ئۈرۈمچى- لەنجوۋ- ياجۇاڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى
18:48:48 2024-02-08 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چېن چياڭۋېي) مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايروپورتى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2- ئاينىڭ 6- كۈنى، بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ لەنجوۋدا توختاپ ئوتتۇرىدا ئالماشقاندىن كېيىن ۋېيتنامنىڭ ياجۇاڭغا قاراپ ئۇچقان. بۇ، ئۈرۈمچى- لەنجوۋ- ياجۇاڭ بېرىش- كېلىش لىنىيەسىنىڭ رەسمىي ئەسلىگە كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن. 

 بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى شىنجاڭدىن ۋېيتنامغا ئۇچىدىغان بىردىنبىر لىنىيە بولۇپ، بويىن B737- 800 تىپلىق ئايروپىلان ھەر سەيشەنبە بىر نۆۋەت ئۇچۇشنى ئىجرا قىلىدۇ. بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 2020- يىلى ئېچىلغان، بۇ يىل رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. 

 باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، چېگرىدىن كىرىدىغان- چىقىدىغان يولۇچىلار ئازراق كۆپىيىشى مۇمكىن. ئۈرۈمچى- لەنجوۋ- ياجۇاڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە قاتناش ئەسلىگە كەلگەنلىكى تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭلىق يولۇچىنىڭ چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىشىنى تېخىمۇ قولاي ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تاللىشى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

2- ئاينىڭ 2- كۈنى، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايروپورتىدىكى تاموژنا خادىمى يولۇچىلارنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرماقتا. جاۋ زەنيۈن فوتوسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125