قويۇق باھار بايرىمى كەيپىياتى ئىچىدىكى ئىللىقلىق ۋە كۈچ
23:23:34 2024-02-05 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جۇ جىچەي، شى يۈسېن

 خەيخې دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى، «تيەنجىندىكى قەدىمىي جاي».

 ئەنئەنىۋى تەملىك چاي قاينىتىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئەجدىھا جوغىلىق يوغان مىس چۆگۈندىن ئىسسىق ھور كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى، ياڭليۇچىڭ ياغاچ ئويما باھار بايرىمىلىق رەسىمىدىكى بودەك بالىلار سەبىي، ئوماق ئىدى، شياڭشېڭ چايخانىسىدىن قىزغىن پاراڭلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ئوتقاشتەك قىپقىزىل پانۇسلار رەت- رەت ئېگىز ئېسىلغانىدى، جاراڭلىق دۇمباق ساداسىغا ئەگىشىپ ئوينالغان ئەجدىھا- شىر ئۇسسۇلى ناھايىتى قىزىپ كەتكەنىدى... 680 نەچچە مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تيەنجىن قەدىمىي مەدەنىيەت كوچىسى باھار بايرىمى كەيپىياتىغا چۆمگەنىدى.

 2- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىمالدىكى كىچىك يىلنىڭ ئالدىنقى كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا يېتىپ كېلىشى بىلەن، قەدىمىي كوچا بىردىنلا قاينام- تاشقىنلىققا چۆمدى. كىشىلەر ھاياجانلانغان ھالدا بەس- بەستە چۆرىدىشىپ كېلىپ، يۇقىرى ئاۋازدا باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى، باش شۇجىنىڭ باھار بايرىمىنى مۇبارەكلىدى.

 شاد- خۇراملىققا چۆمگەن كۈلكە چىرايلار ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بايراملىق تىلىكى كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى:

 «دېھقانلار كالېندارى بويىچە يېڭى يىل ئەجدىھا يىلى، ئەجدىھا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدە قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، ھاياتىي كۈچى چەكسىز، بەخت- سائادەت قاتارلىق كۆپ خىل مەنىلەرگە ئىگە بولۇپ، گۈزەل ئارزۇلار مۇجەسسەملەنگەن. كۆپچىلىك يېڭى بىر يىلغا تولۇق ئىشەنچ باغلاپ، كۈنلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈشى كېرەك».

 شاد- خۇراملىققا تولغان كەيپىيات، قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن جۇڭگو يىلى. بۇ يىل باھار بايرىمى كەيپىياتى ئادەتتىن تاشقىرى قويۇق بولدى.

 چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇب- شىمالىغا نەزەر سالساق، گاۋتيې ۋوگزالى ۋە ئايرودۇرۇم ئادەملەر بىلەن لىق تولغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئۆيگە قايتىش قەدىمى ئالدىراش ئىدى، «كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» يېزا- قىشلاقلاردا ئەۋجىگە چىقتى، يۇرتنى سېغىنىش ھېسسىياتى ئۇرغۇپ تۇراتتى، سودا سارايلار، تاللا بازارلىرىدا باھار بايرىمىلىق ماللار كۆزنى قاماشتۇراتتى، كوچىلار قىزغىن كەيپىياتقا تولغانىدى... بۇ بىر ھاياتىي كۈچكە تولغان، قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن جۇڭگو.

 ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان، بەزى كارخانىلار تىجارەت بېسىمىغا دۇچ كەلدى، بەزى ئامما ئىشقا ئورۇنلىشىشتا، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا يولۇقتى، بەزى جايلاردا كەلكۈن- ھۆلچىلىك، تەيفېڭ بورىنى، يەر تەۋرەش، تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش، تۆۋەن تېمپېراتۇرا، قار- يامغۇر، مۇز تۇتۇش قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر يۈزبەردى... بوران- چاپقۇننىڭ بولۇشى نورمال ئىش، بىزنىڭ ئىلگىرىلىشىمىز ئاسان ئەمەس.

 «يېڭى يىل پەيتىدە، مېنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىم يەنىلا قىيىنچىلىقى بار ئامما.» خەلقنىڭ ئامانلىقى، ھال- ئەھۋالىنى باش شۇجى ھەر ۋاقىت قەلبىگە پۈكتى.

