47 خىل ئەھۋالدا ئالتە تۈرلۈك گۇڭئەن ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكا رەسىمىنى كۆرسىتىپ ئىش بېجىرگىلى بولىدۇ
«شىنجاڭ گۇڭئەن مىكرو ساقچى ئىشلىرى» ۋېيشىن كىچىك پىروگراممىسىدا كىملىك، نوپۇس، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى، ئامانلىق ساقلاش مۇلازىمىتى قاتارلىق 88 تۈرلۈك كۆپ ئىشلىتىلىدىغان كەسىپلەرنى توردا بېجىرىش يولغا قويۇلدى.
ئاممىنىڭ كەسىپ بېجىرىش، مېھمانخانىدا يېتىش، پوچتا يوللانمىسى ئەۋەتىش قاتارلىق 47 خىل ئەھۋالدا كىملىك، نوپۇس دەپتىرى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسى، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى، ۋاقىتلىق ئولتۇراقلىشىشنى تىزىملاش ئىسپاتىدىن ئىبارەت ئالتە تۈرلۈك گۇڭئەن ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكا رەسىمىنى كۆرسىتىپ ئىش بېجىرىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)