شى جىنپىڭ نامىبىيە زۇڭتۇڭى گېيىنگوبنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامىبىيەنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان زۇڭتۇڭى مۇبېمباغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
21:46:05 2024-02-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2- ئاينىڭ 5- كۈنى نامىبىيە زۇڭتۇڭى گېيىنگوبنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامىبىيەنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان زۇڭتۇڭى مۇبېمباغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، نامىبىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ھەم زۇڭتۇڭ گېيىنگوبنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. 

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ گېيىنگوب نامىبىيەنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو- نامىبىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو- نامىبىيە، جۇڭگو- ئافرىقا دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىقى نامىبىيە خەلقى ئۈچۈن غايەت زور يوقىتىش، جۇڭگو خەلقىمۇ بىر ياخشى دوستىدىن ئايرىلىپ قالدى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو بىلەن نامىبىيەنىڭ چوڭقۇر ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ، نامىبىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125