مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار پېشقەدەم يولداشلارنى يوقلىدى
21:58:19 2024-02-08 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى  باھار بايرىمى ھارپىسىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا خۇ جىنتاۋ، جۇ رۇڭجى، لى رۇيخۇەن، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، سۇڭ پىڭ، لى لەنچىڭ، زېڭ چىڭخۇڭ، ۋۇ گۇەنجېڭ، لى چاڭچۇن، لو گەن، خې گوچياڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى ۋە تيەن جىيۈن، چى خاۋتيەن، ۋاڭ لېچۈەن، ۋاڭ جاۋگو، خۇي لياڭيۈ، ليۇ چى، ۋۇ يى، ساۋ گاڭچۇەن، زېڭ پېييەن، ۋاڭ گاڭ، ليۇ يەندۇڭ، لى يۈەنچاۋ، ما كەي، شۈ چىلياڭ، سۈن چۇنلەن، لى جيەنگو، فەن چاڭلۇڭ، مېڭ جيەنجۇ، گو جىنلۇڭ، ۋاڭ چېن، ليۇ خې، ياڭ جيېچى، ياڭ شياۋدۇ، چېن چۈەنگو، گو شېڭكۇن، ۋاڭ خەنبىن، خې يۇڭ، دۇ چىڭلىن، جاۋ خۇڭجۇ، يوۋ چۈەن، ۋاڭ بىڭچيەن، زوۋ جياخۇا، پېڭ پېييۈن، جوۋ گۇاڭجاۋ، لى تيېيىڭ، شۈ جيالۇ، جياڭ جېڭخۇا، گۇ شيۇليەن، رې دى، شېڭ خۇارېن، لۇ يۇڭشياڭ، ئۇيۈنچىمۇگې، خۇا جيەنمىن، چېن جىلى، ئىسمائىل تىلىۋالدى، جياڭ شۇشېڭ، ۋاڭ شېڭجۈن، چېن چاڭجى، يەن جۈنچى، جاڭ پىڭ، شياڭبا پىڭسو، جاڭ باۋۋېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۇنشيەن، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، بەيما چىلىن، تاڭ جياشۈەن، لياڭ گۇاڭليې، دەي بىڭگو، چاڭ ۋەنچۈەن، جاۋ كېجى، خەن جۇبىن، جيا چۈنۋاڭ، رېن جيەنشىن، سۇڭ جيەن، خۇ چىلى، ۋاڭ جۇڭيۈ، لى گۇيشيەن، خاۋ جيەنشيۇ، شۈ كۇاڭدى، جاڭ خۇەيشى، لى مېڭ، لياۋ خۇي، بەي لىچېن، چېن كۇييۈەن، ئابلەت ئابدۇرېشىت، لى جاۋجو، خۇاڭ مېڭفۇ، جاڭ مېييىڭ، جاڭ رۇڭمىڭ، چيەن يۈنلۇ، سۈن جياجېڭ، لى جىنخۇا، جېڭ ۋەنتۇڭ، دېڭ پۇفاڭ، لى ۋۇۋېي، چېن زۇڭشىڭ، ۋاڭ جىجېن، خەن چىدې، لىن ۋېنيى، لو فۇخې، لى خەيفېڭ، چېن يۈەن، جوۋ شياۋچۇەن، ۋاڭ جيارۇي، چى شۈچۇن، ما پېيخۇا، ليۇ شياۋفېڭ، ۋاڭ چىنمىن، جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، ياڭ چۇەنتاڭ، لى بىن، ۋاڭ يۇڭچىڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ قاتارلىق پېشقەدەم يولداشلارنى يوقلىدى ياكى ئالاقىدار تەرەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلارغا يوقلاشنى ھاۋالە قىلىپ، ئۇلارغا بايراملىق سەمىمىي سالام يوللىدى، ئۇلارنىڭ باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە، تېنىنىڭ ساغلام، ئۆمرىنىڭ ئۇزاق بولۇشىغا چىن كۆڭلىدىن تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

 پېشقەدەم يولداشلار بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىلى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە پۇختا قەدەم تاشلىغانلىقىغا يۈكسەك باھا بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى ئىكەنلىكىنى چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پېشقەدەم يولداشلار پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125