ئۆزىمىزنىڭ «ھەميىنى»نى ياخشى ساقلايلى! باھار بايرىمى مەزگىلىدە ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇشتىكى بۇ ئەسكەرتىشنى قوبۇل قىلىڭ
23:09:21 2024-02-09 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 باھار بايرىمى يېقىنلاپ قالدى، كۆپچىلىك پۈتۈن ئائىلە جەم بولۇش ئۈچۈن بىر يىل جاپا چەكتى. بۇنداق ۋاقىتتا ئالدامچىلار ھەرگىز پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كەتمىسۇن.

 شۇڭا، بېيجىڭ ساقچى تەرەپ خىزمەت تەجرىبىسىگە ئاساسەن، بايرام مەزگىلىدە ئاسان يۈز بېرىدىغان تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى تۈرلىرىنى رەتلەپ چىقتى، كۆپچىلىكنىڭ ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنىڭ «ھەميانى»نى ياخشى ساقلاپ، ئىناق، بەختلىك بايرام ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.  

 بىرىنچى ئالدامچىلىق تۈرى: تالون ئىشلىتىپ پايدا قايتۇرۇش ئالدامچىلىقى

 ئالدامچىلار تېلېفون، قىسقا ئۇچۇر، ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئىشتىن سىرت تالون ئىشلەش ئېلانى چىقىرىپ، ياكى تېز يوللانما ئارقىلىق كىچىك سوۋغاتلارنى ئەۋەتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، زىيانلانغۇچىنى كودنى سايىلەپ توپقا كىرىشكە جەلپ قىلىپ، ئاددىي ۋەزىپىلەرنى ئېلان قىلىپ، زىيان تارتقۇچى تۇنجى قېتىم تالون ئىشلىگەندىن كېيىن، دىرى بىلەن شېرىنكانىنى ۋاقتىدا قايتۇرىدۇ، ئىشەنچ تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن، زىيانلانغۇچىنى كۆپ سوممىلىق مەبلەغ سالغۇزۇپ، سىستېما كاشىلىسى قاتارلىق سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، دىرى بىلەن شېرىنكانىنى قايتۇرۇشنى رەت قىلىدۇ. بۇ يەردە، بېيجىڭ ساقچى تەرەپ مۇنداق ئەسكەرتىدۇ: تالون ئىشلىتىپ پايدا قايتۇرۇش ئالدامچىلىقى مەبلەغ تۆلەشتىن ئىبارەت بۇ ھالقىدىن ئايرىلالمايدۇ، تالون ئىشلىتىشنىڭ ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاڭ، مەبلەغ تۆلەپ ۋەزىپە ئورۇنلاتقۇزغانلارنىڭ ھەممىسى ئالدامچىلىق. 

 ئىككىنچى ئالدامچىلىق تۈرى: «ئايروپىلان بېلىتىنى قايتۇرۇش، ئۆزگەرتىش» ئالدامچىلىقى

 تەتىل مەزگىلى ئاممىنىڭ ساياھەتكە چىقىشىنىڭ يۇقىرى پەللىسى، ئالدامچىلار «نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ۋاقتى ئۆزگەردى»، «نۆۋەتچى ئايروپىلان كېچىكتى» دېگەننى باھانە قىلىپ، زىيانلانغۇچىغا تېلېفون قىلىپ ياكى ساختا ئۇلانمىلىق قىسقا ئۇچۇر يوللاپ، زىيانلانغۇچىنىڭ ئۇچۇرى ۋە نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇرىنى توغرا ئېيتىپ ئىشەنچىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، زىيانلانغۇچىنى يان تېلىفوندا «ئېكراندىن ئورتاق بەھرىلىنىش»نى ئېچىشقا يېتەكلەپ، زىيانلانغۇچىنىڭ بانكا كارتىسى ۋە دەلىللەش نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىشىدۇ ياكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ ئۇچۇر كىرگۈزگۈزۈپ، پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالىدۇ. بېيجىڭ ساقچى تەرەپ مۇنداق ئەسكەرتىدۇ: كەڭ شەھەر ئاھالىسى دوستلار ئېنىقسىز ئۇلانمىنى چېكىپ يۇمشاق دېتال چۈشۈرمەسلىكى، ناتونۇش كىشىلەر بىلەن «ئېكراندىن ئورتاق بەھرىلىنىش»نى ئاچماسلىقى، بېلەت قايتۇرۇش، ئۆزگەرتىش قاتارلىق بېلەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرىدا ئورگان تەرەپنىڭ تور بېكىتىنى ئۆلچەم قىلىشى كېرەك.

