رول تۇتۇپ يول باشلاپ پۈتۈن ۋەزىيەتنى پىلانلاش، ئىدىيە يېتەكچىلىكى ئارقىلىق گۈللىنىشكە ئاتلىنىش
23:28:15 2024-02-02 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

رول تۇتۇپ يول باشلاپ پۈتۈن ۋەزىيەتنى پىلانلاش، ئىدىيە يېتەكچىلىكى ئارقىلىق گۈللىنىشكە ئاتلىنىش

− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى دىڭ شياۋشى، ۋاڭ چى، گاۋ لېي

بۇ بىر قېتىملىق ئىدىيەگە تەسىر كۆرسىتىدىغان، روھنى ئۇرغۇتىدىغان كەك كۆلەملىك ئۆگىنىش −

پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كەڭ ئىستراتېگىيەلىك نەزەر، مۇستەھكەم نەزەرىيە ئاڭلىقلىقى، كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، پۈتۈن پارتىيەدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشتىن ئىبارەت زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرنى چىقىرىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى- كادىرلارنى قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاشقا تەشكىللىدى، يېتەكلىدى.

بۇ بىر قېتىملىق مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلەنگەن، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان چوڭ سىناق −

باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەنى ئىدىيە جەھەتتە ساپ بولماسلىق، تەشكىلىي جەھەتتە ساپ بولماسلىق، ئىستىل جەھەتتە ساپ بولماسلىق قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىشقا يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قىلچە تەۋرەنمەي پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، پارتىيەمىزنىڭ تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچى ۋە قۇدرەتلىك جەڭگىۋارلىقىنى مەڭگۈ ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

بۇ بىر قېتىملىق يېڭى مۇساپىگە يەنە ئاتلىنىش، يەنە ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتىش توغرىسىدىكى كەڭ كۆلەملىك سەپەرۋەرلىك −

قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا يۈزلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەگە مۇنداق چاقىرىق قىلدى:

«بىز بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ماركسىزم سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، غەيرەت- شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك!»

ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىش، بىرتۇتاش پىلانلاش

− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتىنى كۆزلەپ، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇشنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش بۇرغىسىنى چالدى

گۇاڭشى نەننىڭ شەھىرى پەنلۇڭ مەھەللىسىدە، خىزمەتچىلەر ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىۋاتىدۇ. (2023- يىلى 12- ئاينىڭ 14- كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ شياۋباڭ فوتوسى

2023- يىلى 12- ئاينىڭ 14- كۈنى، گۇاڭشىدا تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ نەننىڭ شەھىرى پەنلۇڭ مەھەللىسى پارتىيە ئەزالىرى- ئامما مۇلازىمەت مەركىزىگە كىرىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، شۇ جاينىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش، مۇلازىمەتنى ئاساس قىلىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

«2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىردى، ئىشنى ياخشى باشلاپ ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شۇنداق سەمىمىي ئاگاھلاندۇردى.

ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، 2023- يىللىق پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش.

2023- يىلى 4- ئاينىڭ 3- كۈنى، باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، نىشان- تەلىپىنى چوڭقۇر بايان قىلدى ھەم باش تېما تەربىيەسىگە ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

مەۋقەنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە قويۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ئەھۋالنى كۆزىتىپ ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، تارىخىي تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، پۈتۈن پارتىيەنى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى داۋاملىق ياخشى قىلىش ئۈچۈن نەزەرىيە يىلتىزىنى چوڭقۇرلاشتۇردى، ئېتىقاد روھىنى مۇستەھكەملىدى.

«ئىدىيەدە بىرلىككە كېلىش − سىياسىيدا بىرلىككە كېلىش، ھەرىكەتتە بىرلىككە كېلىشنىڭ ئاساسى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ شۇنداق تەكىتلىدى.

دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك: «پارتىيەمىز نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشقا باشتىن- ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر قېتىملىق زور تارىخىي پەيتتە، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەدە ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈردى، ھەر قېتىملىق پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيەدىمۇ نەزەرىيە ئۆگىنىشنى باش ۋەزىپە قىلىشتا ھەم ئۇنى باشتىن- ئاخىرغىچە سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكى ئۈچۈن پۇختا ئىدىيەۋى ئاساس سالدى».

پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «ئورتاق ھالدا پارتىيەنى ھەممە جەڭدە غەلىبە قىلىدىغان، يېڭىلمەس بىر پارچە قاتتىق پولات قىلىپ تاۋلاپ چىقىش»قا چاقىرىق قىلدى.

2023- يىلى 3- ئاينىڭ 30- كۈنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى 10 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈردى، بۇ مۇساپىگە ھەمراھ بولۇپ، بىزمۇ پۈتۈن پارتىيەدە 10 يىل ئۆگىنىش قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. لېكىن، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل.

«ھەم كۆرۈلگەن يېڭى مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم ساقلىنىۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ سۈپىتى، خىسلىتى، خاراكتېرىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.» پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنى نەزەردە تۇتۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەلگۈسىنى كۆزلەپ، چوڭقۇر ئويلاندى.

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىغا ئايرىم- ئايرىم رىياسەتچىلىك قىلىپ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيەدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى»نى قاراپ چىقىپ، پۈتۈن پارتىيەدە ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلدى؛

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ «پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدىكى خىزمەت لايىھەسى»نى قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ 12 جەھەتتىكى نۇقتىلىق مەزمۇنى ۋە ئالتە ئۇسۇلى ۋە قەدەم- باسقۇچىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەدە ھەقىقىي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى؛

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ «مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھەرقايسى تارماقلارنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىدە كادىرلار قوشۇنىنى تەربىيەلەش- تەرتىپكە سېلىشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى خىزمەت لايىھەسى»نى قاراپ چىقىپ، تەربىيەلەش- تەرتىپكە سېلىشنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى، نىشان- ۋەزىپىسى، ئۇسۇلى ۋە تەدبىرى قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇردى؛

...

باش شۇجى شى جىنپىڭ يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن نىشانغا قاراپ قەتئىي ئىرادە بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولدى.

ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش، دەل جايىدايېتەكچىلىك قىلىش

− باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆزى تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەدە باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى

2023- يىلى 4- ئاي، باش تېما تەربىيەسى باشلانغاندىن كېيىنكى بىر ھەپتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپى بولغان گۇاڭدۇڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئىشنى باشلىدى، يول ئاچتى. تۆت كۈن ۋاقىتتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ غەربتىن شەرققە قاراپ گۇاڭدۇڭنىڭ غەربىدىكى كەڭ تۇپراقنى كېسىپ ئۆتۈپ، چيۇڭجوۋ دېڭىز بوغۇزى بويىدىن جۇجياڭ دەرياسى ساھىلىغىچە، تومۇر تۇتۇپ دىياگنوز قويۇپ، قۇشقاچ ئوپېراتسىيەسى قىلىپ، بىر قېتىملىق كەڭ ھەم چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەگە ئۈلگە بولۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «ئەڭگۈشتەر»دىن ياخشى پايدىلىنىش، «ئاساسىي ماھارەت»نى تولۇق ئىگىلەشكە يېتەكلىدى.

يىل ئاخىرىدىكى زىمىستان قىش، بېيجىڭ جۇڭنەنخەي.

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى ھەرقايسى يولداشلارنىڭ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش سۆزىگە بىرمۇبىر باھا بېرىپ، تەلەپلەرنى بىرمۇبىر ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىدە «باش تېما، ئاساسىي لىنىيە گەۋدىلىك، نىشان- ۋەزىپە ئېنىق بولۇپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل- پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى»دەپ تەكىتلىدى، «مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى باشلامچىلىق بىلەن باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيەدە ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رول ئوينىشى كېرەك»دەپ تەلەپ قىلدى.

يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇشنى باشتىن- ئاخىر مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ھەر قېتىملىق مۇھىم يىغىنلارنىڭ ھەممىسىدە گەۋدىلىك تەكىتلەپ، ھەر قېتىم جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇھىم تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەر قېتىم مۇھىم مەسىلىلەرگە يولۇققاندا مەخسۇس يوليورۇق بېرىپ، تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

− باش ۋەزىپىنى چىڭ ئىگىلىدى، باش تېما ئېنىق، ئاساسىي لىنىيە گەۋدىلىك بولدى.

