شى جىنپىڭ چىلىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى پىنېرانىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چىلى زۇڭتۇڭى بورىچقا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
22:58:29 2024-02-08 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2- ئاينىڭ 7- كۈنى تېلېگراممىسى  2- ئاينىڭ 7- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چىلىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى پىنېرانىڭ بەختكە قارشى ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چىلى زۇڭتۇڭى بورىچقا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، پىنېرانىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە چىلى خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پىنېرا ئەپەندى چىلىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىيون، ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو- چىلى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان دوستانە ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقىرىپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇق ئىشلىرىغا پائال تۆھپە قوشقان. ئۇ ۋاپات بولۇپ، جۇڭگو خەلقى بىر قەدىناس دوستى، ياخشى دوستىدىن ئايرىلىپ قالدى. مەن جۇڭگو- چىلى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ بورىچ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو- چىلى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125