ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى يېپىلدى
20:38:31 2024-02-03 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى يېپىلدى

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، نۇرلان ئەبىلمەجىن، شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى زۇمرەت ئوبۇل رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تولۇقلاپ سايلاندى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامى ۋە تۈرلۈك قارارلىرى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى


2- ئاينىڭ 2- كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. سۈرەتتە: يىغىن نەق مەيدانى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن، 2- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى.

 ئىجرائىيە رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن ما شىڭرۇي، زۇمرەت ئوبۇل، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقامەت، دىلشات قىدىرخان، پىڭ شىنلەي، ۋاڭ گوخې، مەمتىمىن قادىر، جاۋ تيەنجيې، مۇتەللىپ روزى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى. زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 ئەركىن تۇنىياز، نۇرلان ئەبىلمەجىن، شەۋكەت ئىمىن، ياڭ چېڭ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

 يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 548 كىشى، قاتناشقان ۋەكىل 530 كىشى بولۇپ، قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

 يىغىندا باش بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى ھەم نامسىز بېلەت تاشلاش شەكلى قوللىنىلىپ، ۋاڭ مىڭشەن ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تولۇقلاپ سايلاندى.

 ئارقىدىن، يىغىندا ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

 يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، ئاپتونوم رايوننىڭ 2023- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجراسى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ 2024- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2023- يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجراسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2024- يىللىق خامچوتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

 يىغىندا تۈرلۈك قارالمىلار تاماملانغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، بارلىق ۋەكىللەر ۋە يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. بۇ، ئىدىيە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان بىر قېتىملىق يىغىن بولدى، بارلىق ۋەكىللەر ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلدى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى جانلىق ئەمەلىيىتىنى ئورتاق ھېس قىلدى، ئۇنىڭغا قاتناشتى ۋە گۇۋاھ بولدى، بۇ، مۇقەررەر ھالدا پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا يەنىمۇ ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە سەپەرۋەر قىلىدۇ.

 زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، شۇنداقلا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. بىز ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قىلچە تەۋرەنمەي جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ سىياسىيدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ يېڭى دەۋردىكى چىڭ داۋلىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەدە چىڭ تۇرۇپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، باش شۇجى شىنجاڭ ئۈچۈن تۈزۈپ بەرگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى قەتئىي تۈردە گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئالىي سىياسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، توغرا نازارەت قىلىش، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش، قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشنى يولغا قويۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. خەلقنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئىرادىسىگە سادىقلىق بىلەن ۋەكىللىك قىلىپ، سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشتىكى ئالاھىدە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق يۈكلىگەن شەرەپلىك مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي تۈردە زىممىگە ئېلىشىمىز كېرەك. دادىللىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇق قانۇنچىللىق كاپالىتى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ تاشقى دوستلۇق ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان يېڭى قىياپىتى، يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رەھبىرىي يولداشلار قاتارلىقلار يېپىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

 يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە يېپىلدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125