يېتەرلىك بولدى، مۇقىم بولدى، جانلاندى! بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق باھار بايرىمىدىن بۇرۇنقى مەملىكەت بويىچە ئىستېمال بازىرىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ باقايلى
17:39:26 2024-02-09 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 2- ئاينىڭ 6- كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شېڭ چيۇپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سودا چوڭ سانلىق مەلۇماتىنىڭ كۆزىتىپ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، باھار بايرىمىدىن بۇرۇن مەملىكەت بويىچە ئىستېمال بازىرىنىڭ ئايلىنىشى مۇقىم، تەرتىپلىك بولغان:

 بىرىنچى، تەمىنلەش يېتەرلىك بولغان. جايلاردىكى چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازارلىرىدا ئاشلىق، ياغ، گۆش، تۇخۇم، سۈت، مېۋە، كۆكتات قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى زاپىسى يېتەرلىك بولدى، نۇقتىلىق توپ سېتىش بازارلىرى، تاللا بازارلارنىڭ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى زاپىسى ئادەتتىكىدىن %10تىن %30كىچە كۆپەيتىلدى. ئاساسلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى باھار بايرىمى مەزگىلىدە يەتكۈزۈپ بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن داۋاملىق تەمىنلەيدۇ.

 ئىككىنچى، باھا مۇقىم بولغان. 2- ئاينىڭ 4- كۈنى، مەملىكەت بويىچە 100 چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىدا ئاشلىق، ياغ، كالا- قوي گۆشىنىڭ ئوتتۇرىچە توپ سېتىش باھاسى ئاي بېشىدىكى بىلەن ئاساسەن تەڭلەشتى، چوشقا گۆشى، تۇخۇمنىڭ باھاسى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %1.8 ۋە %0.6 ئۆرلىدى، كۆكتات باھاسىدا پەسىل خاراكتېرلىك ئۆرلەش كۆرۈلدى. 

 ئۈچىنچى، سېتىش جانلانغان. باھار بايرىمىنىڭ مۇراسىم تۇيغۇسى باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىشتىن باشلىنىدۇ. باھار بايرىمى كەيپىياتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ھەر قايسى چوڭ سودا سارايلىرى، تاللا بازارلار، تور سۇپىلىرى سېتىش يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى. 1- ئاينىڭ ئاخىرىدا، سودا مىنىستىرلىقى نۇقتىلىق  كۆزىتىپ تەكشۈرگەن پارچە سېتىش كارخانىلىرىنىڭ سېتىش سوممىسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %19.9 ئاشتى. 1- ئايدىكى مەملىكەت بويىچە توردا پارچە سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %20 ئاشتى. (باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى شۈ نىڭنىڭ)

 پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125