31 مىڭ 886 ئادەم قېتىمغا نەپ يەتكۈزۈلىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ يۇڭفېي) مۇخبىرنىڭ دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى «2024- يىللىق دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈمىنى كەچۈرۈم قىلىش ھەم دىرىنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتقان. بۇ، ھازىردىن باشلاپ، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىدىن ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى ئالغان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىغا دىرىنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇش ئىلتىماسى سۇنسا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
قەرز ئالغان ئوقۇغۇچى ئۆز ئالدىغا ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق، 2024- يىلى ئىچىدە قايتۇرۇشقا تېگىشلىك دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنىڭ دىرىنى بىر يىل كېچىكتۈرۈپ قايتۇرسا بولىدۇ. دىرىنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇشتا، قەرز ئالغان ئوقۇغۇچى دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى ئالغان ئوقۇغۇچىلار تور سىستېمىسىدا تىزىملىتىپ، سىستېمىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دىرىنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشنى تاماملىسا بولىدۇ.
دىرىنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى «دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ئوقۇغۇچى مەنبەسىدە ئىناۋەتلىك ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى قەرز ئېلىش توختامى» قاتارلىق ھۆججەتلەردە پۈتۈشكەن 2024- يىلىدىكى قەرز قايتۇرۇش كۈنىدىن ئۈچ خىزمەت كۈنى بالدۇر بولىدۇ. ئەگەر قەرز ئالغان ئوقۇغۇچى كۆپ قېتىملىق دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنىڭ دىرىنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا، بىرلىكتە ئىلتىماس سۇنۇشى كېرەك، ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى «قەرز ئېلىش توختامى» قاتارلىق ھۆججەتلەردە پۈتۈشكەن 2024- يىلىدىكى قەرز قايتۇرۇش كۈنىدىن ئۈچ خىزمەت كۈنى بالدۇر بولىدۇ.
«قەرزنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرسا جەرىمانە ئۆسۈمى ئېلىنمايدۇ، دومىلىما ئۆسۈم ئېلىنمايدۇ.» دېدى دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى مۇئامىلىدارلار 6- باشقارمىسىنىڭ نوپۇزلۇق دىرېكتورى دېڭ يەن.
بۇ قېتىم كەچۈرۈم قىلىنىدىغىنى 2024- يىلى ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى يىللاردا ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئالغان، 2024- يىلى ئىچىدە قايتۇرۇشقا تېگىشلىك دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈمى؛ ئۆسۈمنى كەچۈرۈم قىلىشتا قەرز ئالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلتىماس قىلىشى ھاجەتسىز، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى «ئۇقتۇرۇش»تىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مۇناسىۋەتلىك ئۆسۈمنى ئۆزلۈكىدىن كەچۈرۈم قىلىدۇ.
دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ھېسابلىشىچە، 2024- يىلى 5 مىليون 11 مىڭ 600 يۈەن ئۆسۈم كەچۈرۈم قىلىنىپ،31 مىڭ 886 ئادەم قېتىمغا نەپ يېتىشى مۇمكىنكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايوندا 4 مىليون 955 مىڭ 900 يۈەن ئۆسۈم كەچۈرۈپ قىلىنىپ، 31 مىڭ 548 ئادەم قېتىمغا نەپ يەتكۈزۈلىدىكەن؛ بىڭتۇەندە 55 مىڭ 700 يۈەن ئۆسۈم كەچۈرۈم قىلىنىپ، 338 ئادەم قېتىمغا نەپ يەتكۈزۈلىدىكەن.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)