تۈمەنلىگەن تاغ- دەريا، چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببەت
23:23:25 2024-02-07 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 تۈمەنلىگەن تاغ- دەريا، چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببەت

 − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باھار بايرىمىدىكى ئىزىنى بويلاپ خەلقچىل ھېسسىياتىنى ھېس قىلىش

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

 دېھقانلار كالېندارى بويىچە جياچېن ئەجدىھا يىلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تيەنجىنگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، خەلقنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ، بەخت تىلەپ، پۇقرالارغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر قېتىملىق كاتتا باھار بايرىمىدا، مەيلى دۆلەت ئىشلىرى قانچە ئالدىراش بولسۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەردائىم ۋاقىت چىقىرىپ، ھېرىپ- چارچىغىنىغا قارىماي ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باھار بايرىمىدىكى ئىزىنى بويلاپ، تاغ- دەريالارنى كېزىپ، 12 يىلدىن بۇيانقى ئىللىق دەقىقىلەرنى ئەسلەپ، خەلق ھاكىمىيىتى ياراتقان بەختلىك مەنزىرىنى ھېس قىلىپ، بىپايان جۇڭگو زېمىنىدىكى تۈرلۈك- تۈمەن ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدۇق.

 قەلبىگە پۈككەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ھەرىكەت يۆنىلىشى بولدى. ئون مىڭ چاقىرىم مۇساپىنى باستى، مۇھەببىتى ئۆزگەرمىدى. 

  ئىللىقلىققا تولغان غەمخورلۇق

 قىش كۈنلىرىدىكى تيەنجىن، يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە پانۇسلار ئېگىز ئېسىلغان بولۇپ، چوڭ- كىچىك كوچىلار قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى.

 2- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ تيەنجىنگە كېلىپلا، شىچىڭ رايونى شىنكوۋ بازىرىنىڭ دىليۇبۇ كەنتىگە بېرىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش ۋە ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ كۆردى.

 دىليۇبۇ كەنتى تيەنجىندىكى كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرىدىغان مۇھىم جاي بولۇپ، بۇلتۇر 7- ئاينىڭ ئاخىرى 8- ئاينىڭ باشلىرىدا ياغقان قاتتىق يامغۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، بۇ يەردىكى 10 مىڭ مودىن ئارتۇق ئېتىزنى سۇ بېسىپ كەتكەنىدى.

 ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى ئاممىنىڭ باھار بايرىمىنى ئىللىق ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلارغا ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلدى.

 «باش شۇجى ئۆيىمىزگە كېلىپ بىز بىلەن پاراڭلاشتى، ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى، ئاپەتتىن كېيىنكى ياردەم تولۇقلىمىسىدىن تارتىپ بالىلارنىڭ ئوقۇشى، ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىگىچە، ئۇ ئىنچىكە ھەم تەپسىلىي سورىدى، قەلبىمىز ئىللىقلىققا تولدى.» كەنت ئاھالىسى دۇ خۇڭگاڭ مۇنداق دېدى: كەلكۈن يانغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت بىرىنچى ۋاقىتتا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆكتات پارنىكلىرىنى رېمونت قىلىشىغا ياردەم بەردى، ئىشلەپچىقىرىش ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كەلدى. ھازىر، پارنىكلاردا ئۆستۈرۈلگەن چىڭسەيدىن مول ھوسۇل ئېلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

 كەنت مەيدانىدا، ئېگىز ئېسىلغان قىزىل پانۇسلار بۇ جايغا قويۇق باھار بايرىمى تۈسى قوشقان بولۇپ، شاد- خۇراملىققا تولغان كەيپىياتتىن يېڭى ئۈمىد ئۇرغۇپ تۇراتتى.

 ئاممىنىڭ ئۆيلىرىگە تىنچ- ئامان قايتىپ باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈش- ئۆتكۈزەلمەسلىكىنى باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر ۋاقىت كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى.

 خېنەن «米» خېتى شەكىللىك گاۋتيې تورىنىڭ ئاچقۇچلۇق تۈگۈن نۇقتىسىغا جايلاشقان جېڭجوۋ شەرقىي ۋوگزالى ئۆيگە قايتىشقا تەييارلانغان يولۇچىلار بىلەن لىق تولغانىدى. 

 «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تىنچ باسقۇچقا ئۆتكەندىن كېيىنكى 2- قېتىملىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يىل سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجى زور بولدى. يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە، ھەر 78 سېكۇنتتا بىر گاۋتيې بۇ يەردىن يولغا چىقتى.» يولۇچى توشۇش نۆۋەتچى خادىمى جاڭ خۇا مۇنداق دېدى: بۇ يىل باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش باشلانغاندىن بۇيان، جېڭجوۋ شەرقىي ۋوگزالى ھەر كۈنى كۈتۈۋالغان ۋە توشۇغان يولۇچى 280 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىنلىشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زور دەرىجىدە ئاشتى.