 2- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ تيەنجىنگە كېلىپ، ۋوگزالدىن ئۇدۇل شەھەر ئەتراپىدىكى شىچىڭ رايونىنىڭ شىنكوۋ بازىرى دىليۇبۇ كەنتىگە باردى.

 ئېتىزلىقتا تۇتاش كەتكەن كۆكتات پارنىكلىرىنىڭ چېتىگە كۆز يەتمەيدىغان بولۇپ، گۈللەپ ياشنىغان مەنزىرە بارلىققا كەلگەنىدى. نەچچە ئاي ئىلگىرى، بۇ يەرنىڭ خەيخې دەرياسىدا يۈزبەرگەن ۋادى خاراكتېرلىك پەۋقۇلئاددە زور كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچراپ، ھەممە يەرنى سۇ بېسىپ كەتكەنلىكىنى، پۈتۈن كەنتتىكى 2000دىن كۆپرەك پارنىكنى سۇ بېسىپ كەتكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئىدى.

 «بۇنداق كۆپ سۇنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن.» ئەينى چاغدا كۆكتاتچى دېھقان جاڭ فېڭۋېن سۇ بېسىپ كەتكەن پارنىكنى كۆرۈپ ئېتىزدا ئولتۇرۇپ يىغلاپ كەتكەنىدى. كەلكۈن يانغاندىن كېيىن ئۇ ئېرى خاۋ جيەن بىلەن باشقۇرۇۋاتقان 15 پارنىكتىن پەقەت ئىككىسىلا مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغانىدى.

 كەلكۈن چېكىنىشى بىلەن ئادەملەر ئىلگىرىلىدى، لاي- لاتقىلارنى تازىلاش، پارنىكلارنى رېمونت قىلىش، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تولۇقلاپ تېرىش... ئەر- خوتۇن ئىككىسى ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا پائال ئاتلاندى، ئۇلار بىر كۈنمۇ ئارام ئالمىدى.

 باش شۇجى ئۇلارنىڭ يېڭى پارنىكىغا كىرگەندە، ئەر- خوتۇن ئىككىسى ئۈزۈش، ئوراپ قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، يېڭى كۆكتاتلارنى شەھەردىكى مەھەللىلەرگە تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىشكە تەييارلىنىۋاتاتتى.

 ئۇلار باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز، ئىشلەپچىقىرىشنى ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كەلتۈردۇق».

 «بىز سىلەرنىڭ جاپالىق ئەمگىكىڭلارغا رەھمەت ئېيتىشىمىز كېرەك، سىلەر باھار بايرىمىلىق <كۆكتات سېۋىتى>نى موللاشتۇردىڭلار» دېدى باش شۇجى جاۋابەن.

 تەبىئەتتىن ئاغرىنماي، كىشىلەردىن ئاغرىنماي، باش چۆكۈرۈپ پۇختا ئىشلەش. 32 يىل دېھقان بولغان خاۋ جيەننىڭ ئارزۇسى ئايىغى ئاستىدىكى تۇپراقتەك سەمىمىي ئىدى: «يەرنى ياخشى تېرىپ، ياخشى كۈن كەچۈرىمىز، مانا بۇ بىز دېھقانلارنىڭ نىشانى».

 بوران- چاپقۇندىن قورقماسلىق، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، خەلق باشتىن- ئاخىر بۇ تۇپراقتىكى پۈتمەس- تۈگىمەس كۈچ.

 «قاچان قىيىنچىلىق بولۇپ باقمىغان؟ قىيىنچىلىقلارنى بىر- بىرلەپ يەڭدۇق، يىلمۇيىل يەڭدۇق، ئىشلىرىمىز يىلمۇيىل ياخشىلاندى، جۇڭخۇا مىللىتى 5000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى» باش شۇجى ئىلگىرى چوڭقۇر قىلىپ شۇنداق كۆرسەتكەنىدى.

 بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش داۋامىدا، باش شۇجى ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: «دۆلەت تىنچ، خەلق خاتىرجەم بولۇشتا، خەلق خاتىرجەم بولسا دۆلەت ئاندىن تىنچ بولىدۇ» «پۇقرالارنىڭ ئىشى ئەڭ مۇھىم ئىش، چوقۇم ياخشى قىلىش كېرەك». بۇ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ھېسسىياتى، شۇنداقلا دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى لوگىكا.

 «تيەنجىنچە تۈسكە ئىگە جۇڭگو يىلى»دا روشەن مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى ۋە تۈسى بار.

