2- ئاينىڭ 4- كۈنى، ئابلىز تۇرسۇن مىس بۇيۇمنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرمەكتە.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات) «ساياھەتچىلەر مەن ياسىغان مىس بۇيۇملارنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، بۇ ھۈنەرگە ۋارىسلىق قىلغانلىقىم مېنىڭ ئەڭ خۇش بولىدىغان ئىشىم»، دېدى 2- ئاينىڭ 4- كۈنى ئابلىز تۇرسۇن.
بۇ يىل 66 ياشقا كىرگەن 4- ئەۋلاد مىسكەرلىك ھۈنەر- سەنئىتى ۋارىسى ئابلىز تۇرسۇن قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى بىر پېشقەدەم مىسكەر بولۇپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدىكى قول ھۈنەر دۇكىنى كوچىسىدا بىر مىسكەرلىك دۇكىنى ئاچىدۇ. ئابلىز كىچىكىدىن باشلاپلا دادىسىدىن مىسكەرلىك ھۈنىرىنى ئۆگەنگەن بولۇپ، مىسكەرلىك قىلىۋاتقىنىغا 50 يىل بولدى، ھازىر ئابلىز ھۈنىرىنى ئوغلىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.
قەشقەر مىسكەرلىك ھۈنەر- سەنئىتى 2021- يىلى 5- تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرىگە كىرگۈزۈلدى. قەشقەر ساياھەتچىلىكىنىڭ داۋاملىق جانلىنىشىغا ئەگىشىپ، جايلاردىكى ساياھەتچىلەر ئارقا- ئارقىدىن بۇ يەرگە كەلدى، قەشقەرنىڭ مىسكەرلىك ھۈنەر- سەنئىتىنى تېخىمۇ كۆپ كىشى چۈشەندى ۋە ياقتۇرۇپ قالدى.
2- ئاينىڭ 4- كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا قولدا ياسالغان مىس بۇيۇملارنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.
2- ئاينىڭ 4- كۈنى، ئابلىز تۇرسۇننىڭ ئىنىسى ھەسەنجان تۇرسۇن مىس بۇيۇم ياسىماقتا.
2- ئاينىڭ 4- كۈنى، مىس بۇيۇملار دۇكىنىنىڭ ئالدىغا ئېسىلغان، قولدا ياسالغان ھەر خىل مىس بۇيۇملار ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
2- ئاينىڭ 4- كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا مىس بۇيۇملارنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.
2- ئاينىڭ 4- كۈنى، مىسكەر مىس بۇيۇم ياسىماقتا.
2- ئاينىڭ 4- كۈنى، ئابلىز تۇرسۇن مىس بۇيۇم ياسىماقتا.
2- ئاينىڭ 4- كۈنى، ئابلىز تۇرسۇن ئوغلى بىلەن مىس بۇيۇم ياسىماقتا.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)