 «بۇلتۇر باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى بىز بىلەن سىنلىق ئۇلىنىش قىلىپ، بىزنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى قاتتىق ساقلاپ، كەڭ يولۇچىلارنىڭ بىخەتەر سەپەرگە چىقىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىزنى تاپىلىدى. سىندا باش شۇجىنىڭ يېقىملىق چىرايىنى كۆرۈپ، بىز ھەسسىلەپ ئىلھام ئالدۇق. بۇ يىل ۋوگزالدا ئۆرلەش- چۈشۈش شەكلىدىكى بىخەتەرلىك مۇھاپىزىتى ئۈسكۈنىسى قاتارلىق يېڭى ئەسلىھەلەرنى كۆپەيتىپ، يولۇچىلارنى تېخىمۇ بىخەتەر سەپەرگە چىقىش تەسىراتىغا ئىگە قىلدۇق» دېدى جاڭ خۇا.

 قار- يامغۇر، مۇز تۇتۇشتەك ھاۋارايىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، جېڭجوۋ شەرقىي ۋوگزالى خادىملارنى 42 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، سوغۇقتىن ساقلىنىش ماددىي ئەشيالىرىنى كۆپەيتىپ، تولۇقلاپ، يولۇچىلارنىڭ بىخەتەر سەپەرگە چىقىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

 قويۇق باھار بايرىمى كەيپىياتىغا ئەڭ قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان ھېسسىيات مۇجەسسەملەنگەن.

 گەنسۇ ئۆلكىسى دىڭشى شەھىرىنىڭ ۋېييۈەن ناھىيەسىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 2400 مېتىردىن كۆپرەك ئېگىزلىككە جايلاشقان يۈەنگۇدۈي كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنى رېپېتىتسىيە قىلىۋاتقان بولۇپ، كۈلكە سادالىرى مەيداندا ياڭراپ تۇراتتى.

 ئون نەچچە يىل ئىلگىرى بۇ يەر پاتقاقلىق بولۇپ، سۇ ئىچىشمۇ تەس ئىدى.

 2013- يىلى باھار بايرىمى ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ توققۇز توقاي، 18 ئەگمىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، «جاھاندىكى ئەڭ نامرات جاي» بولغان دىڭشىغا كېلىپ، كەنت ئاھالىسى ما گاڭنىڭ كونا، پاكار كېسەك ئۆيىگە كىرىپ، تام تۈۋىدىكى ئىدىشنى كۆرۈپ، بىر نوگاي سۇ ئالدى.

 «سۇ كەنتتىكى تاغ بۇلاقلىرىدىن توشۇپ كېلىنگەن، نوگايدا يەنە كونا داغلار بار ئىدى، باش شۇجى ئىككىلەنمەيلا ئىچتى.» ما گاڭنىڭ نەۋرىسى ما خەيلۇڭنىڭ ھازىرغىچە ئېسىدىن چىقمايدۇ، «باش شۇجى بىزنىڭ بىخەتەر سۇ ئىچەلەيدىغان- ئىچەلمەيدىغانلىقىمىزغا كۆڭۈل بۆلدى، پۇقرالارنى كۆڭلىگە پۈكتى». 

 بۈگۈنكى كۈندە، يۈەنگۇدۈي كەنتىگە سۇ يەتكۈزۈلدى، يول تۇتاشتۇرۇلدى، تور ئۇلاندى، داڭسەن، كىرەش، گۈلسامساق قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەر پۈتۈن جىلغىنى قاپلىدى. بۇرۇنقى «پاتقاقلىق»نىڭ قىياپىتى پۈتۈنلەي ئۆزگەردى.

 يۈەنگۇدۈي كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى گو ليەنبىڭ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى بىزنى ئۆزىنى كۈچەيتىش، ئۆزىگە تايىنىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىيات يولىنى دەل جايىدا تېپىپ، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇردى. بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ۋە يېزا- كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇردۇق. ھازىر كۆپچىلىك پۇل تېپىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ، كۈنلىرىمىز ناھايىتى ياخشى ئۆتۈۋاتىدۇ!» 

 كەنتتىكىلەر «ئېربىن»نىڭ قىزىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، مەدەنىيەت- ساياھەت قۇرۇلۇشى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئۆگەندى، يېقىندا بىر قار- مۇز باغچىسى قۇرۇلۇپ، يېڭى مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى. گو ليەنبىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر كۆپچىلىك ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ «كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»نى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭى تۇرمۇشنى تەبرىكلەۋاتىدۇ، كونا مۇزىكا، يېڭى ئۇدارلار ئارقىلىق كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى كۈيلەۋاتىدۇ.

 ۋەتەننىڭ تۈمەنلىگەن تاغ- دەريالىرىغا ئەڭ چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببەتلىك غەمخورلۇق ئويۇلغان.

 «مەن قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ قانداق غىزالىنىۋاتقانلىقىنى، قانداق ئۆيلەردە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، يېڭى يىل، باھار بايرىمىنى ياخشى ئۆتكۈزەلىگەن- ئۆتكۈزەلمىگەنلىكىگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىمەن».

 2017- يىلى 1- ئاينىڭ 24- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېبېي ئۆلكىسى جاڭجياكوۋ شەھىرىنىڭ دېشېڭ كەنتىگە كېلىپ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، كەنت ئاھالىسى شۈ خەيچېڭنىڭ ئۆيىدە ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئامما بىلەن بىرلىكتە نامراتلارنى يۆلەش ھېساباتى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كۆپچىلىكنى ياڭيۇ كەسپىنى زورايتىش، كۈچەيتىشكە ئىلھاملاندۇردى.