«ئىدىيەنى ئۆگىنىش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ باش تەلىپى. بۇنىڭغا قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پىرىنسىپنى بېكىتىپ يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بەردى:

ئەينەن ئۆگىنىشتە، «ھەم بۇ ئاساسىي مەزمۇنلارنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، ئىگىلەپ، ھەم بۇ ئىدىيەنىڭ ئىلمىي سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك»؛ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىشتە، «نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ماركسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش»، «ئۈچنى زىچ بىرلەشتۈرۈش» ۋە «ئۈچنى چوڭقۇر ئىگىلەش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش؛ مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ئۆگىنىشتە، «نېمە ئىش قىلسا شۇنى نۇقتىلىق ئۆگىنىش، نېمە كەم بولسا شۇنى نۇقتىلىق تولۇقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىشنىڭ قاراتمىلىقىنى كۈچەيتىش»...

«ئىدىيەنى ئۆگىنىش»نى باشلامچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەنى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، رەھبىرىي كادىرلاردىن «دەرس مۇنبىرىغا چىقىش، پارتىيە دەرسى سۆزلەش، ئۆزى ئۈلگە بولۇش، دەرس سۆزلەش ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى ئېنىق تەلەپ قىلدى.

− شەكىل ۋە ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بەردى، جىپسىلاشتۇرۇپ يۇغۇردى، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللاندى.

«بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى باسقۇچلارغا بۆلمەي، ھالقىلارغا ئايرىماي، نەزەرىيە ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، تەكشۈرۈش ئاساسىدا تۈزىتىش قاتارلىقلارنى تۇتاشتۇرۇپ، ئورگانىك يۇغۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.» باش تېما تەربىيەسى باشلىنىشى بىلەنلا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2023- يىلى 9- ئايدا، 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى ئاخىرلىشىش، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلۇش پەيتىدە، خېيلۇڭجياڭدا تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ «1 -، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ جىپسىلىشىشى، ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ياخشى تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

8- ئاينىڭ 30- كۈنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئەھۋالى ۋە 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئاڭلىغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىدە نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، ئاساسنى كۈچەيتىپ ئۇلنى مۇستەھكەملەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، رەھبەرلىك قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

10- ئاينىڭ 13- كۈنى، جياڭشىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي بولۇش تەلىپىنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، «نەزەرىيە ئۆگىنىش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئەمەلىي ياخشى تۇتۇش، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئاساسىدا تۈزىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلققە پايدىلىق بولغان ئەمەلىي ئىشلارنى ئەمەلىي ياخشى بېجىرىش كېرەك».

− قۇرۇق ئىش قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىشتا چىڭ تۇردى، قاتتىق، ئەمەلىي بولدى، ئىش قىلىشقا، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولدى.

«دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىدە تەكشۈرۈش ئاساسىدا تۈزىتىلىدىغان نۇقتىلىق مەسىلە، ئۇنداقتا بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىدە قەتئىي تۈردە شەكىلۋازلىق قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ، شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ قويىدىغان، ئۆلۈك كۆچۈرۈپ كېلىدىغان، يۈزەكى ئىش قىلىدىغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلەپ.

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىستاتىستىكىدا ساختىلىق قىلىش ۋە ھەدەپ قەرز ئېلىپ «يېرىم يارتا قۇرۇلۇش» «ئوبراز قۇرۇلۇشى» «يۈزئابرۇي قۇرۇلۇشى» قىلىشنى تۈزەش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىكى ناچار خاھىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشتىكى قالايمىقانچىلىقلارنى تۈزىتىش، شەكىلۋازلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلار توغرىسىدا 70 قېتىمدىن ئارتۇق مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى قەتئىي بوشاشماي ئىستىلنى توغرىلاش، ناتوغرا كەيپىياتنى تۈزەش، يېڭى ئىستىل تىكلەشكە تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى.

بىر قاتار سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، قايتا- قايتا دەل جايىدا يېتەكچىلىك قىلىش، ئارقا- ئارقىدىن ئۆزى باشلامچى بولۇپ ئۈلگە كۆرسىتىش... باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەم «دەريادىن ئۆتۈش» ۋەزىپىسىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپ ھەم «كۆۋرۈك ۋە كېمە» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەنى نىشان يۆنىلىشى، مەسىلە يۆنىلىشى، ئەمەلىيەت يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشقا يېتەكلەپ، «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» «تۆتتە ئاساسىي قاتلامغا بېرىش» قاتارلىق تەجرىبە، ئۇسۇللاردىن پائال پايدىلىنىپ، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى ياخشى تۇتۇش ئارقىلىق «مۇتلەق كۆپ سانلىقلار»غا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشىنى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى.

