خاڭجوۋ شەھىرىدىكى كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققان خادىملارغا 1200 يۈەن باھار بايرىمىلىق ھال سوراش پۇلى تارقىتىلىدۇ
17:45:43 2024-02-08 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ھەر بىر ئادەمگە 1200 يۈەن! خاڭجوۋ شەھىرى شەھەر رايونىدىكى كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققان 1 مىليون 697 مىڭ كىشىگە باھار بايرىمىلىق ھال سوراش پۇلى تارقىتىدۇ

 مۇخبىرنىڭ خاڭجوۋ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، خاڭجوۋ شەھەر رايونىدىكى كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققان خادىملاردىن باھار بايرىمىلىق ھال سوراش پۇلى يېقىندا تارقىتىلىدىكەن، تارقىتىش ئۆلچىمى ھەر كىشىگە 1200 يۈەن بولىدىكەن. بۇ قېتىمقى تارقىتىش ئوبيېكتى خاڭجوۋ شەھەر رايونى (شياۋشەن رايونى، يۈخاڭ رايونى، لىنپىڭ رايونى، فۇياڭ رايونى، لىنئەن رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا ئىجتىمائىيلاشقان باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققانلار، جۈملىدىن، خاڭجوۋ شەھىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ ئىجتىمائىيلاشقان باشقۇرۇشنى يولغا قويغان مەركەز كارخانىلىرى ۋە ئۆلكىگە قاراشلىق كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققانلار بولۇپ، جەمئىي 1 مىليون 697 مىڭ ئادەم ئىكەن.

 خاڭجوۋ شەھەر رايونىدا ھەر يىلى ئەنئەنىۋى بايراملاردا ئىجتىمائىيلاشقان باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارغا جەمئىي 2800 يۈەن بايراملىق ھال سوراش پۇلى تارقىتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە باھار بايرىمىلىق ھال سوراش پۇلىنىڭ ئۆلچىمى ھەر ئادەمگە 1200 يۈەن بولۇپ، بۇ قېتىم شەھەر بويىچە جەمئىي 2 مىليارد 36 مىليون يۈەن تارقىتىلىدىكەن.

 پايدىلانغان مەنبە: خاڭجوۋ گېزىتى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125