جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملار شەخسىي سالاھىيىتى بىلەن ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا بولىدۇ. ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى، ھەق تاپشۇرۇش ئاساسىي سانىنى بېكىتىش چارىسى ئوخشاش بولمىغاندىن باشقا، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملار بىلەن ئىدارە ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ تەمىناتىنى ھېسابلاپ تارقىتىش ئوخشاش بولىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەق تاپشۇرۇش ئاساسىي سانى، ھەق تاپشۇرغان يىل چېكى قاتارلىق ئامىللار ئوخشاش بولغان ئەھۋالدا، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملار بىلەن ئىدارە ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئالىدىغان ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ئوخشاش بولىدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)