قان شېكىرىڭىز يۇقىرىمۇ؟ پەقەت قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدىغان يېمەكلىكلەرگە تايىنىپلا قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىشنى ئويلىماڭ!
11:33:25 2024-02-10 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

دىيابېت بىر خىل ئۆمۈرلۈك كېسەللىك بولۇپ، گىرىپتار بولۇپلا قالسىڭىز، قان شېكىرى بىلەن بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ، قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدىغان دورىلارنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا، بەلگىلەنگەن مىقدار بويىچە يېيىش قان شېكىرىنى كونترول قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان بىر تۈرلۈك ۋەزىپە. نۇرغۇن كىشى قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدىغان يېمەكلىكلەرنى دورا ئورنىدا ئىشلىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، تۆۋەندە بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتىمىز.

قېرىقىز

نۇرغۇن كىشى «قېرىقىز يېسە قان شېكىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ» دېيىشىدۇ.

قېرىقىزنىڭ يىلتىز قىسمىدا جۇخارگۈل شېكىرى، ئاقسىل، ۋىتامىن، سەۋزە ماددىسى ۋە يېمەكلىك تالاسى قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر مول بولۇپ، بۇ كۆكتاتنى بىز بازاردىن سېتىۋالالايمىز. لېكىن «قېرىقىز قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ» دېيىلگەنلىكىدە، ئەمەلىيەتتە، قېرىقىز مېۋىسى كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، بازاردا كۆپ ئۇچرايدىغان تۈگۈنەك غولسىمان قېرىقىز مېۋىسىگە ئوخشىمايدۇ. قېرىقىز مېۋىسى قېرىقىزنىڭ قۇرۇپ پىشقان مېۋىسى بولۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دورىگەرلىك قامۇسى»غا كىرگۈزۈلگەن، تەمى كۈچلۈك، ئاچچىق، تەبىئىتى سوغۇق، ئۆپكە، ئاشقازان تومۇرلىرىغا كىرىدۇ، ئىسسىقنى قايتۇرۇش، يۇتقۇنچاق- كېكىردەكنى تازىلاش، زەھەر قايتۇرۇش، ئەسۋىنى تازىلاش، ئاغرىق توختىتىش، ئىششىقنى ياندۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە. يېمەكلىك ھەم دورا قىلغىلى بولىدۇ، ساقلىقنى ساقلاش قىممىتى يۇقىرى.

كىلىنىكىلىق خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قېرىقىز مېۋىسى دىيابېت ئاغرىقلىرىغا قارىتا قانائەتلىنەرلىك قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە ئىكەن، چۈنكى ئۇ ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى غىدىقلاپ، گلۇكاگونسىمان پېپتىد- 1نىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن، شۇڭا شېكەرگە چىدامچانلىقىنى ياخشىلايدىكەن ۋە شېكەرلەشكەن ھېموگلوبىن سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، قېرىقىز مېۋىسى يەنە بۆرەكنى قوغداش رولىغا ئىگە بولۇپ، دىيابېتتىن بولغان بۆرەك كېسەللىكىنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىدىكى ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ياخشىلىيالايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دىيابېتتىن بولغان كۆرۈش تور پەردىسى سۇلۇق ئىششىقى ۋە كۆرۈش تور پەردىسى چۈشۈپ كېتىشنىمۇ ياخشىلاش رولى بار ئىكەن.

قېرىقىز مېۋىسى گەرچە قان شېكىرىنى مەلۇم دەرىجىدە تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بەرسىمۇ، لېكىن قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن داۋالاشتا پۈتۈنلەي دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، ئەگەر ئۇنى قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىشتىكى قوشۇمچە ماتېرىيال سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىشقا توغرا كەلسە، كەسپىي داۋالاش خادىملىرىنىڭ يېتەكچىلىكىنى ئاڭلاش كېرەك.

كاۋا

«كاۋا دىيابېتقا داۋا بولىدۇ» دېگەن گەپ ئىلگىرى بىر مەھەل دەۋر سۈرگەن بولۇپ، نۇرغۇن دىيابېت ئاغرىقى كاۋىنى «توپ» سېتىۋېلىپ ئۆيىدە ساقلاپ، ئەتىگەندىمۇ، كەچتىمۇ يېگەن. بەزى سودىگەرلەر كاۋىنى شامالدا قۇرۇتۇپ كاۋا تالقىنى تەييارلىدى ھەم «دىيابېتنى داۋالاش مىقدارى ھەر قېتىمدا 50 گرامدىن، كۈندە ئۈچ قېتىم بولىدۇ»، دەپ ئېنىق چۈشەندۈردى.

