ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى ۋە خەۋىرى) باھار بايرىمى يېقىنلىشىپ قالدى، مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ «2024- يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» شۆبە مەيدانىنىڭ بىرى بولغان قەشقەر شەھىرىنىڭ چوڭ- كىچىك كوچىلىرىغا پانۇس ۋە لېنتىلار ئېسىلىپ، باھار بايرىمى پۇرىقى يېتەرلىك بولدى. قەدىمىي شەھەرنى ئايلىنىش، پانۇسلارنى تاماشا قىلىش، مەززىلىك تائاملارنى تېتىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى «ماھارىتى»نى كۆرۈش قاتارلىقلاردىن ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر مېھرىنى ئۈزەلمەي، شادلىققا چۆمدى.
2- ئاينىڭ 4- كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.
2- ئاينىڭ 4- كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى خام بازىرى كەچلىك بازىرىدا ساياھەت قىلماقتا.
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلماقتا.
2- ئاينىڭ 4- كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ چۈشكە ئوخشاش چىراغ نۇرلىرى كېچە ئاسمىنىنى يورۇتتى.
2-ئاينىڭ 5- كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى خام بازىرى كەچلىك بازىرىدا ساياھەت قىلماقتا.
2- ئاينىڭ 5- كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلماقتا.
2- ئاينىڭ 4- كۈنى، كىچىك دوست قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى خام بازىرى كەچلىك بازىرىدا پاختا كەمپۈتكە ئېغىز تەگمەكتە.
2- ئاينىڭ 4- كۈنى، كىچىك دوستلار قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى خام بازىرى كەچلىك بازىرىدا مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگمەكتە.
2- ئاينىڭ 5- كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى خام بازىرى كەچلىك بازىرىدىكى ئەتىرگۈل كەپتەر شورپىسى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.
2- ئاينىڭ 4- كۈنى، كوئېنلۇن مۇنارىدىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان چىراغ مەنزىرىسى قەشقەرنىڭ كېچە مەنزىرىسىگە ھۆسن قوشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)