 دېشېڭ كەنتىنىڭ ياڭيۇ ھوسۇلى مۇقىم ئاشتى، بۇلتۇر مەھسۇلات قىممىتى 12 مىليون يۈەنگە يېتىپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم 20 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، نەچچە يىل ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە قاتلاندى. ئىلگىرىكى يىراق- يېقىنغا داڭقى كەتكەن «نامرات كەنت» «مەملىكەت بويىچە يېزا- كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنت»كە ئايلاندى.

 شۈ خەيچېڭ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، قىزى شۈ يارۇ ئوقۇشنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ تەرەققىي قىلىپ، دېشېڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئەزاسى بولدى. ئۇ ياشلارغا خاس نەزەر بىلەن ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىغا يۈرۈش قىلىپ، «دېشېڭ ماركىسى»نىڭ داڭقىنى چىقىرىشنى پىلانلىماقتا. 

 شۈ خەيچېڭ يېڭىلا پىشۇرغان «كەيكوۋشياۋ»نى كۆتۈرۈپ چىقىپ مۇنداق دېدى: «ھازىرقى كۈنلىرىمىز مۇشۇ يېمەكلىككە ئوخشاش قىزغىنلىققا تولغان، <دائىم خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتىمىز>!»

 ئىللىقلىققا تولغان غەمخورلۇق، چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببەتكە تولغان تاپشۇرۇقلارنىڭ ھەممىسى پۇقرالارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ياراتتى.

 شەنشى لياڭجياخېدا، ئاپئاق قار تاغ ئېدىرلارنى قاپلىغان بولۇپ، كىشىلەر باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. 

 توققۇز يىل ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى پۇل چىقىرىپ سېتىۋالغان «باھار بايرىمىلىق مال» −− جياۋزى ئۇنى، گۈرۈچ، يېمەكلىك يېغى، گۆش مەھسۇلاتلىرى، يەنە چۇنليەن، باھار بايرىمىلىق رەسىملەرنى ئېلىپ بۇ يەرگە قايتىپ كېلىپ يۇرتداشلارنى يوقلىغانىدى. «جىنپىڭ قايتىپ كەپتۇ!» كەنت ئاھالىلىرى ھاياجانلانغان ھالدا باش شۇجىنىڭ يېنىغا كېلىپ چۆرىدىشىپ تۇرۇپ، بەس- بەستە ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورىدى.

 «باش شۇجى لياڭجياخېدا ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىدە ئىشلەپ چوڭ ئەترەت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغاندا، ئۇنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى، دادىللىقى مەندە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى!»  بۇ «قەدىناس دوستى»نى تىلغا ئالغاندا، 70 ياشلىق لياڭ يۈجىن ھاياجېنىنى باسالماي قالدى.

 باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، يۇرتداشلار ئالما دەرىخىگە تايىنىپ ھاللىق تۇرمۇشقا يەتتى، ساياھەتچىلىكتىن نەپ ئالدى. 2023- يىلى، لياڭجياخې كەنتى 500 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. 

 ئىلگىرى سىرتتا ئون نەچچە يىل ئىشلەمچىلىك قىلغان لياڭ يۈجىن يۇرتىغا قايتىپ بىر كىچىك تاللا بازىرى ئاچتى. ساياھەت جانلانغانسېرى، ھەميانىمۇ شۇنچە تومپايدى. «بۇلتۇر 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدىم، كۈنلىرىمىز ياخشى بولۇپ كەتتى! ھازىر مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم شۇكى، باش شۇجىنىڭ لياڭجياخېغا يەنە كېلىپ ئايلىنىپ بېقىشىغا، كۆرۈپ بېقىشىغا تەقەززامەن...»

 لياڭجياخېدا ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تۈرتكىسىدە، كەنت ئاھالىلىرى دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىپ، يەرلىك خاس مەھسۇلاتلارنى سېتىپ، كەنت كارخانىسىدا ئىشلەپ، «ئۈمىدكە تولغان» بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتى. 

 جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى

 جىڭگاڭدا باھار بالدۇر كېلىدۇ. 

 ماۋپىڭ بازىرى شېنشەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى پېڭ شيايىڭ چۇنليەننى چىرايلىق چاپلىدى، خۇشاللىق تۈسىگە كىرگەن ئىككى قەۋەتلىك بىنا ئۆيىنىڭ ئىشىك بېشىغا قارىغىنىدا، كۆزلىرىگە ياش كەلدى، خىيالى بىردىنلا ئەينى يىللارغا قايتتى −−−

 2016- يىلى باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قار- شىۋىرغانغا قارىماي، تېيىلغاق تاغ يولىنى بويلاپ بۇ يەرگە كەلگەنىدى. 

 «دەرۋازا سىرتىدىن ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرگۈچە، باش شۇجى ئىزچىل قولۇمنى قويۇۋەتمىدى، ھازىر ئويلىساممۇ، كۆڭلۈمدە ئىللىق بىر سېزىم پەيدا بولىدۇ.» ئىللىق كۆرۈنۈش پېڭ شيايىڭنىڭ ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىدە ئىدى.

