دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5000 مېتىردىن ئاشىدىغان خېۋېيتەن چېگرا مۇداپىئە ليەنى تۇرۇشلۇق جاي، يىلبويى مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، قاتتىق سوغۇق، ئوكسىگېن كەمچىل بولغاچقا، چېگرا قوغدىغۇچى جەڭچىلەرنىڭ قۇلىقى ئاسانلا ئۈششۈپ قالىدۇ. مۇخبىرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە نىسبەتەن چېگرا مۇداپىئە جەڭچىسىنىڭ بۇرۇلۇپ پەقەت: «ھېچقىسى يوق، ھېچقىسى يوق!» دېگەن كۆرۈنۈشى ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتتى.
خېۋېيتەن چېگرا مۇداپىئە ليەنى قاراقۇرۇم ئېگىزلىكىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5418 مېتىرغا يېتىدۇ، جۇمۇلاڭما چوققىسى قوماندانلىق ئىشتابىدىنمۇ 218 مېتىر ئېگىز، يىلبويى قاتتىق سوغۇق، ئوكسىگېن كەمچىل بولىدۇ، قىش پەسلىدىكى ئەڭ تۆۋەن ھاۋا تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 30 سېلسىيە گىرادۇسقا يېقىنلىشىدۇ، تەبىئىي شارائىتى ناچار.
خېۋېيتەن چېگرا مۇداپىئە ليەنى دەريا ساھىلىنىڭ ئاخىرقى قىسمىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. ليەندۈي تۇرۇشلۇق جايدا يىل بېشىدىن يىل ئاخىرىغىچە سەككىز بالدىن يۇقىرى بوران چىقىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى نۆل سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولىدۇ، ئىسسىتىشقا ئىشلىتىلىدىغان پار قازىنى 365 كۈن ئىشلەۋېرىدۇ، ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە پاختىلىق چاپان كىيىدۇ. ليەندۈي گازارمىسىنىڭ ئەتراپىدا قارلىق چوققىلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرغاچقا، خېۋېيتەن تاغ چوققىلىرى ئارىسىغا يوشۇرۇنغان «يېگانە ئارال»غا ئايلانغان. بەزىدە بۇ يەردە ياۋايى ھايۋانلار ئىزىنى قالدۇرۇپ كېتىدۇ، ئەمما ئاياغ ئىزىنى ئەڭ كۆپ قالدۇرىدىغىنى بۇ يەرنى قوغداۋاتقان چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرى.
دېڭىز يۈزىدىن 5000 مېتىر ئېگىز جايدا، سەللا دىققەت قىلمىسا ئېغىر دەرىجىدە ئۈششۈكتىن يارىلىنىدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلىرى، جۇڭگو ياشلار گېزىتى، ئانار بۇلۇت تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)