ئىشچى- خىزمەتچىلەر خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسا، شىركەت ئەمگەك توختامىنى بىۋاسىتە بىكار قىلسا بولامدۇ؟ پىتنە- ئىغۋا!
«ئەمگەك توختامى قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئەمگەكچى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي، تەربىيەلەنگەن ياكى ئىش ئورنى تەڭشەلگەن بولسىمۇ، يەنىلا خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن 30 كۈن بۇرۇن ئەمگەكچىگە يازما ئۇقتۇرۇش قىلغان ياكى ئەمگەكچىنىڭ بىر ئايلىق مائاشىنى ئارتۇق بەرگەندىن كېيىن، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ. شۇڭا، شىركەت ئەگەر ئىشچى- خىزمەتچىلەر خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ، دەپ قاراپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى بىۋاسىتە ئىشتىن بوشىتىۋەتسە بولمايدۇ، ئالدى بىلەن ئۇلارنى تەربىيەلىشى ياكى ئىش ئورنىنى تەڭشىشى كېرەك، يەنىلا خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسا، ئاندىن قانۇن بويىچە ئىشچى- خىزمەتچىلەر بىلەن بولغان توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)