 ئۇ چاغدا ئۇنىڭ ئائىلىسى تېخى نامرات ئائىلە بولۇپ، كېسەك ئۆيدە ئولتۇراتتى. «باش شۇجى مېھمانخانىدىن ئاشخانا، ياتاق ئۆي، ھاجەتخانىغىچە بىر ئېغىز- بىر ئېغىزدىن كۆرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھېساباتىنى بىر- بىرلەپ قىلىپ، بىزنى ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا ئىلھاملاندۇردى».

 بۇ ئالاھىدە «باھار بايرىمىلىق غەمخورلۇق» قىزىل مۇقەددەس جاي جىڭگاڭشەنگە چەكسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. 

 ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە. 2017- يىلى 2- ئايدا، جىڭگاڭشەن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالدى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، دۆلىتىمىزدە نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىلغاندىن كېيىن «قالپاقنى ئېلىۋەتكەن» تۇنجى نامرات ناھىيە بولۇپ قالدى. 

 باش شۇجىنىڭ باھار بايرىمىدىكى ئىزىنى بويلاپ، بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكىچە بولغان تەسىرلىك يۆگىمە رەسىمنىڭ ئاستا- ئاستا يېيىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق.

 بۈگۈنكى كۈندە، شېنشەن كەنتىدىن سىرتقا تۇتىشىدىغان ئايلانما تاغ يولى راۋانلاشتى، شېنشەن قىزىل مەدەنىيەت يېڭى كەسىپ ھالىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى كۈندىن- كۈنگە روناق تاپتى، ئېسىل ئائىلىۋى مېھمانخانىلار يېزىلارنى قاپلىدى... سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار تېخىمۇ ياخشى ھالەتتە نامايان بولدى، يېزا- كەنتلەر گۈللىنىپ قىياپىتى يېڭىلاندى.

 «بۇ بىرقانچە يىلدا ئائىلىۋى مېھمانخانا سالدۇق، يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋالدۇق، ئىككى ئوغلىمىزنى ئۆيلىدۇق، يەنە قىز نەۋرىمىزمۇ بار بولدى، خۇشاللىق ئىشلار بارغانسېرى كۆپەيدى، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى، باش شۇجى يەنە كەلسە بىزنى تونۇيالامدۇ- يوق بىلمەيمەن!» پېڭ شيايىڭنىڭ چىرايى گۈلدەك ئېچىلىپ كەتتى، «باش شۇجى خاتىرجەم بولۇڭ، كونا ئىنقىلابىي رايوندىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلاندى، يەنە يىلدىن- يىلغا تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ!» 

 باش شۇجىنىڭ باھار بايرىمىدىكى ئىزىنى بويلاپ، بىز خەلق داھىيسىنىڭ مىليونلىغان ئاددىي ئەمگەكچىلەر بىلەن بولغان سىرداش چوڭقۇر دوستلۇقىنى ھېس قىلدۇق. 

 سوغۇق شامال نەشتەردەك سانجىلاتتى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزى، بېيجىڭ- تاڭشەن شەھەر ئارا تۆمۈريولى يۈنچاۋجيەن دەرياسى تونېلىنىڭ تونېل قېزىش بۆلىكى قۇرۇلۇش نەق مەيدانى يەنىلا قاينام- تاشقىنلىققا چۆمۈلگەنىدى. 

 جۇڭگو تۆمۈريولى 14- ئىدارىسى بېيجىڭ- تاڭشەن شەھەر ئارا تۆمۈريول تۈرىنىڭ ئۆلچەش مەسئۇلى لى ۋېيچۇەن بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ، «تونېل قېزىش ماشىنىسىنىڭ كۆزى» سۈپىتىدە، «چوڭ دۆلەتنىڭ مۇھىم جابدۇقى»نىڭ يەر ئاستىدا تونېل قېزىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.  

 «بىر دېھقان ئىشلەمچىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىك خادىمغا ئايلاندىم، باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى مېنى ئۆسۈپ يېتىلىشكە رىغبەتلەندۈردى.» كۆز ئالدىدىكى تونېل خۇددى زامان بىلەن ماكاننى تۇتاشتۇرغاندەك، لى ۋېيچۇەننى 11 يىل بۇرۇنقى بېيجىڭ مېترو 8- لىنىيەسى قۇرۇلۇش ئورنىغا ئېلىپ كەلدى. 

 2013- يىلى باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تار شوتىنى بويلاپ 20 نەچچە مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى يەر ئاستى مەشغۇلات سۇپىسىغا چۈشۈپ، بىرىنچى سەپتىكى ئەمگەكچىلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. ئەمدىلا خىزمەتكە قاتناشقان لى ۋېيچۇەن ئىشداشلىرى ئارىسىدا ئىدى، ئۇ باش شۇجىغا شۇنداق يېقىن تۇرغاچقا، ئۆزىنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلدى. 

 «باش شۇجى ئاممىۋى قاتناشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش زامانىۋى شەھەر تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشى دېدى.» سەمىمىي تاپشۇرۇق  لى ۋېيچۇەننىڭ قەلبىگە بىر ئۇرۇق چاچقانىدى. 11 يىلدىن بۇيان، ئۇ بىرىنچى سەپتە يىلتىز تارتىپ، جاسارەت بىلەن جان تىكىپ ئىشلەپ، قېزىلىدىغان 16 تونېلنى ئۆلچەش ۋەزىپىسىگە قاتناشتى ھەم 2021- يىلى قۇرۇلۇش قىلىش ساھەسىدىكى ئالىي كەسىپكارلىق سالاھىيىتى بويىچە 1- دەرىجىلىك قۇرۇلۇش ئۇستىسى ئىمتىھانىدىن بىر قېتىمدىلا ئۆتتى.

