قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| بىر- بىرىمىزنىڭ ھاياتىدىكى نۇر
13:42:33 2024-02-07 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

جېڭ زىچۇن

 24 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلدىم، ئەسلىسەم ھارغىنلىق، چۈشكۈنلۈك، گاڭگىراش، قورقۇش بولسىمۇ، لېكىن مەن تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن بالىلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتىپ، بالىلارنىڭ ھاياتىدىكى بىر نۇرغا ئايلىنىشنى ئۈمىد قىلىپ كەلدىم. شۇنداق بىر توپ بالا ماڭا قالدۇرغان ئىللىق دەقىقىلەر مېنىڭ بالىلار بىلەن بولغان ئۇچرىشىشنىڭ بىر مەيدان قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش ئىكەنلىكىنى، بىر مەيدان نۇر بىلەن نۇرنىڭ ئۇچرىشىشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى.

 بىر قېتىم، مەن خىزمەتدىشىم بىلەن بىللە ئائىلە زىيارىتىگە بارماقچى بولدۇم، موتوسىكلىت مىنىشنى بىلمىگەچكە پىيادە مېڭىشقا مەجبۇر بولدۇق. بىز بىرىنچى بالىنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، ئۆيدە بىرمۇ ئادەم يوق ئىكەن، ئۆينىڭ سىرتىدىكى ئوسمانتۇس دەرىخىنىڭ تۈۋىدە، ئىككى بالا پۈتۈن زېھنى بىلەن بېرىلىپ رەسىم سىزىۋېتىپتۇ. بىز يېقىن بېرىپ قارىدۇق، بۇ شياۋكۇي بىلەن شياۋنەنكەن ئەمەسمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئەستايىدىل قىياپىتى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرەتتى! بىزنىڭ كەلگەنلىكىمىزنى كۆرۈپ، بالىلار ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆيگە ئۇچقاندەك كىرىپ كەتتى، بىر ئازدىن كېيىن، ئۇ ئىككىسى بىرسى بىردىن نەشپۈتنى ئېلىپ چىقىپ، بىزنىڭ قولىمىزغا تۇتقۇزدى، يەنە ھە دەپ: «مۇئەللىم، يەڭلار!» دېدى. بۇ دەقىقىدە، بىزگىمۇ ھارغىنلىقىمىز بىلىنمىدى.

 بۇ ئائىلىگە كىرىپ بولغاندىن كېيىن، دەريانىڭ قارشى تەرىپىدىكى بىر نەچچە بالىنىڭ ئۆيىگە بارماقچى بولدۇق، يولنى قىسقارتىش ئۈچۈن، سۇ كېچىپ ئۆتمەكچى بولدۇق. خىزمەتدىشىم ئىككىمىزنىڭ يۈزىمىزنى تەر بېسىپ كەتتى، بەلكىم سۇ كەچكىچە بەك جىددىيلىشىپ كەتتۇقمىكىن. ئاياغلىرىمىزنى كىيىپ، ئوت- چۆپلەر ئارىسىدىن چىغىر يول ئىزدەۋاتقىنىمىزدا، يىراقتىن بالىنىڭ چۈچۈك ئاۋازى ئاڭلاندى: «مۇئەللىم، مۇئەللىم، بىز سىلەرنى ئالغىلى كەلدۇق.» جۈپ- جۈپ كىچىك قوللار بىزنى يېتىلەپ ئەگرى- بۈگرى يولدا ئېلىپ ماڭدى. بۇ دەقىقىدە، مەن نۇرنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، ئاشۇ ئىللىق، مۇھەببەتكە تولغان نۇر، ئوت- چۆپلەر ئارىسىدىن چىققان ئاشۇ نۇر قەلبىمنى يورۇتتى. مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئالدىمدىكى يولغا قارىدىم، بالىنىڭ قولىنى چىڭ سىقىمدىدىم، قەدىمىم بارغانسېرى مەزمۇتلاشتى. مەن ئىزچىل ئۆزۈمنى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولىدىكى ئاشۇ نۇر، دەپ قاراپ كەپتىمەن، ئەمەلىيەتتە، بىز بىر- بىرىمىزنىڭ نۇرىكەنمىز. بالىلار مېنىڭ چارچىغان، گاڭگىراپ قالغان، قورققان چاغلىرىمدا مېنىڭ ئىرادەمنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدىغان نۇركەن.

 تەربىيەلەش يولىدا، بەلكىم مەن مەلۇم بىر بالىنىڭ ھاياتىدىكى نۇرغا ئايلىنىشىم، بالا مەندىن روھىي تەسەللىگە ئېرىشىپ، ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش چىقىش ئېغىزىنى تاپالىشى مۇمكىن. بالىنىڭ تاتلىق تەبەسسۇمى، ساددا سۆزلىرى خۇددى بىر دەستە يورۇق نۇرغا ئوخشاش، مېنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولۇمنى ئىللىتتى، بىزنىڭ ئۇچرىشىشىمىز بىر- بىرىمىزگە ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى تېپىپ بەردى.

 (ئاپتورنىڭ ئادرېسى: شەنشى ئۆلكىسى ئەنكاڭ شەھىرى جېنپىڭ ناھىيەسى شۇپىڭ بازارلىق مەركىزىي يەسلى)

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125