 ئۈچىنچى ئالدامچىلىق تۈرى: ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەشيا ئوبوروتى ئابۇنىچىلار مۇلازىمى قىياپىتىگە كىرىۋېلىش ئالدامچىلىقى

 ئالدامچى ئۇنسۇرلار ئېلېكتىرونلۇق سودا مال سېتىۋېلىش سۇپىسى ئابۇنىچىلار مۇلازىمى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، «زاكاز تالونى ئىناۋەتسىز بولغانلىقتىن پۇل قايتۇرۇمىز» ياكى «مال قايتۇرۇپ، تولۇقلىما بېرىمىز» دېگەنلەرنى باھانە قىلىپ، زىيانلانغۇچىنى ساختا ئۇلىنىشنى چېكىشكە ياكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ ھېساباتتىن پۇل يۆتكەشكە قىزىقتۇرىدۇ. بېيجىڭ ساقچى تەرەپ مۇنداق ئەسكەرتىدۇ: كەڭ شەھەر ئاھالىسى دوستلار توردىن مال سېتىۋالغان پۇلنى قايتۇرۇۋېلىشتا چوقۇم ھۆكۈمەت تورىدا مەشغۇلات قىلىشى كېرەك، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەشيا ئوبوروتى ئابۇنىچىلار مۇلازىمەت خادىمى سىزگە ئايرىم پۇل ئەۋەتىپ بەرمەكچى بولسا، بۇ ئالدامچىلىق بولۇشى مۇمكىن. 

 تۆتىنچى ئالدامچىلىق تۈرى: توردىكى ساختا مەبلەغ سېلىش ئالدامچىلىقى 

 ئالدامچى ئۇنسۇرلار ئاكسىيە ياكى مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ نامىدا تور، تېلېفون قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ساختا پاينىڭ ئىچكى ئۇچۇرى ۋە يۈزلىنىشىنى تارقىتىپ، ئاممىنى ئالاقە تورى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى ۋە ساختا سودا سۇپىسىغا كىرىشكە جەلپ قىلىپ، ساختا مەبلەغ قوشۇش، سۈنئىي كونترول قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئاممىنى ساختا سودا سۇپىسىدا كۆپ سوممىلىق زىيان تارتقۇزۇپ ئالدامچىلىق قىلىدۇ. بېيجىڭ ساقچى تەرەپ مۇنداق ئەسكەرتىدۇ: كەڭ شەھەر ئاھالىسى دوستلار توردىكى ئاتالمىش مۇقىم پايدا ئالىدىغان، زىيان تارتمايدىغان مەبلەغ سېلىپ مالىيە باشقۇرۇشقا ئىشەنمەسلىكى، مۇنتىزىم بولمىغان يوللار ئارقىلىق تەۋسىيە قىلىنغان مەبلەغ سېلىپ مالىيە باشقۇرۇشقا ئاسانلىقچە ئىشەنمەسلىكى كېرەك.

 بەشىنچى ئالدامچىلىق تۈرى: ساختا مال سېتىۋېلىش مۇلازىمى ئالدامچىلىقى

  ئالدامچىلار تور بەت، قىسقا ئۇچۇر، تېلېفون قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق نەرسە- كېرەك ئېلىپ- سېتىش ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشتەك ساختا ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ، ئېتىبار بېرىش، باھانى چۈشۈرۈش، تۆۋەن باھادا سېتىش ياكى زاكالەت پۇلى، كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇش قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ ئاممىنى جەلپ قىلىدۇ، ئامما پۇل تۆلەپ بولغاندىن كېيىن، ئالدامچىلار ئامما بىلەن بولغان ئالاقىسىنى دەرھال ئۈزۈپ تاشلاپ، نەرسە تارقاتماي، مۇناسىپ مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىمەي ئالدامچىلىق قىلىدۇ. بېيجىڭ ساقچى تەرەپ مۇنداق ئەسكەرتىدۇ: كەڭ شەھەر ئاھالىسى دوستلار تور سۇپىسىدا سودا قىلغاندا، چوقۇم سودىگەرلەرنىڭ ئۇچۇرىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، مۇنتىزىم مال سېتىۋېلىش سۇپىسىنى تاللىشىنى، بىنورمال تۆۋەن باھالىق تاۋارلارغا قارىتا ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. (باش  ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى جاۋ شۆرۇڭ)

 پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125