3- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ! شىنجاڭنىڭ مېيىپلەر قوشۇمچە ئۈسكۈنىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ سەپلەش ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش چارىسى كەلدى
17:53:17 2024-02-09 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گۇەن مېڭيىڭ) 2- ئاينىڭ 5- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسىدىن ئىگىلىشىچە، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مېيىپلەرگە ئاساسىي تىپتىكى قوشۇمچە ئۈسكۈنىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ سەپلەش ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» ( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش چارىسى» دېيىلىدۇ) 3- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى گۇۋاھنامىسى بار مېيىپلەرنى زۆرۈر بولغان كۆرۈشىگە ياردەم بېرىدىغان، ئاڭلىشىغا ياردەم بېرىدىغان، مېڭىشىغا ياردەم بېرىدىغان قاتارلىق ئاساسىي تىپتىكى قوشۇمچە ئۈسكۈنىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ سەپلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، مېيىپلەرنىڭ ئەڭ ئاساسىي، ئەڭ جىددىي قوشۇمچە ئۈسكۈنىلەرگە بولغان ئېھتىياجىنى ھەل قىلىدىكەن.

 «ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش چارىسى»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: «ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش، كەڭ دائىرىدە قاپلاش» ئاساسىي پىرىنسىپ قىلىنىپ، شىنجاڭ نوپۇسىدىكى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېيىپلىك كىنىشكىسى» بار مېيىپلەر ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش ئوبيېكتى قىلىنىپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان مېيىپلەر، بىر ئائىلىدە كۆپ مېيىپ بولغان مېيىپلەر، مېيىپ ئوقۇغۇچىلار ئالدىن كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مېيىپ بالىلارنىڭ قوشۇمچە ئۈسكۈنىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ سەپلەش ئوبيېكتلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ مېيىپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىشكە ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. مېيىپلەرگە ئاساسىي تىپتىكى قوشۇمچە ئۈسكۈنىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ سەپلەشتە ئەمەلىي بۇيۇم سەپلەش ۋە سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكىل يولغا قويۇلۇپ، مېيىپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىشى ئۈچۈن تەمىنلىنىدۇ.

2023- يىلى 11- ئايدا، قومۇل شەھەرلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسى پۇتى مېيىپ كىشىگە يالغان پۇت سالماقتا. سۈرەتنى ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى تەمىنلىگەن

 «ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش چارىسى»دە 57 خىل ئاساسىي تىپتىكى قوشۇمچە ئۈسكۈنە مەھسۇلاتى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مېيىپلەر ئاساسىي تىپتىكى قوشۇمچە ئۈسكۈنىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ سەپلەش ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش مۇندەرىجىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش مۇندەرىجىسى» دېيىلىدۇ)گە كىرگۈزۈلدى، ئەمەلىي بۇيۇم ياردەم تولۇقلىمىسى ياكى پۇل ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ. ئاساسىي تىپتىكى قوشۇمچە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش يىل چېكى، ياردەم تولۇقلىما ئۆلچىمى ۋە ئوخشاش بولمىغان ياردەم تولۇقلىما ئوبيېكتلىرىنىڭ ياردەم تولۇقلىما نىسبىتى قاتارلىقلار توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاساسىي تىپتىكى قوشۇمچە ئۈسكۈنىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ سەپلەش تەرتىپى، مەبلەغ كاپالىتى ھەم نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى قېلىپلاشتۇردى. ھەر دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتى، مېيىپلەر قوشۇمچە ئۈسكۈنىلىرىنى بېكىتىش (كېلىشىم) مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاساسىي شەرتى ۋە خىزمەت مەسئۇلىيىتى قاتارلىقلار ئېنىق دائىرىدە بېكىتىلدى.

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مېيىپلەر ئاساسىي تىپتىكى قوشۇمچە ئۈسكۈنىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ سەپلەش ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش مۇندەرىجىسى»نىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىنى خەنزۇ يېزىقىدىكى ئەسلىي خەۋەردىن كۆرۈڭ


(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125