ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 4- يىغىن ئۆتكۈزدى
20:46:38 2024-02-03 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 2- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 4- يىغىن ئۆتكۈزدى.

 يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن ما شىڭرۇي، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقامەت، دىلشات قىدىرخان، پىڭ شىنلەي، ۋاڭ گوخې، مەمتىمىن قادىر، جاۋ تيەنجيې، مۇتەللىپ روزى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامى(تۈزىتىلمە لايىھەسى)نى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، نىزام لايىھەسىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسىنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمىكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى؛ يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىغا قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، ئۈچ دوكلات توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

 يىغىندا يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى كۆرسەتكەن ۋە ۋەكىللەر بىرلىشىپ كۆرسەتكەن نامزاتلارنى كېڭىشىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، رەسمىي نامزاتلارنى يىغىن ئومۇمىي يىغىنىنىڭ سايلىشىغا سۇنۇش بېكىتىلدى.

 يىغىندا باش بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت نازارەتچىلىرى ئىسىملىكى لايىھەسىنى يىغىن ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125