توردا پويىز بېلىتى سېتىۋالغاندا ئارتۇق بېلەت يوق دەپ ئەسكەرتىلسە، ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ئاپپاراتىدا بېلەت بار بولامدۇ؟ 12306نىڭ جاۋابى
15:03:26 2024-02-09 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 يېقىندا تور ئەھلى ئىنكاس قىلغان «توردا پويىز بېلىتى سېتىۋالماقچى بولغاندا بېلەت قالمىدى، دەپ ئەسكەرتىلىدۇ، لېكىن ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ئاپپاراتىدا يەنە بېلەت بار دەپ كۆرۈنىدۇ» دېگەن مەسىلىگە قارىتا، تۆمۈر يول 12306 تېخنىكا مەسئۇلى مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: 12306 تور بېكىتى بىلەن ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ئاپپاراتىنىڭ بېلەت مەنبەسى ۋە بېلەت ئامبىرى ئوخشاش بولۇپ، ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ئاپپاراتىغا ئايرىم بېلەت ئېلىپ قويىدىغان ئەھۋال بولمايدۇ. قالدۇق بېلەت ئۇچۇرى ئۇدۇللۇق ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، تور مۇھىتى سەۋەبىدىن، ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئوخشاش بولمىغان بېلەت سېتىش يوللىرىدىكى قالدۇق بېلەت سانى ئوخشاش كۆرۈنمەيدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈشى مۇمكىن. 

 تۆمۈر يول تارماقلىرى كەڭ يولۇچى دوستلارغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، تۆمۈر يول 12306 تور بېكىتى (ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) جۇڭگو تۆمۈريولىنىڭ بىردىنبىر ھۆكۈمەت تەرەپ پويىز بېلىتىنى توردا سېتىش سۇپىسى بولۇپ، ئەزەلدىن ھېچقانداق ئۈچىنچى تەرەپ سۇپىغا پويىز بېلىتى سېتىش ھوقۇقىنى بەرمىگەن. يولۇچىلار ئۈچىنچى تەرەپ سۇپا ئارقىلىق بېلەت سېتىۋالغاندا، قوشۇمچە ھەق، باغلاپ سېتىش مۇلازىمىتى قاتارلىق «قىلتاق»لارغا دۇچ كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەنلا قالماي، يەنە شەخسىي مەخپىيەتلىك ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلىنىپ كېتىش خەۋپى مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن. كەڭ يولۇچى دوستلار چوقۇم تۆمۈريول ھۆكۈمەت يولى ئارقىلىق بېلەت سېتىۋېلىشى كېرەك، 12306 ھۆكۈمەت تور بېكىتى ۋە «تۆمۈر يول 12306»نىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ Appسىنى توغرا تونۇۋېلىشى، ھەمدە بېلەت پۇلىنى ئالغۇچى تەرەپنىڭ «جۇڭگو تۆمۈريول تورى چەكلىك شىركىتى(中国铁路网络有限公司)» ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا كېيىن بېلەت قايتۇرغاندا، بېلەتتىكى ۋاقىتنى ئۆزگەرتكەندە قايتۇرۇشقا تېگىشلىك پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالالماسلىقتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە، تۆمۈريولدا يولۇچى ئېقىمى بىر قەدەر كۆپ، قىسمەن جايلاردا يەنىلا قار- يامغۇرلۇق ھاۋا رايى كۆرۈلمەكتە، يولۇچى دوستلار سەپەرگە چىقىش مۇلازىمىتى ئۇچۇرلىرىغا ۋاقتىدا دىققەت قىلىپ، ۋوگزالغا كىرىش، پويىزغا چىقىشقا يېتەرلىك ۋاقىت قالدۇرۇپ، يېنىدا ئېلىپ يۈرىدىغان بۇيۇملارنى بەلگىلىمە بويىچە ئېلىپ، سەپەر جەريانىدا ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىي سەپەرگە چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىرلىكتە ياخشى سەپەر مۇھىتى يارىتىشى كېرەك.

 پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى 

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125