دەپ ئۆزىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغدىدى. 

 تاق- تاق، تاق- تاق قىلىپ، چەيدونىڭ ناھايىتى رىتىملىق ئەمبەلگە تېگىشكەن ئاۋازى ئاڭلاندى، قىزىم كۆكتات توغراۋاتاتتى. پاژ- پۇژ، گاژ- گۇژ قىلىپ، چۆمۈچ بىلەن تۆمۈر قازاننىڭ قالايمىقان تەڭكەش مۇزىكىسى ئاڭلاندى، قىزىم قورۇما قورۇۋاتاتتى ... كۆڭلۈمدە چوڭ بىر سوئال بەلگىسى مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى: «بۇ بالا زادى نېمە تاماق ئېتىۋاتقاندۇ؟»

 بىردەمدىن كېيىن، قىزىم ئاشخانىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، خۇشال ھالدا: «دادا، ئاپا! تاماق يەيدىغان ۋاقىت بولدى!» دەپ چاقىردى. ئۇ مۇبالىغە قىلغان ھالدا غۇلىچىنى كەڭ ئېچىپ، ئىككى تىزىنى سەل- پەل ئېگىپ، خۇددى «تېتىپ بېقىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز» دېگەندەك نەپىس ھەرىكەت قىلدى. 

 تېپىشماقنىڭ جاۋابى ئېچىلدى، ئەسلىدە ئارىلاشما شورپىكەن. قىزىم شوخلا سېلىپ ئارىلاشما شورپا ئېتىپتۇ، تېتىپ باقسام، بەك تەملىك بوپتۇ. قىزىم بىزدىن: «مېنىڭ ھۈنىرىم قانداقراقكەن؟» دەپ سورىدى. ئايالىم كۈلۈپ قويۇپ گەپ قىلمىدى، مەن قىزىمغا قارىتىپ باشمالتىقىمنى چىقاردىم. 

 كىچىك ۋاقتىمدا يېزىدا تۇراتتۇق، قىشتا ئاپام ئارىلاشما شورپا ئېتىشنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ يىللاردا ماددىي شارائىت ئىنتايىن ناچار بولۇپ، يېمەك- ئىچمەك، كىيىم- كېچەك كەمچىل ئىدى، ئازراق ئۇن ئېشىپ قېلىپ، بىر ۋاق ئۈگرە ئېتىشكە يەتمىسە، ئارىلاشما شورپا ئېتەتتى. ھېچقانداق تېتىتقۇ يوق، ئارىلاشما شورپىغا نېمە بولسا شۇنى سالاتتى، لوبۇ، بەسەي، بەزىدە پىنتوزا ۋە دۇفۇ سالاتتى، خېلى يىيىشلىك بولاتتى.

 ئايالىممۇ ئارىلاشما شورپا قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ ئارىلاشما شورپىنى ناھايىتى تۈجۈپىلەپ ئېتىدۇ.

 ئالدى بىلەن چىنىگە ئازراق ئۇن ئېلىپ، ئازراق سۇ قۇيىدۇ، قانچىلىك سۇ قۇيۇشنى ئۇننىڭ مىقدارىغا قاراپ بەلگىلەيدۇ، چوكا بىلەن قوچۇپ، ئۇششاق دانچە ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويۇپ قويىدۇ. تۇز، زەنجىۋىل تالقىنى، كاۋاۋىچىن تالقىنى، سۇڭپىياز چانالمىسى سالىدۇ، ئاندىن ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرگىنىگە ئاساسەن يۇمغاقسۈت، لوبۇ قەلەمچىسى، ئۇششاق كۆكتات پارچىسى، كۈنجۈت، تۇخۇم قاتارلىقلارنى سالسىلا تەييار بولىدۇ، مايسىزراق بولىدۇ. ئاندىن قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، دورا- دەرمەكلەرنى سېلىپ، پۇرچاقتەك توغرالغان كۆكتات ياكى يالپاقلاپ توغرالغان كۆكتاتنى سېلىپ، سۇس ئوتتا بەش ئۈلۈش پىشقۇچە قورۇپ، ئاندىن قازانغا سۇ قۇيىدۇ. ئۇننى نەمدەپ، ئالقىنىدا ھىمىرىپ كىچىك دانچە ھالەتكە كەلتۈرۈپ، قايناقسۇ قۇيغاچ ئارىلاشتۇرىدۇ، ئۈچ- تۆت مىنۇتتىلا تەييار بولىدۇ.

 قىزىم ئەتكەن ئارىلاشما شورپىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تېتىپ باقتىم، تەمى ئايالىم ئەتكەن شورپىنىڭكىگە ئوخشاپ قاپتۇ. بىراق، مەن يەنىلا قىزىم ئەتكەن تاماقنى يېيىشنى ياخشى كۆرىمەن، بۇ دەقىقىدە مەن ئۆزۈمنى بەختلىك، ئىللىق ھېس قىلدىم.

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: شەنشى ئۆلكىسى ۋېينەن شەھىرى دالى ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125