شى جىنپىڭ باھار بايرىمى ھارپىسىدا تيەنجىندە تۇرۇشلۇق قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە ھال سورىدى
23:02:31 2024-02-04 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بارلىق كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ بارلىق ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرى، ئارمىيەدىكى بارلىق مەمۇرىي خادىملار، بارلىق خەلق ئەسكەرلىرى- زاپاس ھەربىيلەرگە باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى

2- ئاينىڭ 2- كۈنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى− باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تيەنجىندە تۇرۇشلۇق قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە ھال سورىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بارلىق كوماندىر- جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ بارلىق ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرى، ئارمىيەدىكى بارلىق مەمۇرىي خادىملار، بارلىق خەلق ئەسكەرلىرى- زاپاس ھەربىيلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىن، 2- ئاينىڭ 3- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر مېي چاڭۋېي) جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى− باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2- ئاينىڭ 2- كۈنى تيەنجىندە تۇرۇشلۇق قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە ھال سورىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بارلىق كوماندىر- جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ بارلىق ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرى، ئارمىيەدىكى بارلىق مەمۇرىي خادىملار، بارلىق خەلق ئەسكەرلىرى- زاپاس ھەربىيلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى.

 باش باھار مەزگىلىدە، تيەنجىن تۇپرىقىدا بارلىق شەيئىلەرنىڭ قىياپىتى ئۆزگىرىپ يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10لاردا، شى جىنپىڭ تيەنجىن جىڭبېي رايونىغا كەلدى، قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، تيەنجىندە تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، تيەنجىندە تۇرۇشلۇق قىسىملار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەدبىرى، يوليورۇقلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم ۋەزىپىلەرنى قالتىس تاماملىدى، بولۇپمۇ تيەنجىننىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇشىغا كۈچلۈك ياردەم بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى بىر يىلدا، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، قىسىم قۇرۇلۇشىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي تاماملاش كېرەك.

 شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملار ئۇرۇش تەييارلىقى نۆۋەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ياخشى قوغداپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ كاتتا باھار بايرىمىنى خۇشال- خۇرام، ئىناق، بىخەتەر ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى ياخشى ئىشلەپ، ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنىڭ بايرام مەزگىلىدىكى تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

 خې ۋېيدۇڭ قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125