ئاپتونوم رايون ئىككى يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز
20:52:12 2024-02-03 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئېچىۋېتىش، ئۆزىمىزگە ئىشىنىش ھالىتى بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىشقا جاسارەت بىلەن تۈرتكە بولايلى

− ئاپتونوم رايون ئىككى يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

 شىنجاڭ گېزىتى باش ماقالىسى

 مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، بۇرچنى ئادا قىلىش. ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، دېموكراتىك، ئىتتىپاق، ئەمەلىيەتچىل، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە غەلىبىلىك يېپىلدى. بىز ئىككى يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز! مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلغان ۋەكىللەر، ئەزالارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز! بىز تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقىمىز!

 بۇ قەلب- كۈچ مۇجەسسەملەنگەن، ئەمەلىيەتچىل بىر قېتىملىق يىغىن بولدى! سىياسىي سادا بىلەن خەلق رايى يۇغۇرۇلۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى» بىلەن «خەلق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەر» بىرىكتۈرۈلۈپ، گۈزەل ئارزۇ بىلەن يۈكسەك بۇرچ ماس قەدەمدە بولدى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىدا ئۆتكەن بىر يىلدىكى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ ۋە خۇلاسىلىنىپ، بۇ يىللىق خىزمەتلەرنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، كۆزلىمە نىشانى، نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، تۈرلۈك دوكلات، قارارلار قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، سايلام ۋەزىپىسى ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ، بارلىق ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل- پاراسىتى مۇجەسسەملىنىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەندى، بۇ مۇقەررەركى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخىي مۇساپىسىگە پۈتۈلگەن قېنىق، رەڭدار سەھىپە بولۇپ قالىدۇ.

 بۇ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ئاساسى نامايان قىلىنغان بىر قېتىملىق يىغىن! رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، سېلىنما، ئىستېمال، ئىمپورت- ئېكسپورت، مالىيە، يېزا ئاھالىسى ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك كۆرسەتكۈچنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى 5- ئورۇندا تۇردى، بۇ، تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان، بەكمۇ تەستە قولغا كەلگەن! ئاشلىقنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن تېرىلغۇ كۆلىمى، ھوسۇلى مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا تۇردى، نېفىت- تەبىئىي گاز ئېكۋىۋالېنتى ئۇدا ئۈچ يىل پۈتۈن مەملىكەت بويىچە باش ئورۇندا مۇقىم تۇردى، «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» بويىچە تۇنجى قېتىم 100 مىليون توننىلىق چوڭ ئۆتكەل بۆسۈپ ئۆتۈلدى، 265 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، ئايرودۇرۇمغا كىرگەن- چىققان يولۇچى مىقدارى تۇنجى قېتىم 40 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى... ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىدا، ئۆتكەن بىر يىللىق يارقىن نەتىجە قەغىزى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى رىغبەتلەندۈردى ۋە ئىلھاملاندۇردى، ھەسسىلەپ روھلاندۇردى ۋە ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى، ئىشەنچ ۋە كۈچنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى!

 بۇ، ئېچىۋېتىش ئوبرازى نامايان قىلىنغان بىر قېتىملىق يىغىن! ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنى ھەم خەلق رايىنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرىدىغان، خەلقنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى مۇجەسسەملەيدىغان سىياسىي سەھنە، ھەم شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىدىغان، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيدىغان مۇھىم كۆزنەك. تۇنجى قېتىم ئاخبارات مەركىزى تەسىس قىلىندى، تۇنجى قېتىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى، تۇنجى قېتىم چەت ئەللىك مېھمانلار سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلاشقا، چېگرا سىرتىدىكى تاراتقۇلار خەۋەر قىلىشقا تەكلىپ قىلىندى، بۇ يىلقى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىدىكى «ئۈچ تۇنجى قېتىم» شىنجاڭنىڭ دۇنياغا قىزغىن قۇچاق ئاچقانلىقىدەك ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى نامايان قىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئوخشاش بولمىغان ساھەدىن كەلگەن ۋەكىللەر، ئەزالار شىنجاڭنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ھەر تەرەپلىمە تونۇشتۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلىدى. ۋەكىللەر، ئەزالار مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقى، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن دانا تەكلىپلەرنى بېرىپ، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى كۆرسىتىپ، شىنجاڭنىڭ جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن يۇقىرى ئۆرلەيدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئوبرازى، سالاپىتىنى نامايان قىلدى.

 دۇنيادىكى بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر جان تىكىپ ئىشلەش، تىرىشىپ ئەجىر سىڭدۈرۈش، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن. ئۆتكەن بىر يىلدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىنى چىڭ كۆزلەپ، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلىدى، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، بۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولغان بىر يىل بولدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە تۈرتكە بولۇشتا قەدەم پۇختا تاشلاندى.

 شىنجاڭ قولغا كەلتۈرگەن ھەربىر تۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەتلەر نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭغا بولغان ئالاھىدە غەمخورلۇقى ۋە چوڭقۇر كۆيۈنۈشىدىن، ئۇدا ئىككى يىل شىنجاڭغا كېلىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، بىزنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشىمىز ئۈچۈن يول كۆرسىتىپ يۆنىلىشنى بەلگىلەپ بەرگەنلىكىدىن بولدى؛ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىگەنلىكىدىن بولدى؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللايدىغان بىرقاتار مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشىمىزغا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشقانلىقىدىن بولدى.

 بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن» يۈكلىگەن بۇرچ ۋە مۇھىم تاپشۇرۇق، سىياسەتلەرنىڭ گىرەلەشمە ئۈنۈمىنىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلىشى، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشلىنىشى، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونىنىڭ تېز قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىنى زور تارىخىي پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. ئۆزىمىزنى بۇ ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپىگە قويۇپ، جەزمەن نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىمىز كېرەك.

 دەۋر دولقۇنى ئۆركەشلەپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە، بۇرچ ۋە مۇھىم تاپشۇرۇق كىشىنى جاسارەتلىك بولۇشقا ئۈندىمەكتە. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تۈپ قوللانما قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي يىغىنى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، باشتىن- ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، باشتىن- ئاخىر يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى يېڭى دەۋردىكى چىڭ داۋلى قىلىپ، باشتىن- ئاخىر خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ زور سىياسىي نەتىجە قىلىپ، باشتىن- ئاخىر ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئۇزاق مەزگىللىك تېما قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا شىنجاڭنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىشىمىز، شىنجاڭ تۆھپىسىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈشىمىز كېرەك!

 جەڭ دۇمبىقىنى چېلىپ قايتا يولغا چىقتۇق، يەلكەن چىقىرىپ يېڭى مۇساپىگە ئاتلاندۇق. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن، كەم- كوتسىز ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، تېز ھەرىكەتكە كېلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، دادىل ئىش قىلىپ ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا جاسارەت بىلەن تۈرتكە بولۇپ يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلايلى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125