يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك
23:11:40 2024-02-02 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 11- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2- ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 1- ئاينىڭ 31- كۈنى چۈشتىن كېيىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا 11- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: جەزمەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى دەۋردىكى چىڭ داۋلى ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن- تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان تەكشۈرۈش- باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك. يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى ۋە مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى، جەزمەن يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

بۇ قېتىمقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئۆزلۈكىدىن ئۆگەندى ھەم خىزمەت تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇردى، يولداش ما شىڭرۇي، خې لىفېڭ، جاڭ گوچىڭ، يۈەن جياجۈن ئۆزلىرى مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدىغان ساھە ۋە جايلارنىڭ خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ سۆز قىلدى، يولداش ليۇ گوجۇڭ، چېن مىنئېر يازما سۆز تاپشۇردى، كۆپچىلىك پىكىر ئالماشتۇردى.

شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر قاتار زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلىنىشىغا، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى مول بولدى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش نەتىجىلىرى كۈنسېرى گەۋدىلەندى؛ شەھەر- يېزا، رايونلىرى تەرەققىياتىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى، تەڭپۇڭلۇقى كۆرۈنەرلىك ئاشتى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچى بەس- بەستە ئۇرغۇتۇلدى؛ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش قەدىمى تېزلىتىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئامىللار يەنىلا كۆپ مىقداردا مەۋجۇت بولۇپ، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى نەزەرىيەسى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىشقا موھتاج، ھالبۇكى يېڭى ئالاھىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئەمەلىيەت داۋامىدا شەكىللىنىپ بولدى ھەم يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قارىتا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇش كۈچى، تىرەك بولۇش كۈچىنى نامايان قىلغان بولۇپ، بىزنىڭ نەزەرىيە جەھەتتىن يەكۈنلەپ، يىغىنچاقلاپ، شۇ ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى − يېڭىلىق يارىتىشتا يېتەكچىلىك رول ئوينايدىغان، ئەنئەنىۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش شەكلى، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات يولىدىن قۇتۇلغان بولۇپ، يۇقىرى تېخنىكا، يۇقىرى ئۈنۈم، يۇقىرى سۈپەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىگە ئۇيغۇن بولغان ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سۈپەت ھالىتى. ئۇ، تېخنىكىدا ئىنىقلاب خاراكتېرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنى ئىجادىي خاراكتېرلىك تەقسىملەش، كەسىپ تىپىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن، ئەمگەكچىلەر، ئەمگەك ۋاسىتىلىرى، ئەمگەك ئوبيېكتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ ئەلالىشىپ بىرىكىشىنىڭ يۈكسىلىشىنى ئاساسىي ئىچكى خاس مەزمۇن قىلغان، پۈتۈن ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشنى يادرولۇق بەلگە قىلغان بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئالاھىدىلىك، ئەلا سۈپەتلىك بولۇشنى ئاچقۇچ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ماھىيەت قىلغان.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزە، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان بولۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ يادرولۇق مۇھىم ئامىلى. جەزمەن پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بولۇپمۇ ئىجادىي خاراكتېرلىك، ئاغدۇرما خاراكتېرلىك پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن- تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئىجادىي خاراكتېرلىك، ئاغدۇرما خاراكتېرلىك پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى بەس- بەستە بارلىققا كەلتۈرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ۋاقتىدا كونكرېت كەسىپ ۋە كەسىپ زەنجىرىدە قوللىنىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە قۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چۆرىدەپ كەسىپ زەنجىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپ سىستېمىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا تىزگىنلىگىلى بولۇش، بىخەتەر، ئىشەنچلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ۋە ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى، سۈپەت كۈچلۈك دۆلىتى، تور كۈچلۈك دۆلىتى، رەقەملىك جۇڭگو ۋە يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. رەقەملىك ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە رەقەملىك كەسىپلەر توپىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېشىل تەرەققىيات يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي رېڭى، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئۆزى يېشىل ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىدۇر. جەزمەن تەرەققىيات شەكلىدە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇش كېرەك. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك. يېشىل پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىلغار يېشىل تېخنىكىنى كېڭەيتىپ قوللىنىشنى تېزلىتىپ، يېشىل ياسىمىچىلىقنى كۈچەيتىپ، يېشىل مۇلازىمەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېشىل ئېنېرگىيە كەسپىنى زورايتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق كەسىپ ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى قوللايدىغان ئىقتىسادىي سىياسەت قورال ساندۇقىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، يېشىل پۇل مۇئامىلىنىڭ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئېكولوگىيەلىك يېشىل كەسىپلەر توپىنى بەرپا قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتكۈل جەمئىيەتتە يېشىل، ساغلام تۇرمۇش شەكلىنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنى جەزمەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك. يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، جەزمەن ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭىچە ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادىي تۈزۈلمە، پەن- تېخنىكا تۈزۈلمىسى قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى بوغۇپ قويىدىغان توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتىلارنى كۈچەپ راۋانلاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنى تەقسىملەش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تۈرلۈك ئىلغار، ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنى يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قاراپ راۋان يۆتكىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ياخشى خەلقئارا مۇھىت يارىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەلىپى بويىچە، مائارىپ، پەن- تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، جەلپ قىلىش، ئىشلىتىش، مۇۋاپىق يۈرۈشتۈرۈش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پەن- تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىگە ئاساسەن، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن تەسىس قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن جىددىي ئېھتىياجلىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. مۇھىم ئامىللارنىڭ كىرىم تەقسىماتىغا قاتنىشىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەمگەك، بىلىم، تېخنىكا، باشقۇرۇش، كاپىتال ۋە سانلىق مەلۇمات قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، بىلىم، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنىڭ بازار قىممىتىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىدىغان، مەغلۇبىيەتكە كەڭ قورساق بولىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125