سوئال: ۋېناغا ئاسما ئوكۇل سېلىش دورا ئىچكەنگە قارىغاندا تېخىمۇ قولايلىق، ئۈنۈمى تېخىمۇ تېز بولامدۇ؟
جاۋاب: كېسەلنى داۋالاش جەريانىدا، نۇرغۇن كىشى ۋېناغا ئاسما ئوكۇل سېلىش دورا ئىچكەنگە قارىغاندا تېخىمۇ قولايلىق، ئۈنۈمى تېخىمۇ تېز بولىدۇ، دەپ قاراپ، ئاغرىپ قالسىلا ئاسما ئوكۇل سېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خىل خاتا تونۇش، ۋېناغا كەلسە- كەلمەس ئاسما ئوكۇل سالغاندا سالامەتلىككە نۇرغۇن زىيىنى بار.
ۋېناغا ئاسما ئۇكۇل سېلىش ئاغرىققا ۋېنادىن سۇيۇقلۇق بېرىش ياكى ئوكۇل قىلىپ سالىدىغان دورا بېرىشنى، ئادەتتە ئاغرىق دورىنى ئىچىش ھەم مۇسكۇل ياكى تېرە ئاستىغا ئوكۇل قىلىش ئارقىلىق ئۈنۈملۈك داۋالاشقا ئېرىشەلمىگەندە ئاندىن تاللاپ ئىشلىتىلىدىغان دورا بېرىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. دورا ئادەم بەدىنىدىكى قان ئايلىنىشقا بىۋاسىتە كىرگەچكە، دورىنىڭ سۈمۈرۈلۈش جەريانىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئادەم بەدىنىنىڭ سىرتتىن كەلگەن ماددىلارنى پەرقلەندۈرۈشتىكى ئىممۇنىتېت ھالقىسىنى قىسقارتىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن دورىغا زىيادە سېزىمچانلىق قاتارلىق ناچار ئەھۋاللار ئاسانلا يۈز بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋېناغا كەلسە- كەلمەس ئاسما ئوكۇل سالغاندا، ئاسانلا ئىسسىقلىق مەنبەسى رېئاكسىيەسى، ۋېنا ياللۇغى، ھاۋا كەپلەشمىسى، مىكرو زەررىچە كەپلەشمىسى، سىڭىش خاراكتېرلىك زەخىملىنىش، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك زەئىپلىشىش، يۇقۇملىنىش قاتارلىق ناچار تەسىرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزىدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: جۇڭگو ئالاقە تورى بىرلەشمە رەددىيە بېرىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)