 تيەنجىن قەدىمىي مەدەنىيەت كوچىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كوچىنى بويلاپ پىيادە مېڭىپ، ئۆزگىچىلىككە ئىگە دۇكانلارغا كىرىپ، خەلق ئۆرپ- ئادىتى مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدى.

 نىرېنجاڭ لاي قونچاقلىرى ياساش دۇكىنىدا پىشقەدەم ئۇستام ليۇ چياڭ بىر لاي ھەيكەلنى كۆڭۈل قويۇپ ئوڭشاۋاتاتتى. ئۈستەلدىكى «كۇڭزىنىڭ ساز چېلىشى» ناملىق ئەسەرگە تېخى رەڭ بېرىلمىگەن بولۇپ، سىزىقلىرى جانلىق، راۋان، شەخسنىڭ تاشقى قىياپىتى بىلەن روھى تەڭ ھازىرلانغانىدى. باش شۇجىنى كۆرۈپ، ئۇ پىششىق ھالدا قۇرۇتۇش، پىشۇرۇش، سىلىقلاش، رەڭ بېرىش قاتارلىق ئىش تەرتىپلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن بىرىنىمۇ قالدۇرۇپ قويماي تولۇق تونۇشتۇردى.

 باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشقان ھۈنەرۋەن روھى مەدەنىيەت تومۇرىنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرىدۇ.

 ھۈنەرۋەنلەر ۋە ھۈنەرۋەن روھىنى باش شۇجى ئىزچىل ئالاھىدە مۇھىم بىلىپ كەلدى−

 جياڭسۇ سۇجوۋدا، سۇجوۋ كەشتىچىلىكىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسىنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن كەشتە تىكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ ماختاپ مۇنداق دېدى: «بۇنداق ماھارەت جۇڭگولۇقلارنىڭ چىدامچانلىقى، سەۋرچانلىقى ۋە ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلىپ بېرىدۇ».

 سىچۇەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، سەنشىڭدۈي مۇزېيىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇستىسىنى رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئىشنى بىر- بىرلەپ قىلىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك».

 جياڭشى جىڭدېجېندا ساپال ۋە فارفور بۇيۇملارنى ياساش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا قاراپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بىر ئۆمۈر بىر ئىشنى قىلىش، ئەۋلادمۇئەۋلاد بىرلا ئىشنى قىلىش ئاسان ئىش ئەمەس».

 ...

 نىرېنجاڭ لاي قونچاقلىرى ياساش خەيخې دەرياسى ۋادىسىدا بارلىققا كەلگەن، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقان، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەر ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بەزىدە پەسكويغا چۈشۈپ قالغان، بەزىدە تېڭىرقاپمۇ قالغان.

 «مەزمۇت ئولتۇرۇش، چىدامچان بولۇش، كۆڭۈلنى توختىتىش كېرەك، چىدامچان بولمىغاندا ياخشى قىلغىلى بولمايدۇ.» ليۇ ئۇستامنىڭ كۆزلىرىدىن ئېغىر- بېسىقلىق چىقىپ تۇراتتى، تەلەپپۇزى سالماق ئىدى، «ھەربىر ئەسەرنى ياخشى ئىشلەش، پۇقرالار ياخشى كۆرىدىغان ئەسەرلەرنى يارىتىش كېرەك».

 گۇيفاشياڭ 18- كوچا ماخارلىرى، گورېنجاڭ، ياڭليۇچىڭ ياغاچ ئويما باھار بايرىمىلىق رەسىملەر... بىر كونا كوچا، نۇرغۇن قەدىمىي ھۈنەرلەر بۇ يەرگە يىغىلغان بولۇپ، ۋاقىتنىڭ تاۋلىشىنى باشتىن كەچۈرۈپ، بۇ شەھەرنىڭ تومۇرىغا سىڭىپ، بۇ يەردىكى خەلقنىڭ خىسلىتىنى ياراتماقتا.

 «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، مەدەنىيەت ئارقىلىق شەھەرنى ئوزۇقلاندۇرۇش، مەدەنىيەت ئارقىلىق كەسىپنى گۈللەندۈرۈش» «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشتىن ئايرىلالمايدۇ» − باش شۇجى باشتىن- ئاخىر زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىن چىقىش قىلىپ، مەدەنىيەتنىڭ رولى ۋە كۈچى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزدى.

