ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنى يېپىلدى
23:41:24 2024-02-02 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنى يېپىلدى

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى

نۇرلان ئەبىلمەجىن رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

2- ئاينىڭ 1- كۈنى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. سۈرەتتە: يىغىن نەق مەيدانى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار لى ياڭ، جاڭ يۈنمېي) ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن، 2- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالارنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئىتتىپاقلىشىپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جارۇللا ھېسامىدىن، كۇڭ شىڭلۇڭ، دوۋ ۋەنگۇي، ياڭ يۇڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، نۇرۇم ئىسمايىلقان، ئېزىز مۇسا، ليۇ خۇيجۈن، ليۇ جيەنمىڭ، پۇ شۆمېي، شۈ شيەنيى، ھەسەنجان ئەخمەت، جىن جىجېن، باش كاتىپ گاۋ جياڭخۇەي رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 527 كىشى، ئەمەلىي قاتناشقىنى 492 كىشى بولۇپ، بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

يىغىندا «سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ سايلام چارىسى» ۋە باش بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى.

يىغىندا تولۇق پىكىرلىشىش، دېموكراتىك كېڭىشىش ئارقىلىق نامسىز بېلەت تاشلاش شەكلى قوللىنىلىپ، باتۇ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە، سۇ شياڭدۇڭ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلاپ سايلاندى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 1- يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى، 13- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەكلىپ كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى ماقۇللاندى.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، بارلىق ئەزالار ۋە يىغىنغا قاتناشقان يولداشلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. بارلىق ئەزالار يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، كۈچلۈك بولغان بۇرچنى زىممىگە ئېلىش ۋە ئەمەلىي خىزمەت ئىستىلى ئارقىلىق تۈرلۈك دوكلات، قارارلارنى ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ ۋە مۇزاكىرە قىلىپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملىدى. بۇ، بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، دېموكراتىيە جارى قىلدۇرۇلغان، قەلب ۋە كۈچ مۇجەسسەملەنگەن، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بىر قېتىملىق يىغىن بولدى.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن» يۈكلىگەن بۇرچ ۋە مۇھىم تاپشۇرۇق، سىياسەتلەرنىڭ گىرەلەشمە ئۈنۈمىنىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلىشى، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشلىنىشى، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونىنىڭ تېز قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش بويىچە يولغا قويۇش لايىھەسىنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت ياراتتى. ئۆزىمىزنى بۇ ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپىگە قويۇپ، جەزمەن ھەسسىلەپ تىرىشىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىشىمىز، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك. مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، باشتىن- ئاخىر شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى بىرتۇتاش ئىگىلەشتىكى ئومۇمىي پىروگرامما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆلچەمگە توغرىلىنىش، تەلەپكە توغرىلىنىش داۋامىدا سادىق روھنى مۇستەھكەملەش كېرەك؛ يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، يېڭى كەيپىيات يارىتىش ئارقىلىق جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا بولغان غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشى ۋە چوڭقۇر پىلانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش خىزمىتىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى زىچ چۆرىدەپ پىلانلاپ، ئالغا سىلجىتىپ، دىققەتنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا سىياسىي كېڭەش كۈچىنى قوشۇش كېرەك؛ بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىگە ئەمەل قىلىپ، بىرلىك سەپ فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆز ساھەسىدىكى ئامما بىلەن كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشىپ، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئىشلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاشقى بىرلەشمە دوستلۇق ئورنىتىشنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش داۋامىدا سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، بىڭتۇەندىكى رەھبىرىي يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رەھبىرىي يولداشلار، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق زاتلار قاتارلىقلار يېپىلىش يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشتى.

يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە يېپىلدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125