ھەقىقەت ئاددىي بولىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش ھەممىدىن مۇھىم

− باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئەمەلىي نەتىجە، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىپ، تىرىشىپ تارىخقا يۈز كېلەلەيدىغان، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان قالتىس جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى

نەزەرىيەنىڭ قىممىتى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشتا، ئۆگىنىشنىڭ مەقسىتى پۈتۈنلەي تەتبىقلاشتا.

يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇر بولۇشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەۋزەللىكلەرنى قېزىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى دەل جايىدا تېپىپ، ئالدىن ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئىدىيە، پىكىر يولى، ئۇسۇل، يولنى راۋانلاشتۇرۇشقا يېتەكلىدى.

«باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش ھەم ئۇنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.» يېقىندا ئېچىلغان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا 2024- يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، پۈتۈن پارتىيەگە ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە تىرىشىپ نەزەرىيە ئۆگىنىش تەپەككۇرى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىنى تەرەققىياتتىكى توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇش، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تەرەققىياتتىكى جاھىل كېسەللەرنى تۈپتىن تۈگىتىش، تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى.

دىققەتنى پۇقرالار كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەنى ئىرادىدىن قايتماي خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسىنى قاندۇرۇشقا يېتەكلىدى −

2023- يىلى كەلكۈن مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ خۇابېي، خۇاڭخې دەرياسى، خۇەيخې دەرياسى قاتارلىق جايلىرىدا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، كەلكۈن ۋە گېئوئاپەت يۈزبەردى.

11- ئاينىڭ 10- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ- خېبېي ئىككى جاينىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇردى.

11- ئاينىڭ 29- كۈنى، شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ مىنخاڭ رايونلۇق يېڭى دەۋر شەھەر قۇرغۇچىلىرى، باشقۇرغۇچىلىرى ئائىلىسىگە كىرىپ، شۇ جاينىڭ باش تېما تەربىيەسى داۋامىدا خەلققە مۇلازىمەت قىلىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ كەڭ پارتىيەلىك كادىرلاردىن ھەقىقىي تۈردە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ رازى بولۇش- بولماسلىقىنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاشنىڭ تۈپ ئۆلچىمى قىلىپ، خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرىدىن پۈتۈن خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«كوممۇنىستىك پارتىيە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پارتىيە، پۇقرالارنى مەڭگۈ قەلب تۆرىگە قويىدۇ» دېدى باش شۇجى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن.

جياڭسۇ يەنچېڭدىكى يېڭى 4- ئارمىيە خاتىرە سارىيىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى (2023- يىلى 12- ئاينىڭ 3- كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى بو فوتوسى

2023- يىلى 12- ئاينىڭ 3- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ يەنچېڭ شەھىرىگە بېرىپ، يېڭى 4- ئارمىيە خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئۇ ئارىلاپ قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈپ، كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى جانلىق دەرسلىك»تىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى «قىيىنچىلىقتىن قورقمايدىغان، جاپا- مۇشەققەت ۋە خەۋپ- خەتەردىن قورقمايدىغان، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان روھقا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش»قا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

«ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپە زامانىمىزدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تەنتەنىلىك تارىخىي مەسئۇلىيىتى».

باش شۇجى شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك جاكارلىغان بۇ سۆزلەر جاراڭلىق، ۋەزنى ئېغىر بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئەمەلىيەت ئاساسىدىكى نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى دادىل ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچىلاشقان، دەۋرلەشكەن ماركسىزم ئارقىلىق يېڭى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ تېخىمۇ قۇدرەتلىك، تېخىمۇ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە ھەقىقەت كۈچىنى جۇڭگو زېمىنىدا نامايان قىلىشقا يېتەكلىدى.

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا قاراپ ئاتلاندۇق، باش شۇجى شى جىنپىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغاچقا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلغاچقا، ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مۇقەررەر ھالدا يۈز مىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش تارىخىي مۇساپىسىنى غەلىبىلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ، يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2- ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125