 ھەرقانداق ئوڭۇشسىزلىق ۋە قىيىنچىلىققا ئۇچراشتىن قەتئىينەزەر، يەنىلا ئۈزۈلمەي داۋاملاشتى. قاتمۇقات خەتەرلىك توسالغۇلاردىن ھالقىپ ئۆتتى، ئېگىز تاغلاردىكى تىك قىيالارنى بۆسۈپ ئۆتتى، مىڭ چاقىرىملىق مۇساپىدە ئۆركەشلەپ ئېقىپ، سانسىز جىلغىلاردا قايتما ئېقىن ھاسىل قىلدى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىدىن ئىبارەت ئەزىم دەريا ئۆركەشلەپ ئېقىپ، بۇ زېمىننى سۇغىرىپ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

 بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. 2- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالايىتەن پىڭجىن ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىغا كەلدى.

 2017- يىلى 12- ئايدا جياڭسۇ شۈجوۋدا خۇەيخەي ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغانىدىم، 2022- يىلى 8- ئايدا لياۋنىڭ جىنجوۋغا بېرىپ لياۋشېن ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغانىدىم، «بۇ قېتىم پىڭجىن ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىنى كۆردۈم، بۇنىڭ بىلەن ئۈچ چوڭ ئۇرۇش خاتىرە سارىيىنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ بولدۇم».

 75 يىل ئىلگىرى، يەنى 1949- يىلى 1- ئاينىڭ 31- كۈنى ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئۈچ چوڭ ئۇرۇش ئىچىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۇرۇش پىڭجىن ئۇرۇشى غەلىبىلىك ئاياغلاشقانىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئارمىيەسى يۈكسەك ئىستراتېگىيەلىك تاكتىكا، باتۇر- قەيسەر جاسارەت، ئارمىيە- خەلق ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ كۈچ ۋە چىرىندىلارنى تەلتۆكۈس سۈپۈرۈپ تازىلايدىغان قۇدرەتلىك كۈچ بىلەن، جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ھەل قىلغۇچ جەڭنىڭ شانلىق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.

 خاتىرە سارىيىنىڭ كۆرگەزمە تاختىسىغا شۇ يىلى قىشتا جەڭچىلەرنىڭ «پىڭجىننى ئېلىپ بولۇپ باھار بايرىمى ئۆتكۈزگىلى بارىمىز» «باتۇر- قەيسەر بولۇپ، بوشاڭلىق قىلماي، تۆھپە ئۈستىگە تۆھپە قوشۇپ، يېڭى شان- شەرەپ يارىتىمىز» «پۈتۈن خۇابېينى ئازاد قىلىمىز، پۈتۈن جۇڭگونى ئازاد قىلىمىز» دېگەن ياڭراق شوئارى ئېنىق يېزىلغانىدى...

 تارىخ ھەمىشە بەزى ئالاھىدە تۈگۈن نۇقتىسىدا كىشىلەرنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچى بېغىشلايدۇ.

 1949- يىلى يېڭى يىل پەيتىدە، خەلق ئازادلىق ئۇرۇشى ئارقا- ئارقىدىن غەلىبە قىلغان پەيتتە، يولداش ماۋ زېدۇڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا يېڭى يىللىق بېغىشلىما يېزىپ بېرىپ، «ئىنقىلابنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرايلى» دېگەن مەردانە خىتابنامىنى چىقاردى.

 بۈگۈن، پىڭجىن ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىدا، تارىخنىڭ ئىلھامىنى ئەسلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرى قەتئىي ۋە كۈچلۈك بولدى−

 «جۇڭگو ئىنقىلابىي ئۇرۇش تارىخىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆگەنگەننى ئۈزلۈكسىز ئۆزلەشتۈرۈپ، تەستە قولغا كەلگەن قىزىل ھاكىمىيەتنى قەدىرلەپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش روھىنى كۈچەيتىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك جاپا- مۇشەققەت، خەۋپ- خەتەر، توسالغۇلارنى باتۇرلۇق بىلەن يېڭىش كېرەك».

 خاتىرە سارىيى ئالدىدا، غەلىبە مەيدانىنىڭ مەركىزىدە، ئېگىزلىكى 60 نەچچە مېتىر كېلىدىغان غەلىبە خاتىرە مۇنارى بۇلۇتقا تاقاشقان بولۇپ، كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى.

 يېڭى بىر يىل، يېڭى باھار، يېڭىدىن ئاتلاندۇق.

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىن، 2- ئاينىڭ 4- كۈنى تېلېگراممىسى)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125