«شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتابنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسى، ئىنگلىزچە- خەنزۇچە سېلىشتۇرما نۇسخىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى
21:55:21 2024-02-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت- ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتى تەرجىمە قىلغان «شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتابنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسى، ئىنگلىزچە- خەنزۇچە سېلىشتۇرما نۇسخىسى يېقىندا مەركىزىي تەھرىرلىك- تەرجىمە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا تارقىتىلدى.

 «شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتابنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت- ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012- يىلى 11- ئايدىن 2023- يىلى 10- ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرى كىرگۈزۈلگەن. پۈتۈن كىتاب يەتتە مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى، ماھىيەتلىك تەلىپى ۋە مۇھىم پىرىنسىپى قاتارلىق مول ئىچكى خاس مەزمۇنلارغا ئائىت چوڭقۇر ئىزاھاتلىرى سىستېمىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىش، بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنغان.

 بۇ كىتابنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسى، ئىنگلىزچە- خەنزۇچە سېلىشتۇرما نۇسخىسىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ نەزەرىيە سىستېمىسى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ماڭغان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى يولىنى، ياراتقان ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى يېڭى ھالىتىنى، نامايان قىلغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مەنزىرىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىگە پايدىلىق، بۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىپ، تىنچ تەرەققىي قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىش، ئورتاق گۈللىنىشتىن ئىبارەت دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئورتاق تونۇشنى كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125