مۇخبىرنىڭ كەچۈرمىشى: ئۆيگە قايتىش يولىڭىزدا، تۆمۈريول خادىملىرى سىزنى قوغدايدۇ
17:53:24 2024-02-09 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

2- ئاينىڭ 6- كۈنى كەچتە، K9759- قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزنىڭ پويىز خادىمى قاتتىق ئورۇندۇقلۇق ۋاگوندىكى يولۇچىغا كارىۋات بېلىتى تولۇقلاپ بەرمەكتە.

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى ۋە خەۋىرى) 2- ئاينىڭ 6- كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى ۋوگزالى ئۆيگە قايتىش سەپىرىگە ئاتلىنىش ئالدىدىكى كىشىلەر بىلەن لىق تولغانىدى، تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلار يولۇچىلارنى تۈرلۈك سەمىمىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، كۆپچىلىكنى ۋوگزال سۇپىسىغا بىخەتەر چىقىرىپ، «باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش»تىن ئىبارەت بۇ «ئىللىق ئېقىم»غا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۆيى تەرەپكە يولغا سالدى. 

 شۇ كۈنى، مۇخبىر K9759- قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزغا ئولتۇرۇپ، پويىز خادىملىرىنىڭ يولۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلغان كۆرۈنۈشلىرىنى ئۆزى باشتىن كەچۈردى، ئۇلارنىڭ بىر كېچە ئارام ئالماي، ۋاگونلاردا ئۇ ياقتىن بۇياققا بېرىپ- كېلىپ بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسى بېرىش، تۈرلۈك ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈش، ھەر قايسى ۋوگزاللاردا يولۇچىلارنى چۈشۈرۈپ قويۇش ۋە پويىزغا چىقىرىش، ۋاگون ئىچىنى يېڭى يىل كەيپىياتىغا تولغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش قىلغانلىقىدەك تەپسىلاتلارنى خاتىرىلىدى، تۆمۈريول تارماقلىرىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ يولۇچىلارنى ئۆيگە قايتىش يولىدا ئىللىق قوغداش جەريانىنى ھېس قىلدى.

2- ئاينىڭ 6- كۈنى كەچتە، K9759- قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزنىڭ خىزمەتچىسى يولۇچىلارغا ئىچىملىك سېتىپ بەرمەكتە.

2- ئاينىڭ 6- كۈنى كەچتە، K9759- قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزنىڭ خىزمەتچىسى تۈرلۈك ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرمەكتە.

2- ئاينىڭ 6- كۈنى كەچتە،  9759- قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزنىڭ خادىمى شىخەنزە ۋوگزالىدا يولۇچىلارنىڭ پويىزغا چىقىشىنى كۈتمەكتە.

2- ئاينىڭ 6- كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىكى خىزمەتچىلەر نۇقتىلىق يولۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلماقتا.

 2- ئاينىڭ 6- كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىكى «شياۋچىڭگو» پىدائىيسى يولۇچىغا مۇلازىمەت قىلماقتا.

2- ئاينىڭ 6- كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ خىزمەتچىلىرى توسۇقنىڭ ئالدىدا مۇلازىمەت قىلماقتا.

 2- ئاينىڭ 6- كۈنى كەچتە، K9759- قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز خادىمى ۋاگون ئىچىدە سەييارە چارلىماقتا.

2- ئاينىڭ 6- كۈنى كەچتە، K9759- قېتىملىق پويىز خادىمى يولۇچىلارنىڭ پويىزدىن چۈشۈشىگە ياردەملەشتى.

2- ئاينىڭ 6- كۈنى كەچتە، K9759- قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز خىزمەتچىسى ۋاگونغا دېرىزە گۈلى چاپلىماقتا.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125