 «بۇ يىل تۈر قۇرۇلۇشىدىكى ئاچقۇچلۇق يىل، پىلان بويىچە يىل ئوتتۇرىسىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە تونېل تۇتاشتۇرۇلۇپ، بېيجىڭ- تاڭشەن شەھەر ئارا تۆمۈريول تۈرىنىڭ 2025- يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئاساس سېلىنىدۇ.» كەلگۈسىگە نەزەر سالغاندا، لى ۋېيچۇەننىڭ ئىشەنچى تولۇپ تېشىپ، غەيرىتى ئۇرغۇدى. 

 ئەمگەك قەدىرلىنىپ، ئەمگەكچىلەر ھۆرمەتلەندى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئەمگەكچىلەرگە باشتىن- ئاخىر ئوخشاش غەمخورلۇق قىلدى. سانسىزلىغان ئاددىي قەھرىمانلار جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئۇلۇغ ئېقىنىنى ھاسىل قىلدى. 

 2019- يىلى 2- ئاي، يەنىلا باھار بايرىمى ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ چيەنمېن شىتوۋ تار كوچىسىدىكى بىر تېز يەتكۈزۈش پونكىتىغا كىرىپ، خىزمەت قىلىۋاتقان «تېز يەتكۈزگۈچى»لەرنى يوقلىدى. 

 باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «تېز يەتكۈزگۈچى»لەرنىڭ خىزمىتى ناھايىتى جاپالىق، سەھەر تۇرۇپ كەچ يېتىپ، بوران- چاپقۇنغا قارىماي ئىشلەيدۇ، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ، خۇددى ئىشچان ھەسەل ھەرىلىرىدەك ئەڭ تىرىشچان ئەمگەكچىلەر بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى.

 ئەينى چاغدا تېز يەتكۈزگۈچى ليۇ كو ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى نەق مەيداندا باش شۇجى تاپىلىغان سۆزلەرنى ئاڭلاپ، چەكسىز ھاياجانلاندى. «باش شۇجى قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندە قەلبىم ناھايىتى ئىللىقلىققا ۋە ھاياجانغا تولدى. ئاددىي <تېز يەتكۈزۈش> كەسپىنىڭمۇ شەرەپلىك كەسىپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم!»

 خېبېيدىكى يېزىدا چوڭ بولغان «85- يىللاردا تۇغۇلغان» بۇ يىگىت تېز يوللانما يەتكۈزۈشكە مەسئۇل بولغان رايون بېيجىڭدىكى داڭلىق ئەنئەنىۋى ھۆسنخەت- رەسىم كوچىسى −− ليۇلىچاڭ قەدىمىي مەدەنىيەت كوچىسى ئىدى. «ھازىر تېز يەتكۈزۈشنىڭ يۇقىرى پەللىسى، ھەر كۈنى 200دىن ئارتۇق يوللانمىنى يەتكۈزىمەن، ئەتىگەندىن كەچكىچە ئالدىراش بولىمەن. بۇ يىل باھار بايرىمىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈپ، باھار بايرىمىدا تېز يوللانما يەتكۈزۈشنىڭ توختاپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمەن».

 «باش شۇجى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلقنى كۆزلىدى. باش شۇجىنى كۆرگەن كۈندىن باشلاپ، مەن ئۆزۈمدىمۇ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قەلب بولۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدىم.» ليۇ كو مۇنداق دېدى: مەن باش شۇجىنىڭ سۆزىنى ئىزچىل ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، تىرىشىپ ئىشچان ھەسەل ھەرىسىدەك بولىمەن.

 «ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى، كەسپىي زەخىم سۇغۇرتىسى بىزنى غەمدىن خالاس قىلدى. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، نوپۇسقا ئېلىشقا دائىر يۈرۈشلەشكەن سىياسىتى بولغاچقا، بالام بۇلتۇر بېيجىڭغا كېلىپ ئوقۇيالىدى».

 قاراڭغۇ چۈشكەندە، ليۇ كو خۇشال ھالدا توكسىكلىتىنى مىنىپ چوڭ- كىچىك كوچىلاردا توختىماي ماڭدى، چىراغلار چاقناپ تۇرغان ئونمىڭلىغان ئائىلە ئۇنىڭ ئارقىسىدا قالدى.

 باش شۇجىنىڭ باھار بايرىمىدىكى ئىزىنى بويلاپ، بىز ئارزۇنىڭ بىخ تارتىپ ئۆسۈۋاتقان ساداسىنى ئاڭلىدۇق.

 ئىچكى موڭغۇل كۆكخوتتا گاس- گاچا قىز ۋاڭ يانى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىلىق دەرس تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش ئىدى.

 ئوقۇتقۇچى بولۇش ۋاڭ يانىنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ تىكلىگەن ئارزۇسى ئىدى،  نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن بولغان شۇ قېتىملىق كۆرۈشۈش ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسىنى قاناتلاندۇردى.

