قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| قەلبىمگە تېرىلغان گۈل
16:49:28 2024-02-07 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

يې جياچېڭ

   دۇنيادا تۈمەنلىگەن گۈللەر بار، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان گۈلى بولىدۇ: جىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تاۋ يۈەنمىڭ نازاكەتلىك جۈخارگۈلگە ئىشتىياق باغلىغانىكەن، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى جوۋ دۇنيى قەيسەر ئاق نېلۇپەرگە مەستانە ئىكەن، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ۋاڭ ميەن بولسا ھاكاۋۇر مېيخۇاگۈلگە شەيدا ئىكەن. لېكىن مەن كەترەن گۈلىنىلا ياخشى كۆرىمەن. باشقا ئىش ئۈچۈن ئەمەس، ئۇنىڭ ياپيېشىل ئوت- چۆپتەك ئاددىي بويى ۋە ئۇنىڭ كىشىنى ئىچ- ئىچىدىن ھۇزۇرلاندۇرىدىغان خۇش پۇرىقى ئۈچۈن.

 دۈشەنبىنىڭ ئەتىگىنى بىر ھەپتە ئىچىدىكى يولۇچى ئەڭ كۆپ بولىدىغان ۋاقىت، ھەممە ئادەم ئۆيدىن چىقىپ، يەنە بىر ھەپتىلىك ئاددىي ھەم ئاددىي بولمىغان تۇرمۇشنى باشلايدۇ. كوچىدىكى كىشىلەر توپى خۇددى دېڭىز- ئوكياندىكى گاھ كۆتىرىلىپ، گاھ پەسىيىۋاتقان دولقۇنلاردەك مەۋج ئۇرىدۇ، مەن كىشىلەر توپى ئارىسىغا كىرىۋالىمەن، بۇ دولقۇنلار مېنى مەكتەپكە ئىتتىرىپ ئاپىرىپ قويىدۇ. تۇيۇقسىز بۇ «دېڭىز»دىن ئېچىنىشلىق چىرقىرىغان ئاۋاز ئاڭلاندى، ئارقىدىنلا «گۈپ» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ جاۋغىيىدىن قان سىرغىپ چىققان بىر بوۋاي يەرگە يىقىلدى. ئادەملەر دولقۇنى كۆتۈرۈلۈشتىن توختىدى، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقە ئەتراپتىكى كىشىلەرنى تەمتىرىتىپ قويدى.

 ئۇنىڭدا راستتىنلا بىرەر كېسەل بارمىدۇ؟ ياكى باشقىلارنى ئالداپ ئۆزىنى يۆلەتكۈزمىگۈچە بولدى قىلمامدىغاندۇ ... مەن كىشىلەر توپى ئارىسىدا روھىم چىقىپ كەتكەندەك خىيال سۈرۈپ تۇرغاندا، تۇيۇقسىز بىر ئادەم كىشىلەر توپى ئارىسىدىن ئېتىلىپ چىقىپ، چوڭ- چوڭ چامداپ ھېلىقى بوۋايغا قاراپ ماڭدى. ئۇ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ بارمىقىنى بوۋاينىڭ بۇرنىغا ئۇزاتتى، ئاندىن بىردىنلا چۆچۈپ كېتىپ: «ئۇنىڭ نەپىسى توختاپ قاپتۇ! كىم كۈچلۈكرەك؟ تېز كېلىپ يۈرەك، ئۆپكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنى قىلايلى!» دەپ ۋارقىرىدى. «مەن قىلاي، مەن دوختۇرلۇقنى ئۆگەنگەن». «مەن 120 گە تېلېفون قىلاي». نەق مەيداندا، بىر، ئىككى، ئۈچ ... ئارقىدىنلا بىر توپ ئادەم ھېلىقى بوۋايغا قاراپ ماڭدى. بىرىنچى بولۇپ بوۋاينىڭ يېنىغا بارغان ئەر نەق مەيداننىڭ تەرتىپىنى ساقلىغاچ بوۋاينىڭ يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ يان تېلېفونىنى تېپىپ چىقىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلەشمەكچى بولدى... مېنىڭ قەدەملىرىم ئىختىيارسىز توختاپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دەسلەپتە بوۋاي يىقىلىپ چۈشكەندە  يامان تەرەپكە تارتىپ پەرەز قىلغانلىقىمدىن خىجىل بولۇپ، جىددىي قۇتقۇزۇش قوشۇنىغا ئاكتىپلىق بىلەن قوشۇلۇپ كەتتىم.

 «نەپەس كەلدى، نەپەس كەلدى!»

 بوۋاي ئاۋۋال  بىر تىترەپ، ئاندىن چوڭقۇر بىر نەپەس ئالدى.

 «توختىماڭ!» 

 مەن ئۇ ئەرنىڭ داۋالاش خادىملىرى يېتىپ كېلىپ، كۆزىنى ئېچىپ بولغان بوۋاينى قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىغا ئېلىپ چىققۇچە قوماندانلىق قىلغانلىقى، ساقلاپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئارقىدىن يەنە بىر ئاپتوموبىل توختىدى، ئاپتوموبىلدىكى ئادەم يەرگە چۈشۈپلا  كىشىلەر توپىغا رەھمەت ئېيتىدىغان گەپلەرنى قىلدى، بىر قاراپلا بۇ كىشىنىڭ بوۋاينىڭ ئۇرۇق- تۇغقىنى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولاتتى.

 «بىزگە رەھمەت ئېيتماڭ، بوۋاينىڭ يۈرەك كېسىلى بار ئىكەن، ھېلىمۇ ياخشى ھېلىقى ئادەم بېرىپ تەكشۈردى. گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، ئۇ ئادەم نەگە كەتتى؟ بايىلا تېخى يېنىمدا ئىدى ... »

 مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ تۇردۇم، ئۇ يەنە تىۋىشسىزلا ئاشۇ ئادەتتىكى ئادەملەر دېڭىزىغا كىرىپ كەتتى.

 ئۇ شۇنداق ئاددىي، يەنە شۇنداق ئاددىي ئەمەس ئىدى. خۇددى كەترەن گۈلىگە ئوخشاش: «‎پىنھان جىلغىدا كەترەن ھېچكىم بىلمەس خۇش ھىدىنى، ‎كۆچۈرۈپ تىكتىم دۇڭشۈەندە قالدۇرماققا ھىدىنى!»

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جېجياڭ ئۆلكىسى لىشۇي شەھىرى ليەندۇ رايونلۇق چۇجوۋ ئوتتۇرا مەكتىپى

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125