بۇ نەرسىنى تاقاپ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرسىڭىز، سىزنى «يەپ» قويۇشى مۇمكىن
توغرا، مەن بۈگۈن سىلەرگە دەل چىرايلىق قىزلارنى «يەپ» قويىدىغان مۇنداق چاچ قىسقۇچنىڭ خەتىرىنى سۆزلەپ بەرمەكچى.
نۇرغۇن قىزلار قارىماققا ھېچقانداق زىيانلىق تەرىپى بولمىغان مۇنداق لەھەڭسىمان چاچ قىسقۇچ ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن بۇ نەرسە جانغا زامىن بولۇشى مۇمكىن. بولۇپمۇ مېتالدىن ئىشلەنگەن بۇنداق چاچ قىسقۇچنىڭ خەتىرى تېخىمۇ چوڭ، چۈنكى، بۇ قىزلارنىڭ بېشىنىڭ ئارقا تەرىپىگە بىۋاسىتە تېگىپ تۇرىدۇ. شۇڭا خانىم- قىزلارغا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، ھەر قېتىم ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغاندا، بېشىڭىزنىڭ كەينىدىكى بۇنداق چاچ قىسقۇچنى جەزمەن ئېلىۋېتىڭ، بولۇپمۇ مېتالدىن ياسالغان لەھەڭسىمان قىسقۇچنى.
نېمىشقا ئېلىۋېتىڭلار، دەيمەن؟ بىز ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى بۇ قىسقا سىننى كۆرۈپ باقايلى.
ئەگەر ئاپتوموبىل ھەيدەپ كېتىۋاتقاندا ئارقىدىن كېلىپ سوقۇۋېتىش ھادىسىسى يۈز بەرسە، بېشىمىز ئورۇندۇق ياستۇقىغا قاتتىق تېگىپ، ئورۇندۇق ياستۇقى بىلەن بېشىمىزنىڭ ئارقىسى ئوتتۇرىسىدا غايەت زور تەسىر كۈچ پەيدا بولىدۇ، بۇ چاغدا، بېشىمىزنىڭ ئارقىسىنى قاماللاپ تۇرىدىغان مۇشۇنداق «تۆمۈر تىرناق»نىڭ قانداق ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭچۇ؟ مېنىڭچە ئۇ يا ياستۇققا پېتىپ كىرىپ كېتىدۇ، يا بولمىسا باش سۆڭەكنى يارىلاندۇرۇپ، مېڭىمىزگە سانجىلىپ كېتىدۇ.
مېتالدىن ياسالغان لەھەڭ شەكىللىك چاچ قىسقۇچ نەپىس ھەم چىرايلىق، كىچىككىنە بولغاچقا، ئارتۇق خەتىرىنى ئويلاپمۇ كەتمەيمىز، لېكىن، ئەگەر ھادىسە يۈز بېرىپ قالسا، ئۇنىڭ خەتەر پەيدا قىلىدىغان «كۈچى»گە سەل قارىغىلى بولمايدۇ.
قانداقلا بولسۇن، ئىنتايىن كۆپ ئادەمدە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى كىچىك بولغان تەقدىردىمۇ، بۇنداق ھادىسە يۈز بېرىپلا قالسا، بىر ئادەمگە ئەجەللىك زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
پايدىلانغان مەنبە: لىنلى ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى ھۆكۈمەت تەرەپ دوۋيىن نومۇرى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)