 2014- يىلى باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆكخوت شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىغا كېلىپ، بۇ يەردە تۇرۇۋاتقان بالىلارنى يوقلىدى. ۋاڭ يانى دەل شۇلارنىڭ بىرى ئىدى.

 «شى بوۋامنى كۆرگەن شۇ دەقىقىدە، مەن بىردىنلا ئۇنى تونۇۋالدىم، قەلبىم تولىمۇ ھاياجانغا تولدى. شى بوۋامنىڭ باھار بايرىمىدا مەخسۇس بىزنى يوقلاپ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.» ئارىدىن ئون يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەينى يىللاردىكى ئەھۋال تىلغا ئېلىنسا، ۋاڭ يانىنىڭ كۆز ئالدىدا يەنىلا ئەينەن نامايان بولاتتى.

 باش شۇجى ئۇنى ياخشى ئۆگىنىپ، كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىشقا ئىلھاملاندۇردى. ئۇ ئىختىيارسىز ئوڭ قولىنى چىقىرىپ باش بارمىقىنى ئېگىپ، باش شۇجىغا رەھمەت «دېدى». باش شۇجىمۇ قولىنى چىقىرىپ ئوخشاش ھەرىكەت قىلدى، چېھرىدە مېھرىبانلىق كۈلكىسى جىلۋىلەندى.

 «شى بوۋام ماڭا ھەممىمىزنىڭ ئۇنىڭ ئامراق بالىلىرى ئىكەنلىكىنى، ئارزۇيىمىز ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى تونۇتتى».

 جەمئىيەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلىپ چوڭ بولغان ۋاڭ يانى ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، تېخىمۇ تىرىشچان بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن نۇر چاقنايتتى، چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلىنىپ تۇراتتى، ئۇ ياشلىق باھارى گۈللىرىنى ئۈچ چى كېلىدىغان ئالاھىدە مائارىپ مۇنبىرىدە پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇپ، بۇ ئىللىقلىقنى تىرىشىپ تارقىتىپ، ئۆزىگە ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ بالىنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەرمەكتە.

 گۈزەل ئارزۇ

 سەنشى پىڭياۋ قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، باھار بايرىمى كەيپىياتى بارغانسېرى قويۇقلاشماقتا ئىدى.

 چۇنليەن ئوقۇش، پانۇس سەيلىسى قىلىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرىنى ئايلىنىش، سەييارە كوچا ئويۇنى كۆرۈش... «جۇڭگونىڭ باھار بايرىمى» پائالىيىتى باشلاندى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مېھمانلار قەدىمىي شەھەرنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدى.

 ئىككى يىل ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ «تىرىك قەدىمىي شەھەر»گە كېلىپ، كوچا بويلاپ قەدىمىي شەھەرنىڭ قىياپىتىنى كۆزدىن كەچۈردى، پىڭياۋ كالا گۆشى دۇكىنى، پارقىرىتىپ سىرلانغان بۇيۇملار دۇكىنى، دۇڭخۇ كونا ئاچچىقسۇ دۇكىنىغا كىرىپ، شۇ جايدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ۋە خاس تىجارەتنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى.

 سىرلانغان بۇيۇملار دۇكىنىدا، ھەر خىل، ھەر ياڭزا پارقىرىتىپ سىرلانغان بۇيۇملار نۇر چاقنىتىپ كۆزنى قاماشتۇراتتى. «ئىككى ئەجدىھانىڭ مەرۋايىت ئوينىشى» «قۇتلۇق ئەجدىھا −− سۇمۇرغ» قاتارلىق ئامىللار يېڭى يىلنى خۇشال كەيپىياتقا ئىگە قىلغانىدى.

 «باش شۇجى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، پارقىرىتىپ سىرلانغان بۇيۇملارنى ياساش ھۈنەر- سەنئىتىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، بىزنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلغۇچىلاردىن بولۇپ، پارقىرىتىپ سىرلانغان بۇيۇملار قاتارلىق مەدەنىيەت گۆھەرلىرىنى ياخشى قوغداپ، مىللەت خاسلىقىغا باي ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت كەسپىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشىمىزنى تاپىلىدى» دېدى خۇڭيۈەنتەي سىرلانغان بۇيۇملار چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى ۋاڭ خۇيمىڭ ئەسلەپ.

 «جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك»، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدە خەلقنىڭ كۈنسېرى  ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا مەدەنىيەت مۇھىم ئامىل ئىدى.

 چوڭقۇر مەدەنىيەت جۇغلانمىسى مىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەرنى ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىدى.

 نۆۋەتتە، پىڭياۋ قەدىمىي شەھىرىدىكى 121 كوچىغا چېتىلىدىغان 30.22 كىلومېتىر ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزگەرتىش تۈرى ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىپ، قەدىمىي شەھەرنىڭ مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. 2023- يىلى پارقىرىتىپ سىرلانغان بۇيۇملار كەسپىدە مەھسۇلات قىممىتى بىر قاتلىنىش، پايدا بىر قاتلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ماركىسى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ۋە رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولدى.