ئۇنداقتا، كاۋا زادى قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتەلەمدۇ- يوق؟ كاۋا قاپاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك مېۋىسى بولۇپ، جۇڭيى تېبابىتىدە ئۇنىڭ دورىلىق قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى، دەپ قارىلىدۇ. ھازىرقى زامان ئوزۇقلۇقشۇناسلىقىنىڭ قارىشىچە، كاۋا تەركىبىدە بىر قەدەر مول ئوزۇقلۇق تەركىب بار ئىكەن، مەسىلەن، كۆپ خىل ۋىتامىن، تۇراقلىق مىقدارلىق ئېلېمېنت (كالتسىي، فوسفور قاتارلىقلار)، مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنت (تۆمۈر، سىنك قاتارلىقلار). كاۋا تەركىبىدە شېكەر ۋە ئېنېرگىيە بار بىر خىل يېمەكلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن، چوقۇم قان شېكىرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ، ئۇنىڭ قان شېكىرى كۆرسەتكۈچى (GI) 75 بولىدۇ. يەنى، كاۋا ئاشقازان- ئۈچەيگە كىرگەندىن كېيىن ھەزىم قىلىنىشى تېز، سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ، گىلۇكوزىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى بىر قەدەر تېز بولۇپ، قانغا كىرگەندىن كېيىنكى چوققا قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ.

كاۋا تەركىبىدىكى كاۋا پولىساخارىدىنى ھايۋانلاردا تەجرىبە قىلىپ مەلۇم مىقداردا ئىشلەتكەندە، تېترائۇراتسىل كەلتۈرۈپ چىقارغان دىيابېت بولغان كىچىك چاشقاننىڭ قان شېكىرىنى تۆۋەنلەتكەن، ئۇنىڭ مېخانىزمى ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. ئەگەر كاۋا پولىساخارىدى ئارقىلىق قان شېكىرىنى تۆۋەنلەتمەكچى بولساق، قانچىلىك كاۋا ئارقىلىق ئۈنۈملۈك مىقدارىنى ئايرىپ چىققىلى بولىدۇ؟ ئەگەر بىر ئادەمنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 60 كىلوگرام بولسا، تەجرىبىدىكى مىقدار بويىچە نەچچە كىلوگرام پولىساخارىد يېيىشكە توغرا كەلسە، بەرداشلىق بېرەلەمدۇ؟ يەنە بەزى ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، چاشقانغا بېرىلگەن كاۋا پولىساخارىدى مىقدارى ھەر كىلوگىرامىدا 500 گىرام ۋە ھەر كىلوگىرامىدا 1000 گىرام بولۇپ، تاماقتىن كېيىنكى قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى %80كە، ئاچ قورساق چاغدىكى قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى %70كە يەتكەن. يەنە بەزى خەۋەرلەردە 1000 توننا كاۋىدىن 5 توننا كاۋا پولىساخارىد ئايرىۋالغىلى بولىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

كاۋىنىڭ تەمى تاتلىق بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىي شېكەر مىقدارى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، 100 گىرام كاۋىنىڭ تەركىبىدىكى كاربون- سۇ بىرىكمىلىرى ئاران 5.3 گىرام، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆپ مىقداردا مېۋە يېلىمى بار بولۇپ، بىر خىل ئېرىشچان تالا ھېسابلىنىدۇ، كراخمال تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاشقازاندىكى ماددىلارنىڭ يېپىشقاقلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاشقازاننىڭ قۇرۇقدىلىشىنى كېچىكتۈرۈپ، كاربون- سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئاستىلىتىدۇ. شۇڭا، دىيابېت ئاغرىقلىرى ھەر كۈنى بىر قىسىم ئاساسلىق يېمەكلىك (گۈرۈچ، ئۇن قاتارلىقلار)نىڭ ئورنىدا 200 گىرامچە كاۋا يەپ بەرسە بولىدۇ. ئەمما كاۋا نېمىلا دېگەن بىلەن تەركىبىدە شېكەر بار يېمەكلىك بولۇپ، دورا ئورنىدا ئىشلىتىپ قان شېكىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا، كاۋىنى چەكلىمىسىز كۆپ مىقداردا يېيىشكە، ياكى كاۋىلا يەپ، قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدىغان مۇنتىزىم دورىلارنى ئىچمەسلىككە بولمايدۇ.

قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدىغان باشقا يېمەكلىكلەر

ئاچچىق كاۋا تەركىبىدە ئىنسۇلىنغا ئوخشاش تەركىبلەر بولۇپ، قان شېكىرىنى روشەن كونترول قىلىش رولىغا ئىگە، گلۇكوزىنىڭ پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، لېكىن ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ھەزىم قىلىش يولىدا ئاسان پارچىلىنىدۇ.

خاڭگانىڭ سۇ تەركىبى يۇقىرى، يەنە ۋىتامىن C، سەۋزە ماددىسى قاتارلىقلار مول، ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن، شېكەر تەركىبى ئاز بولۇپ، ئىسسىقنى قايتۇرۇش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىششىقنى ياندۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە.

شوخلا تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىتامىنلار بار، بەزى دىيابېت ئاغرىقلىرى قان شېكىرىنى ياخشى كونترول قىلالماي، تەركىبىدە شېكەر بولغان مېۋىلەرنى يېيەلمەيدۇ، مۇشۇنداق چاغدا شوخلا ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇپ، ۋىتامىن تولۇقلاپلا قالماستىن، يەنە مېۋە يېلىمى بار بولۇپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شېكەر تەركىبىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئاستىلىتىدۇ.

پالەك تەركىبىدە ئىنسۇلىنغا ئوخشاش ماددا بولۇپ، قان شېكىرىنى تۇراقلاشتۇرۇشقا پايدىلىق.

سۇلۇ تەركىبىدە B تۈردىكى ۋىتامىن ۋە سىنك مول بولۇپ، بۇ تەركىبلەر شېكەر ۋە ياغ مېتابولىزمىنى بەلگىلىك دەرىجىدە تەڭشەش رولىغا ئىگە، ئومۇمىي خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىپ، ئىنسۇلىنغا بولغان قارشىلىقىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئېرىشچان تالالار ئۈچەينىڭ كاربون- سۇ بىرىكمىلىرىنى پارچىلاش ۋە قوبۇل قىلىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، قان شېكىرىنى تۇراقلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.

قارا بۇغداي تەركىبىدە ئادەم بەدىنى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تەركىبىدە لىسىن كىسلاتاسى بار ئامىنو كىسلاتاسى بار، يەنە فلاۋون تەركىبى بار بولۇپ، شېكەر مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش رولى ناھايىتى ياخشى، قارا بۇغداي مومىسى، قارا بۇغداي چۆپىنى شېكەر مىقدارى يۇقىرى بولغان ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئورنىدا دائىم يېيىشكە بولىدۇ.

سامساق تەركىبىدە سېلېن مول بولۇپ، ئىنسۇلىن بىرىكتۈرۈشتە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ، كېسەللىك ئەھۋالىنى يېنىكلىتىپ، قان شېكىرىنى تۇراقلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.

خەيدەي تەركىبىدە %60 فۇكوپولىساخارىد بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك يېمەكلىك تالاسى ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ئاشقازاننىڭ قۇرۇقدىلىشى ۋە يېمەكلىكنىڭ ئىنچىكە ئۈچەيدىن ئۆتۈش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ، قان شېكىرىنىڭ داۋالغۇشىنى كونترول قىلىش ھەم كېسەللىك ئەھۋالىنى پەسەيتىشتە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ.

مەيلى قېرىقىز، كاۋا ياكى قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار باشقا يېمەكلىكلەر بولسۇن، دىيابېت ئاغرىقلىرىغا نىسبەتەن بەلگىلىك پايدىسى بار، لېكىن بۇ يېمەكلىكلەرنى پۈتۈنلەي دورا ئورنىدا ئىشلىتىپ قان شېكىرىنى كونترول قىلىشقا ۋە داۋالاشقا بولمايدۇ، مەسئۇل دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بۇ خىل يېمەكلىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشقا بولىدۇ، لېكىن ھەرگىزمۇ ئاساسىي يېمەكلىك قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125