سودىگەرنىڭ چوڭ كۈنلۈكىدىكى بۇرما مىخ ئادەمنى زەخىملەندۈرسە قانداق قىلىش كېرەك؟
11:33:24 2024-02-10 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شيۇ، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ شياۋتۇڭ، جاۋ پېڭ)

 دېلو ئەھۋالى

 مەلۇم سودا ئاپپاراتى مەلۇم ئاممىۋى قاتناش بېكىتىگە چوڭ كۈنلۈك ئورناتتى. ئالاقىدار تارماقلار نازارەت قىلغاندا، ئېلان- تەشۋىق قىلىش مەقسىتىدە ئاممىۋى قاتناش بېكىتىگە قويۇلغان كۈنلۈكنىڭ بوراندا بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكىنى، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى بارلىقىنى، ۋاقتىدا يۆتكىۋېتىش كېرەكلىكىنى بايقىدى. 

 ئۆزگەرتىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بۇ سودا ئاپپاراتى ناھايىتى تېزلا چوڭ كۈنلۈكنى ئېلىۋەتتى. ئەمما بىپەرۋا ئىشچى چوڭ كۈنلۈكنى ئېلىۋەتكەندە، يەر يۈزىدىكى كۈنلۈك جازىسىنى مۇقىملاشتۇرغۇچى كېڭەيمە بۇرما مىخنى ئېلىۋەتمىگەنىدى.

 بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، شياۋخې ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتىش يولىدا ئاممىۋى قاتناش بېكىتىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، كېڭەيمە بۇرما مىخقا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشتى. ۋەقە يۈز بەرگەندە، شياۋخېنىڭ يۈز قىسمى يەرگە ئۇرۇلۇپ، سول قاپىقى يېرىلىپ، ئىككى تىزى يارىلاندى. شياۋخې كۆپ قېتىم بۇ سودا ئاپپاراتىنى ئىزدەپ تۆلەم ئىشىنى مەسلىھەتلەشكەن بولسىمۇ، لېكىن قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىدى.

 2023- يىلى 8- ئايدا، شياۋخې ئاچچىقىدا بۇ ئاپپارات ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ، داۋالىنىش ھەققى، تاتۇقنى ساقايتىش ھەققى، ئىش دەخلى ھەققى، ئوزۇقلىنىش ھەققى قاتارلىقلار ئۈچۈن 27 مىڭ يۈەن تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

 قانۇننى چۈشەندۈرۈش

 سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققاندىن كېيىن، بۇ سودا ئاپپاراتىنىڭ بايانىغا ئاساسەن، چوڭ كۈنلۈك ئورنىتىلغاندىن كېيىن دائىم ئادەم ئەۋەتىپ چوڭ كۈنلۈك ۋە كۈنلۈك جازىسىنى تەكشۈرگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئاپپارات چوڭ كۈنلۈك ئېلان- تەشۋىقاتىدىن مەنپەئەتلەنگۈچى تەرەپ بولغاچقا، بۇ ئاپپاراتنى دېلوغا چېتىشلىق چوڭ كۈنلۈكنى ئەمەلىي باشقۇرغۇچى تەرەپ دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ، دەپ قارىدى.

 «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 1256- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئاممىۋى يولغا مېڭىشقا توسالغۇ بولىدىغان نەرسىلەرنى دۆۋىلەپ، تۆكۈپ، چېچىپ قويۇش سەۋەبىدىن باشقىلارغا زىيان يەتسە، ھەرىكەت ئىگىسى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئاممىۋى يولنى باشقۇرغۇچى تازىلاش، مۇداپىئە قىلىش، ئاگاھلاندۇرۇش قاتارلىق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە، مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

 سوت مەھكىمىسى بۇ دېلودا، چوڭ كۈنلۈك ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىن يەنىلا بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ساقلانغان، مەلۇم سودا ئاپپاراتى ۋاقتىدا رېمونت قىلمىغان، خاتالىق مەۋجۇت، مۇناسىپ ھوقۇققا دەخلى- تەرۇز قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ قارىغان. شياۋخې تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئېھتىيات بىلەن دىققەت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان، يىقىلىپ زەخىملەنگەندىمۇ ئۆزىنىڭ خاتالىقىغا مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

 سوت مەھكىمىسى ھەرقايسى تەرەپنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سەۋەنلىك جاۋابكارلىق نىسبىتى بويىچە مەلۇم سودا ئاپپاراتىنى شياۋخېنىڭ داۋالىنىش ھەققى، تاتۇقنى ساقايتىش ھەققى، ئوزۇقلىنىش ھەققى قاتارلىق 6000 يۈەندىن ئارتۇق پۇلىنى تۆلەشكە ھۆكۈم قىلدى. ھازىر، بۇ ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولدى.

 سوتچىنىڭ ئەسكەرتمىسى

 شەھەر سىرتىدا ئېلان تاختىسى، چوڭ كۈنلۈك قاتارلىقلارنىڭ بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى كۆپ يۈز بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىگىدارى، باشقۇرغۇچىسى ھەم ئىشلەتكۈچىسى بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش، قەرەللىك ئاسراش قاتارلىق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ، بىخەتەرلىك ئېڭىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى توسۇپ، چۈشۈپ كېتىپ ئادەم يارىلاندۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125