 تۈمەن چاقىرىملىق مۇساپە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان مەدەنىيەت مەنزىلى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىزلىرى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى- شىمالىغا تارالدى، شۇنداقلا مەدەنىيەتنىڭ كۈچىنى پۇقرالارنىڭ قەلبىگە سىڭدۈردى −−−

 ئىچكى موڭغۇلدا، موڭغۇل مىللىتىنىڭ ئۆرپ- ئادىتى بويىچە، نامسىز بارماق بىلەن كۈمۈش قاچىدىكى سۈتنى ھاۋاغا ئۈچ قېتىم يېنىك چېكىپ چېچىپ، كېلەر يىللىق ئىشلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا، مال- چارۋىلارنىڭ ئاۋۇشىغا، خەلقنىڭ بەختلىك، ئامان- ئېسەن بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى؛ بېيجىڭدا، تار كوچىدىكى كونا قوشنىلار بىلەن بىللە جياۋزى تۈگۈپ، بەخت خېتى چاپلىدى؛ يۈننەندە ۋازۇ مىللىتىنىڭ بەخت تىلەيدىغان ياغاچ دۇمبىقىنى چالدى... باھار بايرىمىلىق بەخت تىلەكلىرىگە گۈزەل ئارزۇ- ئارمانلار يۈكلىنىپ، قەلب ئورتاقلىقىنى ئۇرغۇتتى، مېھىر- مۇھەببەتنى يۇغۇردى.

 كۇنمىڭدىكى ديەنچى كۆلىدە قۇياش پارلاپ تۇراتتى، توپ- توپ چايكىلار ئۇچۇپ يۈرەتتى.

 جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى كۇنمىڭ ھايۋانات تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى لى ۋېيۋېي سەككىز ياشلىق قوشكېزەك ئوغۇللىرىنى ئېلىپ قىرغاقتىكى يېشىل يولدا سەيلە قىلغاچ، بالىلىرىغا مۇنداق چۈشەندۈردى: «ئاسماندا ئۇچۇۋاتقىنى قىزىل تۇمشۇق چايكا، سۇدا ئۈزۈۋاتقىنى ئاق ئۇستىخانلىق قاشقا توخۇ...»

 بىر چاغلاردا، ديەنچى كۆلىدىن ئىبارەت بۇ «ئېگىزلىكتىكى مەرۋايىت» دۆلىتىمىزدىكى بۇلغىنىشى ئەڭ ئېغىر كۆللەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغانىدى.

  2020- يىلى 1- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈننەندە تەكشۈرۈشتە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بولغان مەزگىلىدە، ئالايىتەن ديەنچى كۆلىگە كېلىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، مۇنداق تەكىتلىدى: «ديەنچى كۆلى كۇنمىڭغا زىننەت قوشقان بىر گۆھەر، قەتئىي بەل قويۇۋەتمەيدىغان غەيرەت بىلەن، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق بىر ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى دېگەن ئىدىيە بويىچە، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەشنى كۈچەيتىپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ديەنچى كۆلىنى تۈزەش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش كېرەك». 

 دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ديەنچى كۆلىنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ديەنچى كۆلى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيە بوشلۇقىنى ئىلمىي ئايرىش... «ئېكولوگىيەسى كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىش»نى ئىشقا ئاشۇرغان ديەنچى كۆلى بۈگۈنكى كۈندە قايتىدىن ساياھەتچىلەر ئىنتىلىدىغان «ئارزۇدىكىدەك جاي»غا ئايلاندى. 

 «مۇھىت −− خەلق تۇرمۇشى، يېشىل تاغ −− گۈزەللىك، كۆك ئاسمان −− بەخت.» «پۇقرالارنىڭ بەخت تۇيغۇسى قەيەردىن كەلگەن؟ ياخشى تۇرمۇش مۇھىتىدىن كەلگەن.» باش شۇجىنىڭ سەمىمىي سۆزلىرىدە خەلقنى مەركەز قىلغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 

 گۇيجوۋنىڭ تاغلىق رايونىدا «جۇڭگو تيەنيەن» سامان يولىغا نەزەر سالماقتا ئىدى.

 باھار بايرىمى يېقىنلاپ قالدى، 37 ياشلىق FAST ئۆلچەش ۋە كونترول قىلىش ئىشلىرى ئىنژېنېرى سۈن چۇن كۆزىتىش ۋەزىپىسىنى جىددىي تۈزۈۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە 100گە يېقىن خىزمەتدىشى مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىۋاتاتتى. 

 پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان كەڭ پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرىدىن باش شۇجى شى جىنپىڭ زور ئۈمىدلەرنى كۈتتى.

 2021- يىلى باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇيجوۋدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، «جۇڭگو تيەنيەن» تۈرىنىڭ مەسئۇلى ۋە پەن تەتقىقات تايانچلىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «كۆپچىلىكنىڭ نەن رېندۇڭ ئەپەندىنى ئۈلگە قىلىپ، ئالىملار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن دۇنيا پەن- تېخنىكىسىنىڭ ئېگىز چوققىسىغا چىقىپ، ئەگىشىپ يۈگۈرۈشتىن تەڭ يۈگۈرۈش، يېتەكلەپ يۈگۈرۈشكە ئۆتۈشنى تېزلىتىپ، بەزى ساھەلەردە يېتەكلەپ يۈگۈرۈش ئەۋزەللىكىنى ساقلاپ، پەن- تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، پەن- تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

