بۇ ئۇخلاش ئادەتلىرى قېرىشنى كېچىكتۈرۈشكە پايدىلىق! ياخشى ئۇخلىماقچى بولسىڭىز بۇ ئىككى نۇقتىغا دىققەت قىلىڭ (3)
17:37:46 2024-02-09 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 دائىم ياخشى ئۇخلىيالمىغاندا، بۇ ئۇسۇللارنى سىناپ بېقىش كېرەك

 1. كەچتە ئۇيقۇغا كىرىش تەس بولۇش

 ناھايىتى تەستە ئۇيقۇغا كىرىش، يېرىم سائەت ياتقاندىن كېيىنمۇ يەنىلا سەگەك تۇرۇش.

 تەكلىپ: كەچلىك تاماق ۋاقتىنى سائەت 18دىن 19غىچە ئورۇنلاشتۇرۇش، تاماقنى بەك كۆپ يەۋالماسلىق، ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ۋەزىپىسىنى بالدۇرراق تاماملاپ، سىمپاتىك نېرۋىنى ئەركىن قويۇۋېتىش كېرەك.

 ئۇخلاشتىن بىر سائەت بۇرۇن كومپيۇتېر، يان تېلېفون ئوينىماسلىق، يان تېلېفوننى كارىۋاتقا ئېلىپ چىقماسلىق كېرەك.

 ھەر كۈنى ئوخشاش بولغان ئۇخلاش، ئويغىنىش ۋاقتىنى داۋاملاشتۇرغاندا، ئۇيقۇ رىتىمىنى يېتىلدۈرۈشكە ياردىمى بولىدۇ. ئۇيقۇسى ياخشى ئەمەس كىشىلەر سائەت 23 ئەتراپىدا ئۇخلىشى، ئەتىگەن سائەت 6 ئەتراپىدا ئويغىنىشى كېرەك. ئۇيقۇسىزلىق ياخشىلىنىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، كارىۋاتتىكى ۋاقتىنى تەدرىجىي ئۇزارتىش كېرەك. ئادەتتە ھەر ھەپتىدە 15 مىنۇت ئۇزارتىش كېرەك.

 ئەگەر بۇمۇ كارغا كەلمىسە، ئۇخلاش ۋاقتىنى سەل كەينىگە سۈرۈش، راستتىنلا چارچىغاندا ئاندىن ئۇخلاش كېرەك، لېكىن سائەت 12دىن كېيىن قالماسلىق كېرەك.

图片

 2. يېرىم كېچىدە ئاسان ئويغىنىپ كېتىش

 ئۇخلاپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇخلاش ھالىتىنى ساقلاش تەس بولۇش، بەش مىنۇتتىن ئارتۇق ئويغىنىش ئەھۋالى ئىككى قېتىمدىن كۆپ بولۇش. 

 تەكلىپ: ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۇنى كۆپ ئىچمەسلىك، كېچىسى كىچىك تەرەتكە قوپۇشنى ئازايتىش كېرەك.

 ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ماددىلارنى، مەسىلەن، ئىسپىرت، كوففېئىن، تاماكا قاتارلىقلارنى قوبۇل قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

 ئەگەر بەزىدە مەسىلە كۆرۈلسە، كارىۋاتتىن چۈشۈپ كىتاب كۆرۈش، چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈش قاتارلىق ئەركىن ھەرىكەتلەرنى قىلىش كېرەك، ئەمما كومپيۇتېر ئوينىماسلىق كېرەك.

图片

 3. ئەتىگەندە بالدۇر ئويغىنىپ كېتىش

 كەچتە ئۇيقۇغا كىرگەندە نورمال، لېكىن سەھەر سائەت 3- 4لەردە ئويغىنىپ كېتىش، ئۇخلاش ۋاقتى 6 سائەتكە يەتمەسلىك.

 تەكلىپ: ياخشى ئەمگەك قىلىش، دەم ئېلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى خىيال سۈرمەسلىك، ياتاق ئۆيگە پۇراقلىق گۈللەرنى قويماسلىق كېرەك.

 ئىشىك- دېرىزىلەرنى ياخشى تاقاپ، دېرىزە پەردىسىنى تارتىپ، تىنچ، قاراڭغۇ ئۇخلاش مۇھىتى يارىتىش كېرەك. 

 ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇش ياكى ئىسسىق سۇغا پۇتنى چىلاش كېرەك؛ ياستۇقنىڭ ئېگىز- پەسلىكى، يۇمشاق- قاتتىقلىقى، يوتقاننىڭ نېپىز- قېلىنلىقى مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك.

 ئاپتاپقا كۆپ قاقلانغاندا مېلاتونىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى غىدىقلاپ، كېچىدىكى ئۇيقۇ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

图片

 4. ئۇيقۇ سۈپىتى ناچار بولۇش

 ئۇيقۇ بىر قەدەر ياخشى بولماسلىق، كۈندۈزى دائىم بىئاراملىقتا ھېچنېمىنى سەزمەسلىك، كۈندۈزلۈك ھەرىكەت ياكى خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزۈش

 تەكلىپ: ئۆي تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنرەك سەۋىيەدە كونترول قىلىش، مەسىلەن، 16 سېلسىيە گىرادۇستىن 24 سېلسىيە گىرادۇسقىچە قىلىش.

 خورەك تارتىدىغان كىشىلەر ئۇخلىغاندا ئەڭ ياخشىسى يانچە يېتىشى ياكى كەينىگە ئىككى- ئۈچ ياستۇق قويۇشى كېرەك. 

 دىققەت: ئەگەر يۇقىرىقى ئۇسۇللارنى سىناپ باقسىمۇ ئۈنۈمى بولمىسا، ۋاقتىدا روھىي- جىسمانىي تېببىي بۆلۈمى، ئۇيقۇ مەركىزى ياكى نېرۋا ئىچكى بۆلۈمىگە بېرىپ داۋالىنىش كېرەك.

 پايدىلانغان مەنبە: «شىنخۇا تورى» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125