 «باش شۇجىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى ھەرۋاقىت قۇلاق تۈۋىمدە ياڭراپ، ماڭا زىممەمدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.» FAST يۈرۈشتۈرۈش ۋە تەرەققىيات مەركىزىنىڭ باش ئىنژېنېرى جياڭ پېڭ مۇنداق دېدى: خىزمەتچى خادىملار يىل بويى ئارام ئالماي، كېچە- كۈندۈز چىڭ تۇرۇپ ئىشلەش ئارقىلىق «جۇڭگو تيەنيەن»نىڭ ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «جۇڭگو تيەنيەن»نىڭ نەتىجىلىرى ئارقا- ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى: رادىيو دولقۇنى بۆلىكىدە قارا ئۆڭكۈرنىڭ «تومۇر سوقۇشى» تۇنجى قېتىم كۆزىتىلدى، تاكى بۈگۈنگىچە ئوربىتا دەۋرىيلىكى ئەڭ قىسقا بولغان ئىمپۇلس يۇلتۇزى قوش يۇلتۇز سىستېمىسى بايقالدى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېيترال ھىدروگېن يۇلتۇزلار سىستېمىسى ئەۋرىشكىسى كۆزىتىلدى ھەمدە بەرپا قىلىندى...

 «بۇ زور ئىلىم- پەن ئۇل ئەسلىھەسىنى يۇقىرى سەۋىيەدە باشقۇرۇپ ۋە ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، بالدۇر نەتىجە يارىتىش، كۆپرەك نەتىجە يارىتىش، ياخشى نەتىجە يارىتىش، چوڭ- چوڭ نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك...» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى، سەمىمىي ئۈمىدى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد پەن- تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشى، يول ئېچىپ ئىلگىرىلىشى داۋامىدا مول نەتىجىلەرگە ئايلانماقتا.

 سىچۇەن دالياڭشەن تېغىدا، يېزۇ قىز جىخاۋ يوۋگونىڭ سۈزۈك ھەم لەرزان ناخشا ساداسى بوشلۇقتا ياڭرىدى. 

 ئۇ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. بۇ ئارزۇ دەل 2018- يىلىدىن باشلانغانىدى.

 شۇ يىلى باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ داۋانلىرى تىك، جىلغىلىرى چوڭقۇر بولغان ئايلانما تاغ يولىنى بويلاپ، جاۋجۆ ناھىيەسىنىڭ سەنخې كەنتىدىكى جىخاۋ يوۋگونىڭ ئۆيىگە كەلدى. 

 جىخاۋ يوۋگونىڭ ناخشا ئېيتىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇنىڭدىن: «بىرەر ناخشا ئېيتىپ بېرەمسىز؟» دەپ سورىدى، قىزچاق خۇشاللىق بىلەن: « بولىدۇ!» دەپ جاۋاب بەردى، ھەم ئۇلاپلا مەكتەپتە ئۆگەنگەن «دۆلەت بايرىقى، دۆلەت بايرىقى ھەقىقەتەن گۈزەل» دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ بەردى. سەبىي ناخشا ئاۋازى نەق مەيداندىكى كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ باشلامچىلىق بىلەن چاۋاك چېلىپ، ياخشى ئېيتتىڭىز دەپ ماختىدى.

 «شى بوۋام مېنى ياخشى ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈردى، مەنمۇ ھەر ۋاقىت ئۆزۈمگە ئارزۇيۇم ئۈچۈن تىرىشىشنى ئەسكەرتىپ تۇرىمەن.» جىخاۋ يوۋگو مۇنداق دېدى: «يۇرتىمىزدا ھازىر ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، مەن ئۆزۈممۇ تېخىمۇ چوڭ سەھنىلەرگە چىقتىم».     

 «دۆلەت بايرىقى، دۆلەت بايرىقى ھەقىقەتەن گۈزەل، ئالتۇن رەڭلىك يۇلتۇز، ئالتۇن رەڭلىك يۇلتۇز يورۇتتى زېمىننى، شۇ كىچىك قىزىل بۇلۇت كەبى، كۆك ئاسماندا پەرۋاز قىلىپ سۆيىمەن سىزنى...» بۇلتۇر ئۆتكۈزۈلگەن چېڭدۇ داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، جىخاۋ يوۋگو يەنە بىر قېتىم بۇ تونۇش مېلودىيەنى ياڭراتتى. لەرزان ناخشا ساداسى دالياڭشەن تېغىدىن ھالقىپ، پۈتۈن دۇنياغا تارقالدى...

 «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىدا بىر مىللەتمۇ، بىر ئائىلىمۇ، بىر كىشىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ».

 باش شۇجى شى جىنپىڭ مەزمۇت قەدەم ئىزلىرى بىلەن «خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش» دېگەن ئۆزگەرمەس ئاساسىي مەقسەتنى دەلىللىدى، «ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەيمەن» دېگەن يۈكسەك مەنزىلنى نامايان قىلدى، «خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن» دېگەن مەڭگۈلۈك ئەسلىي مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.

 باھارنىڭ قەدەم ئاۋازى بارغانسېرى يېقىنلاپ كەلدى، ھاياتىي كۈچكە تولغان، قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن جۇڭگو يېپيېڭى باھارغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە!

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2- ئاينىڭ 6- كۈنى تېلېگراممىسى)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 拉拉·海力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125